< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 14 >
شۇنىڭ بىلەن بارلىق جامائەت داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ ئۇلار كېچىچە يىغا-زار قىلىشىپ چىقتى. | 1 |
O gece bütün topluluk yüksek sesle bağrışıp ağladı.
ئىسرائىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! | 2 |
Bütün İsrail halkı Musa'yla Harun'a karşı söylenmeye başladı. Onlara, “Keşke Mısır'da ya da bu çölde ölseydik!” dediler,
پەرۋەردىگار نېمىشقا بىزنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلسۇن، خوتۇن بالا-چاقىلىرىمىز بۇلىنىپ، [دۈشمەننىڭ] ئولجىسى بولسۇن دەپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دەپ غوتۇلداشتى. | 3 |
“RAB neden bizi bu ülkeye götürüyor? Kılıçtan geçirilelim diye mi? Karılarımız, çocuklarımız tutsak edilecek. Mısır'a dönmek bizim için daha iyi değil mi?”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: — باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، — دېيىشتى. | 4 |
Sonra birbirlerine, “Kendimize bir önder seçip Mısır'a dönelim” dediler.
مۇسا بىلەن ھارۇن پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتتى. | 5 |
Bunun üzerine Musa'yla Harun İsrail topluluğunun önünde yüzüstü yere kapandılar.
شۇ يەرنى چارلاپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب كىيىملىرىنى يىرتىپ، | 6 |
Ülkeyi araştıranlardan Nun oğlu Yeşu'yla Yefunne oğlu Kalev giysilerini yırttılar.
پۈتۈن ئىسرائىل جامائەتچىلىكىگە: — بىز چارلاپ كېلىشكە ئۆتۈپ بارغان زېمىن ئىنتايىن بەك ياخشى زېمىن ئىكەن. | 7 |
Sonra bütün İsrail topluluğuna şöyle dediler: “İçinden geçip araştırdığımız ülke çok iyi bir ülkedir.
ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن سۆيۈنسە، بىزنى شۇ زېمىنغا، يەنى ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ زېمىنغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنى بىزگە بېرىدۇ. | 8 |
Eğer RAB bizden hoşnut kalırsa, süt ve bal akan o ülkeye bizi götürecek ve orayı bize verecektir.
سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، — دېدى. | 9 |
Ancak RAB'be karşı gelmeyin. Orada yaşayan halktan korkmayın. Onları ekmek yer gibi yiyip bitireceğiz. Koruyucuları onları bırakıp gitti. Ama RAB bizimledir. Onlardan korkmayın!”
ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارغا ئايان بولدى. | 10 |
Topluluk onları taşa tutmayı düşünürken, ansızın RAB'bin görkemi Buluşma Çadırı'nda bütün İsrail halkına göründü.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟ | 11 |
RAB Musa'ya şöyle dedi: “Ne zamana dek bu halk bana saygısızlık edecek? Onlara gösterdiğim bunca belirtiye karşın, ne zamana dek bana iman etmeyecekler?
مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى. | 12 |
Onları salgın hastalıkla cezalandıracağım, mirastan yoksun bırakacağım. Ama seni onlardan daha büyük, daha güçlü bir ulus kılacağım.”
مۇسا بولسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: — «بۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ئىشنى مىسىرلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ؛ | 13 |
Musa, “Mısırlılar bunu duyacak” diye karşılık verdi, “Çünkü bu halkı gücünle onların arasından sen çıkardın.
ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرگىمۇ ئېيتىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىمۇ سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىڭنى، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز كۆرۈنگەنلىكىڭنى، سېنىڭ بۇلۇتىڭ دائىم ئۇلارغا سايە چۈشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىڭنى ئاڭلىغانىدى. | 14 |
Kenan topraklarında yaşayan halka bunu anlatacaklar. Ya RAB, bu halkın arasında olduğunu, onlarla yüz yüze görüştüğünü, bulutunun onların üzerinde durduğunu, gündüz bulut sütunu, gece ateş sütunu içinde onlara yol gösterdiğini duymuşlar.
ئەمدى سەن بۇ خەلقنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭنى ئاڭلىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى: | 15 |
Eğer bu halkı bir insanmış gibi yok edersen, senin ününü duymuş olan bu uluslar, ‘RAB ant içerek söz verdiği ülkeye bu halkı götüremediği için onları çölde yok etti’ diyecekler.
«پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۆزى ئۇلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنى ئەشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ قالىدۇ. | 16 |
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ: | 17 |
“Şimdi gücünü göster, ya Rab. Demiştin ki,
«پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى كەچۈرىدۇ، لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدۇ، ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ» دېگىنىڭدەك قىلغايسەن. | 18 |
‘RAB tez öfkelenmez, sevgisi engindir, suçu ve isyanı bağışlar. Ancak suçluyu cezasız bırakmaz; babaların işlediği suçun hesabını üçüncü, dördüncü kuşak çocuklarından sorar.’
مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!». | 19 |
Mısır'dan çıkışlarından bugüne dek bu halkı nasıl bağışladıysan, büyük sevgin uyarınca onların suçunu bağışla.”
پەرۋەردىگار: — «بوپتۇ، سەن دېگەندەك ئۇلارنى كەچۈردۈم. | 20 |
RAB, “Dileğin üzerine onları bağışladım” diye yanıtladı,
لېكىن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل يەر يۈزى مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولىدۇ. | 21 |
“Ne var ki, varlığım ve yeryüzünü dolduran yüceliğim adına ant içerim ki,
ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار، | 22 |
yüceliğimi, Mısır'da ve çölde gösterdiğim belirtileri görüp de beni on kez sınayan, sözümü dinlemeyen bu kişilerden hiçbiri
مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلىپ بېرىمەن دېگەن ئۇ زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ؛ مېنى مەنسىتمىگەنلەردىن بىرىمۇ ئۇ يۇرتنى كۆرەلمەيدۇ. | 23 |
atalarına ant içerek söz verdiğim ülkeyi görmeyecek. Beni küçümseyenlerden hiçbiri orayı görmeyecek.
لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ. | 24 |
Ama kulum Kalev'de başka bir ruh var, o bütün yüreğiyle ardımca yürüdü. Araştırmak için gittiği ülkeye onu götüreceğim, onun soyu orayı miras alacak.
‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار [تاغلىق] جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› — ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» — دېدى. | 25 |
Amalekliler'le Kenanlılar ovada yaşıyorlar. Siz yarın geri dönün, Kamış Denizi yolundan çöle gidin.”
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: | 26 |
RAB Musa'yla Harun'a da, “Bu kötü topluluk ne zamana dek bana söylenecek?” dedi, “Bana söylenen İsrail halkının yakınmalarını duydum.
— مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ [توختاۋسىز] غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. | 27 |
سەن ئۇلارغا: — پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خەپ، مەن سىلەرگە قۇلىقىمغا كىرگەن سۆزلىرىڭلار بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولسام! | 28 |
Onlara RAB şöyle diyor de: ‘Varlığım adına ant içerim ki, söylediklerinizin aynısını size yapacağım:
سىلەرنىڭ ئۆلۈكۈڭلار مۇشۇ چۆلدە ياتىدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، يەنى يېشى يىگىرمىدىن ئاشقان، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن سانى بويىچە | 29 |
Cesetleriniz bu çöle serilecek. Bana söylenen, yirmi ve daha yukarı yaşta sayılan herkes çölde ölecek.
سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ [قەسەم قىلىپ]، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ. | 30 |
Sizi yerleştireceğime ant içtiğim ülkeye Yefunne oğlu Kalev'le Nun oğlu Yeşu'dan başkası girmeyecek.
سىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى «بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەنلەرنى مەن باشلاپ كىرىمەن، ئۇلار سىلەر كەمسىتكەن ئۇ زېمىندىن بەھرىمەن بولىدۇ. | 31 |
Ama tutsak edilecek dediğiniz çocuklarınızı oraya, sizin reddettiğiniz ülkeye götüreceğim; orayı tanıyacaklar.
بىراق سىلەر بولساڭلار، سىلەر يىقىلىپ، ئۆلۈكۈڭلار بۇ چۆلدە قالىدۇ. | 32 |
Size gelince, cesetleriniz bu çöle serilecek.
سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. | 33 |
Çocuklarınız, hepiniz ölünceye dek kırk yıl çölde çobanlık edecek ve sizin sadakatsizliğiniz yüzünden sıkıntı çekecekler.
سىلەرنىڭ شۇ زېمىننى چارلىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە، قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر يىل ھېسابلاپ، قەبىھلىكلىرىڭلارنى قىرىق يىل ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ يۈرىسىلەر؛ شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ياتلاشقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىلەر» — دېگىن. | 34 |
Ülkeyi araştırdığınız günler kadar –kırk gün, her gün için bir yıldan kırk yıl– suçunuzun cezasını çekeceksiniz. Sizden yüz çevirdiğimi bileceksiniz!’
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ. | 35 |
Ben RAB söyledim; bana karşı toplanan bu kötü topluluğa bunları gerçekten yapacağım. Bu çölde yıkıma uğrayacak, burada ölecekler.”
مۇسا ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە، ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئېلىپ كېلىش بىلەن پۈتۈن جامائەتنى غوتۇلدىتىپ، مۇسانىڭ يامان گېپىنى قىلغۇزغانلار، | 36 |
Musa'nın ülkeyi araştırmak üzere gönderdiği adamlar geri dönüp ülke hakkında kötü haber yayarak bütün topluluğun RAB'be söylenmesine neden oldular.
يەنى ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئەكەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋابا كېسىلى تېگىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. | 37 |
Ülke hakkında kötü haber yayan bu adamlar RAB'bin önünde ölümcül hastalıktan öldüler.
زېمىننى چارلاپ كېلىشكە بارغان ئادەملەر ئىچىدىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبلا ھايات قالدى. | 38 |
Ülkeyi araştırmak üzere gidenlerden yalnız Nun oğlu Yeşu'yla Yefunne oğlu Kalev sağ kaldı.
مۇسا بۇ گەپلەرنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە ئېيتىۋىدى، ھەممىسى بەك ھەسرەت چەكتى. | 39 |
Musa bu sözleri İsrail halkına bildirince, halk yasa büründü.
ئۇلار ئەتىگەن تاڭ ئاتقاندا تۇرۇپ تاغقا چىقىپ: — مانا بىز كەلدۇق! پەرۋەردىگار ئېيتقان يۇرتقا چىقىپ ھۇجۇم قىلايلى؛ چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، — دېيىشتى. | 40 |
Sabah erkenden kalkıp dağın tepesine çıktılar. “Günah işledik” dediler, “Ama RAB'bin söz verdiği yere çıkmaya hazırız.”
— سىلەر يەنە نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ — دېدى مۇسا، — بۇ ئىش غەلىبىلىك بولمايدۇ! | 41 |
Bunun üzerine Musa, “Neden RAB'bin buyruğuna karşı geliyorsunuz?” dedi, “Bunu başaramazsınız.
پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا بولمىغاچقا، دۈشمەننىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلۈپ، مەغلۇپ بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ھۇجۇمغا چىقماڭلار. | 42 |
Savaşa gitmeyin, çünkü RAB sizinle olmayacak. Düşmanlarınızın önünde yenilgiye uğrayacaksınız.
چۈنكى ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار ئۇ يۇرتتا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتىڭلار، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولمايدۇ. | 43 |
Amalekliler'le Kenanlılar sizinle orada karşılaşacak ve sizi kılıçtan geçirecekler. Çünkü RAB'bin ardınca gitmekten vazgeçtiniz. RAB de sizinle olmayacak.”
لېكىن، گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە مۇسا بارگاھتىن قوزغالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز مەيلىچە تاغقا چىقىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. | 44 |
Öyleyken, kendilerine güvenerek dağlık bölgenin tepesine çıktılar. RAB'bin Antlaşma Sandığı da Musa da ordugahta kaldı.
شۇنىڭ بىلەن ئامالەكلەر بىلەن شۇ تاغدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلار چۈشۈپ ئۇلارنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، بىتچىت قىلىپ قىرغىن قىلدى. | 45 |
Dağlık bölgede yaşayan Amalekliler'le Kenanlılar üzerlerine saldırdılar, Horma Kenti'ne dek onları kovalayıp bozguna uğrattılar.