< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 11 >
ۋە شۇنداق بولدىكى، خەلق غوتۇلدىشاتتى، ئۇلارنىڭ غوتۇلداشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئىنتايىن رەزىل ئاڭلاندى؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوت-يالقۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇتىشىپ، بارگاھنىڭ چېتىدىكى بەزىلەرنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. | 1 |
यस बेला परमप्रभुले सुन्ने गरी मानिसहरूले तिनीहरूका कष्टबारे गनगन गरे । परमप्रभुले मानिसहरूको गनगन सुन्नुभयो र रिसाउनुभयो । परमप्रभुबाट आगो दन्कियो र यसका किनाराका केही छाउनीहरू जले ।
خەلق بۇ چاغدا مۇساغا يالۋۇرىۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگاردىن تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئوت پەسىيىپ ئۆچتى. | 2 |
अनि मानिसहरूले मोशासँग बिन्ती गरे । यसैले मोशाले परमप्रभुसँग प्रार्थना गरे, र आगो रोकियो ।
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇ يەرگە «تابەراھ» دەپ ئات قويدى. | 3 |
त्यस ठाउँको नाउँ तबेरा राखियो, किनभने परमप्रभुको आगो मानिसहरूमाझ दन्कियो ।
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالغۇت كىشىلەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىسرائىللارمۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟ | 4 |
केही विदेशीहरू इस्राएलका सन्तानहरूसँग छाउनीमा बस्न थाले । तिनीहरूले मिठो खानेकुरा खाने इच्छा गरे । अनि इस्राएलका मानिसहरू रुन थाले र भने, “हामीलाई कसले मासु खान दिन्छ?”
ھېلىمۇ ئېسىمىزدىكى، بىز مىسىردىكى چاغلاردا پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ بېلىق يېيەلەيتتۇق، يەنە تەرخەمەك، تاۋۇز، پىياز ۋە كۈدە پىياز بىلەن سامساقمۇ بار ئىدى. | 5 |
हामीले मिश्रमा खुलमखुला खाएका माछा, काँक्रा, खरबूजा, कन्दहरू, प्याज र लसुन सम्झन्छौँ ।
مانا بۇ يەردە ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ماننادىن باشقا ھېچنېمە يوق، ئەمدى بىزنىڭ جېنىمىزمۇ قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىشتى. | 6 |
अहिले हाम्रो भोक नै हराइसकेको छ, किनभने हामी देख्ने जत्ति सबै थोक मन्न मात्र हो ।”
ماننا گويا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىغا، كۆرۈنۈشى گويا كەھرىۋاغا ئوخشايتتى. | 7 |
मन्न धनियाँको बिउजस्तो थियो । यो हेर्दा खोटोजस्तो देखिन्थ्यो ।
كىشىلەر ئۇيان-بۇيان چېپىپ ئۇنى يىغىپ، بەزىدە يارغۇنچاقتا ئېزىپ، بەزىدە ھاۋانچىدا سوقۇپ، يا بەزىدە قازاندا پىشۇرۇپ نان قىلىپ يەيتتى؛ تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارغا ئوخشايتتى. | 8 |
मानिसहरू वरिपरि जान्थे र यसलाई बटुल्थे । तिनीहरूले यसलाई पिँध्थे, ओखलीमा कुट्थे, भाँडामा उमाल्थे र यसलाई फुरौला बनाउँथे । यो ताजा जैतूनको तेलको स्वादको थियो ।
كېچىدە بارگاھقا شەبنەم چۈشكەندە، ماننامۇ شۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەتتى. | 9 |
छाउनीमा राती शीत पर्दा मन्न पनि झर्थ्यो ।
مۇسا خەلقنىڭ ئائىلىمۇ-ئائىلە ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىغا-زار قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى؛ بۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى، بۇ ئىش مۇسانىڭ نەزىرىدىمۇ يامان كۆرۈندى. | 10 |
मानिसहरू आ-आफ्ना परिवारमा रोएको मोशाले सुने र सबै मानिस आ-आफ्ना पालको ढोका थिए । परमप्रभु साह्रै क्रोधित हुनुभयो र तिनीहरूको गनगन मोशाको दृष्टिमा गलत थियो ।
مۇسا پەرۋەردىگارغا: — سەن بۇ بارلىق خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ، مەن قۇلۇڭنى نېمىشقا بۇنداق قىينايسەن؛ نېمىشقا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپمايمەن؟ | 11 |
मोशाले परमप्रभुलाई भने, “तपाईंको दासलाई किन यति नराम्रो व्यावहार गर्नुभएको? तपाईं किन मसँग खुसी हुनुहुन्न? तपाईंले मलाई यी सबै मानिसको बोझ बोकाउनुहुन्छ ।
يا مەن بۇ پۈتۈن خەلققە ھامىلىدار بولۇپ، ئۇلارنى تۇغدۇممۇ؟ سەن تېخى ماڭا: «سەن ئۇلارنى مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلغان شۇ يەرگە يەتكۈزگۈچە، خۇددى باققان ئاتىسى ئەمچەكتىكى بوۋاقنى باغرىغا ئالغاندەك باغرىڭغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭ» دەۋاتىسەن؟ | 12 |
के यी मानिसहरूलाई मैले गर्भधारण गरेको थिएँ? के तिनीहरूलाई मैले जन्माएको थिएँ अनि 'तिनीहरूलाई बुबाले बालकलाई आफ्नो छातीमा टाँसेर बोकेझैँ बोक्' भन्नुहुन्छ? के मैले तिनीहरूलाई तपाईंले तिनीहरूका पुर्खाहरूलाई दिन्छु भनी प्रतिज्ञा गर्नुभएको मुलुक दिन त्यहाँसम्म नै बोक्नुपर्ने?
مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە. | 13 |
यी सबै मानिसलाई खुवाउन मैले मासु कहाँ पाउन सक्छु? तिनीहरू 'हामीलाई मासु खान दिनुहोस्' भन्दै मेरो सामु रोइरहेका छन् ।
مەن بۇ خەلقنى كۆتۈرۈشنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. | 14 |
यी सबै मानिसलाई म एक्लै बोक्न सक्दिनँ । तिनीहरू मेरो निम्ति अति धेरै भएका छन् ।
ئەگەر سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولساڭ، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خاراب ھالىتىمنى ماڭا كۆرسەتمەي، ئىلتىپات قىلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! — دېدى. | 15 |
तपाईंले मसँग यस्तो व्यवहार गरिरहनुभएको हुनाले यदि मैले तपाईंको दृष्टिमा निगाह पाएको छु भने मलाई अहिले नै मार्नुहोस्, मैले मेरो बिजोग देख्नु नपरोस् ।”
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن. | 16 |
परमप्रभुले मोशालाई भन्नुभयो, “इस्राएलका सत्तरी जना धर्म-गुरु मकहाँ ले । तिनीहरू सबै धर्म-गुरु र मानिसहरूका अधिकृतहरू होऊन् । तिनीहरूलाई भेट हुने पालमा तँसँगै खडा हुनलाई ले ।
مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ سېنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن؛ ۋە سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرۇۋاتقان روھنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بۆلۈپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەن بىلەن بىللە خەلقنى كۆتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاندىن سەن ئۇنى ئۆزۈڭ يالغۇز كۆتۈرمەيدىغان بولىسەن. | 17 |
म ओर्ली आउनेछु र तँसँग कुरा गर्नेछु । तँसँग भएको केही आत्मा लिएर यसलाई म तिनीहरूमाथि राख्नेछु । तिनीहरूले मानिसहरूका बोझ तँसँगै बहन गर्नेछन् । यसलाई तँ एक्लैले बोक्नुपर्नेछैन ।
سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «ئەتە گۆش يىيىشكە تەييارلىنىپ ئۆزەڭلەرنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ يىغلاپ: «ئەمدى كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ ئاھ، مىسىردىكى ھالىمىز بەك ياخشى ئىدى!» دېگەنىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. | 18 |
मानिसहरूलाई भन्, 'भोलिको निम्ति आफैलाई शुद्ध पार र तिमीहरूले साँच्चै मासु खानेछौ, किनकि तिमीहरू रोएका छौ र परमप्रभुले सुन्नुभएको छ । तिमीहरूले भन्यौ, “हामीलाई कसले मासु खान दिन्छ? हामीलाई मिश्र देश नै असल थियो ।” यसकारण, परमप्रभुले तिमीहरूलाई मासु दिनुहुनेछ र तिमीहरूले यसलाई खानेछौ ।
سىلەر بىر كۈن، ئىككى كۈن ئەمەس، بەش كۈن، ئون كۈن ئەمەس، يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، | 19 |
तिमीहरूले मासु एक दिन, दुई दिन, पाँच दिन, दस दिन वा बिस दिन मात्र खानेछेनौ,
بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار». | 20 |
तर तिमीहरूले तिमीहरूको नाक लागूञ्जेलसम्म पुरै महिनाभरि नै मासु खानेछौ । यो तिमीहरूलाई दिगमिग हुनेछ, किनभने तिमीहरूले परमप्रभुलाई इन्कार गरेका छौ, जो तिमीहरू माझ हुनुहुन्छ । तिमीहरू उहाँको सामु रोएका छौ । तिमीहरूले भन्यौ, “हामीले मिश्र देश किन छाड्यौँ?”
مۇسا: — مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى: «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛ | 21 |
त्यसपछि मोशाले भने, “म छ लाख मानिससँग छु, र तपाईंले भन्नुभएको छ, 'मैले तिनीहरूलाई पुरै एक महिना मासु खान दिनेछु ।'
ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ — دېدى. | 22 |
के तिनीहरूलाई तृप्त पार्न हामीले भेडा-बाख्राहरू र गाईवस्तुहरू काट्नु त? के तिनीहरूलाई तृप्त पार्न हामीले समुद्रका सबै माछाहरू पक्रने?”
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ — دېدى. | 23 |
परमप्रभुले मोशालाई भन्नुभयो, “के मेरो बहुली छोटो भएको छ? मेरो वचन सत्य हो वा होइन भनी अब तैँले देख्नेछस् ।”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلققە يەتكۈزدى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللاردىن يەتمىش ئادەمنى تاللاپ يىغىپ ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. | 24 |
मोशा बाहिर गए र परमप्रभुको वचन बोले । तिनले मानिसका सत्तरी जना धर्म-गुरुलाई भेला गरे र तिनीहरूलाई पालको वरिपरि राखे ।
ئاندىن پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىكى روھتىن ئېلىپ يەتمىش ئاقساقالغا قويدى؛ روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئۇلار بېشارەت بېرىشكە كىرىشتى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. | 25 |
परमप्रभु बादलमा तल आउनुभयो र मोशासँग बोल्नुभयो । परमप्रभुले मोशासँग भएको केही आत्मा लिनुभयो र यसलाई सत्तरी जना धर्म-गुरुमाथि राखिदिनुभयो । तिनीहरूमाथि आत्मा आउनुभएपछि तिनीहरूले अगमवाणी गरे, तर त्यस बेला मात्र र फेरि अगमवाणी गरेनन् ।
لېكىن ئۇ چاغدا ئۇلاردىن ئىككى ئادەم بارگاھتا قالدى؛ بىرسىنىڭ ئىسمى ئەلداد، ئىككىنچىسى مېداد ئىدى ‹ئۇلار ئەسلىدە ئاقساقاللارنىڭ ئارىسىدا تىزىملانغانىدى، لېكىن ئىبادەت چېدىرىغا چىقماي قالغانىدى›. روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قوندى ۋە ئۇلار بارگاھ ئىچىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. | 26 |
एल्दाद र मेदाद नाउँ गरेका दुई जना छाउनीमा नै बसे । आत्मा तिनीहरूमाथि पनि आउनुभयो । सूचीमा तिनीहरूका नाउँ पनि उल्लेख गरिएको थियो, तर तिनीहरू पालमा गएका थिएनन् । तथापि तिनीहरूले छाउनीमा नै अगमवाणी गरे ।
ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا: — ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، — دېدى. | 27 |
छाउनीमा भएका एक जना जवान दौडेर गएर मोशालाई भने, “एल्दाद र मेदादले छाउनीमा नै अगमवाणी गरिरहेका छन् ।”
مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ: — ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، — دېدى. | 28 |
मोशाका सहायक, तिनका चुनिएका एक जना अर्थात् नूनका छोरा यहोशूले मोशालाई भने, “मालिक, तिनीहरूलाई रोक्नुहोस् ।”
لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى. | 29 |
मोशाले तिनलाई भने, “के तिमी मेरो खातिर डाही हुन्छौ? परमप्रभुले उहाँका सबै मानिसमाथि उहाँको आत्मा राखेर तिनीहरू अगमवक्ताहरू भए कति राम्रो हुन्थ्यो!”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى بارگاھقا قايتىپ كېتىشتى. | 30 |
मोशा र इस्राएलका धर्म-गुरुहरू छाउनीमा फर्केर गए ।
ئەمدى پەرۋەردىگار ئالدىدىن بىر شامال چىقىپ، ئۇ دېڭىز تەرەپتىن بۆدۈنىلەرنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا يېيىۋەتتى؛ بۆدۈنىلەر بارگاھنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول، بۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى. | 31 |
त्यसपछि परमप्रभुबाट बतास आयो र समुद्रबाट बट्टाई चराहरू ल्यायो । तिनीहरू छाउनी नजिक वरिपरि एक दिनको बाटोभरि झरे । बट्टाई चराहरूले लगभग एक मिटर जत्ति बाक्लो हुने गरी जमिनलाई नै ढाके ।
خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتكۈل شۇ كۈنى، شۇ كېچىسى ۋە ئەتىسى پۈتۈن كۈن بۆدۈنە تۇتۇپ يىغدى، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ ئالاھازەل ئىككى خومىر يىغدى؛ ئۇلار بۇلارنى بارگاھنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېيىشتى. | 32 |
मानिसहरू त्यस दिनभरि, रातभरि र अर्को दिनभरि बट्टाई चराहरू बटुल्नमा व्यस्त भए । कसैले पनि पच्चिस मुरीभन्दा कम बटुलेन । तिनीहरूले छाउनीभरि बट्टाई चराहरू फिँजाए ।
ئۇلار گۆشنى چايناپ ئېزىپ بولماي، گۆش تېخى چىشلىرى ئارىسىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا بىلەن ئۇردى. | 33 |
मासु तिनीहरूको मुखमा हुँदा नै, तिनीहरूले यसलाई चपाइरहँदा नै, परमप्रभु तिनीहरूसँग क्रोधित हुनुभयो । उहाँले मानिसहरूलाई भयङ्कर रोगले प्रहार गर्नुभयो ।
شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت-ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى. | 34 |
त्यस ठाउँको नाउँ किब्रोथ-हत्तावा राखियो, किनभने मासुको लालसा गर्ने मानिसहरूलाई तिनीहरूले त्यहाँ गाडे ।
كېيىن خەلق قىبروت-ھاتتاۋاھتىن يولغا چىقىپ ھازىروتقا كېلىپ، ھازىروتتا توختىدى. | 35 |
किब्रोथ-हत्तावाबाट मानिसहरू हसेरोततिर गए, जहाँ तिनीहरू बसे ।