< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 10 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 1
خداوند به موسی فرمود:
سەن ئۆزۈڭگە ئىككى كاناي ياساتقىن؛ ئۇلارنى كۈمۈشتىن سوقتۇر. ئۇلار جامائەتنى يىغىشقا، شۇنداقلا جامائەتنى بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 2
«دو شیپور از نقره چکش‌کاری شده درست کن و آنها را برای جمع کردن قوم اسرائیل و نیز برای کوچ دادن اردو به کار ببر.
ئىككى كاناي چېلىنغاندا پۈتكۈل جامائەت سېنىڭ يېنىڭغا جامائەت چېدىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىدىغان بولسۇن. 3
هر وقت هر دو شیپور نواخته شوند، قوم بدانند که باید دم مدخل خیمهٔ ملاقات جمع شوند.
ئەگەر يالغۇز بىرى چېلىنسا، ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىڭبېشىلىرى سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ يىغىلسۇن. 4
ولی اگر یک شیپور نواخته شود، آنگاه فقط سران قبایل اسرائیل پیش تو بیایند.
سىلەر قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا كۈن چىقىش تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن. 5
«وقتی شیپور کوچ نواخته شود، قبیله‌هایی که در سمت شرقی خیمهٔ عبادت چادر زده‌اند باید حرکت کنند.
ئاندىن سىلەر ئىككىنچى قېتىم قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا جەنۇب تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن؛ ئۇلار يولغا چىققان چاغدا كاناي قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىنىشى كېرەكتۇر. 6
بار دوم که شیپور نواخته شود، قبیله‌های سمت جنوب راه بیفتند. برای کوچاندن قوم باید شیپور را با صدای تیز نواخت.
جامائەتنى يىغىلىشقا چاقىرىدىغان چاغدا، كاناي چېلىڭلار، ئەمما قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالماڭلار؛ 7
اما وقتی برای جمع کردن جماعت شیپور را می‌نوازید باید با صدایی دیگر بنوازید.
ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى، كاھىن بولغانلار كانايلارنى چالسۇن؛ بۇلار سىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولسۇن. 8
فقط کاهنان نسل هارون مجازند شیپور بنوازند. این یک حکم دائمی است که باید نسل اندر نسل آن را بجا آورند.
ئەگەر سىلەر ئۆز زېمىنىڭلاردا سىلەرگە زۇلۇم سالغان دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقساڭلار، قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ياد ئېتىلىپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلىسىلەر. 9
«وقتی در سرزمین موعود، دشمن به شما حمله کند و شما در دفاع از خود با آنها وارد جنگ شوید، شیپورها را بلند بنوازید تا یهوه خدایتان شما را به یاد آورد و از چنگ دشمنانتان نجات دهد.
بۇنىڭدىن باشقا، خۇشال كۈنلىرىڭلاردا، بېكىتىلگەن ھېيتلىرىڭلاردا ۋە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە، سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنغىنىڭلاردا، قۇربانلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن [كانايلار] سىلەرنى خۇدايىڭلارغا ئەسلەتكۈچى بولىدۇ؛ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. 10
در روزهای شاد خود نیز این شیپورها را بنوازید، یعنی در موقع برگزاری عیدها و اول هر ماه که قربانیهای سوختنی و قربانیهای سلامتی تقدیم می‌کنید و من شما را به یاد خواهم آورد. من خداوند، خدای شما هستم.»
ئىككىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى بۇلۇت ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى؛ 11
در روز بیستم ماه دوم از سال دوم، بعد از بیرون آمدن بنی‌اسرائیل از مصر، ابر از بالای خیمهٔ عبادت حرکت نمود.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار سىناي چۆلىدىن چىقىپ، يول ئېلىپ سەپەرلىرىنى باشلىدى؛ بۇلۇت پاران چۆلىدە توختىدى. 12
پس قوم اسرائیل از صحرای سینا کوچ کرده، به دنبال ابر به راه افتادند تا اینکه ابر در صحرای فاران از حرکت بازایستاد.
بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى. 13
پس از آنکه موسی دستورهای خداوند را در مورد کوچ قوم دریافت کرد این نخستین سفر ایشان بود.
يەھۇدا بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ ئالدى بىلەن يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئىدى. 14
سربازان قبیلهٔ یهودا زیر پرچم بخش خود به رهبری نحشون پسر عمیناداب، پیشاپیش قوم اسرائیل حرکت می‌کردند.
ئىسساكار قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىدى. 15
پشت سر آنها، سربازان قبیلهٔ یساکار به رهبری نتنائیل پسر صوعَر در حرکت بودند
زەبۇلۇن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب ئىدى. 16
و بعد از آنها سربازان قبیلهٔ زبولون به رهبری الیاب پسر حیلون.
ئاندىن ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ، گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. 17
مردان بنی‌جرشون و بنی‌مراری از قبیلهٔ لاوی، خیمهٔ عبادت را که جمع شده بود بر دوش گذاشتند و به دنبال قبیلهٔ زبولون به راه افتادند.
رۇبەن بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئىدى. 18
پشت سر آنها، سربازان قبیلهٔ رئوبین زیر پرچم بخش خود به رهبری الیصور پسر شدیئور حرکت می‌کردند.
شىمېئون قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل ئىدى. 19
در صف بعدی، سربازان قبیلهٔ شمعون به رهبری شلومی‌ئیل پسر صوریشدای
گاد قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. 20
و پس از آنها، سربازان قبیلهٔ جاد به رهبری الیاساف پسر دعوئیل قرار داشتند.
ئاندىن كوھاتلار مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى؛ ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىبادەت چېدىرىنى [كۆتۈرگۈچىلەر] كېلىپ ئۇنى تىكلەپ قويۇشقانىدى. 21
به دنبال آنها بنی‌قهات که اسباب و لوازم قدس را حمل می‌کردند در حرکت بودند. (بر پا سازی خیمهٔ عبادت در جایگاه جدید می‌بایستی پیش از رسیدن قهاتیان انجام می‌شد.)
ئەفرائىم بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئىدى. 22
در صف بعدی سربازان قبیلهٔ افرایم بودند که زیر پرچم بخش خود به رهبری الیشمع پسر عمیهود حرکت می‌کردند.
ماناسسەھ قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل ئىدى. 23
قبیلهٔ منسی به رهبری جملی‌ئیل پسر فدهصور
بىنيامىن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئىدى. 24
و قبیلهٔ بنیامین به رهبری ابیدان پسر جدعونی پشت سر آنها بودند.
دان بارگاھى ھەممە بارگاھلارنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر ئىدى. 25
آخر از همه، سربازان قبایل بخش دان زیر پرچم خود حرکت می‌کردند. سربازان قبیلهٔ دان به رهبری اخیعزر پسر عمیشدای،
ئاشىر قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل ئىدى. 26
سربازان قبیلهٔ اشیر به رهبری فجعی‌ئیل پسر عکران،
نافتالى قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا ئىدى. 27
و سربازان قبیلهٔ نفتالی به رهبری اخیرع پسر عینان به ترتیب در حرکت بودند.
بۇلار ئىسرائ‍ىللار يولغا چىققاندا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ مېڭىش تەرتىپى ئىدى؛ ئۇلار شۇ تەرىقىدە يولغا چىقتى. 28
این بود ترتیب حرکت قبیله‌های اسرائیل با سربازانشان در هنگام کوچ کردن.
مۇسا ئۆزىنىڭ قېيناتىسى، مىدىيانلىق رېئۇئەلنىڭ ئوغلى ھوبابقا: — بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان يەرگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتىمىز، ئۇ: «مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەن؛ ئۆزلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە مېڭىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، بىز سىلىگە ياخشى قارايمىز، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل توغرۇلۇق بەخت-سائادەت ئاتا قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، — دېدى. 29
روزی موسی به برادر زنش حوباب پسر رعوئیل مدیانی گفت: «ما عازم سرزمینی هستیم که خداوند وعدهٔ آن را به ما داده است. تو هم همراه ما بیا و ما در حق تو نیکی خواهیم کرد، زیرا خداوند وعده‌های عالی به قوم اسرائیل داده است.»
لېكىن ھوباب مۇساغا: — ياق، مەن ئۆز يۇرتۇم، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا كېتىمەن، — دېدى. 30
ولی برادر زنش جواب داد: «نه، من باید به سرزمین خود و نزد خویشانم برگردم.»
مۇسا ئۇنىڭغا: بىزدىن ئايرىلىپ كەتمىسىلە؛ چۈنكى سىلى چۆلدە قانداق بارگاھ قۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىلا، سىلى بىزگە كۆز بولۇپ بەرسىلە. 31
موسی اصرار نموده، گفت: «پیش ما بمان، چون تو این بیابان را خوب می‌شناسی و راهنمای خوبی برای ما خواهی بود.
شۇنداق بولىدۇكى، بىز بىلەن بىللە بارسىلا، كەلگۈسىدە پەرۋەردىگار بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلسا، بىزمۇ سىلىگە شۇنداق قىلىمىز! — دېدى. 32
اگر با ما بیایی، در تمام برکاتی که خداوند به ما می‌دهد شریک خواهی بود.»
ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگار تېغىدىن يولغا چىقىپ ئۈچ كۈن يول ماڭدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن يول باشلاپ ماڭدى. 33
پس از ترک کوه خداوند، مدت سه روز به سفر ادامه دادند در حالی که صندوق عهد پیشاپیش قبایل اسرائیل در حرکت بود تا مکانی برای توقف آنها انتخاب کند.
ئۇلار چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىدىغان چاغلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ھامان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولاتتى. 34
هنگام روز بود که اردوگاه را ترک کردند و سفر خود را در پی حرکت ابر خداوند آغاز نمودند.
ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» — دەيتتى. 35
هرگاه صندوق عهد به حرکت در می‌آمد موسی ندا سر می‌داد: «برخیز ای خداوند تا دشمنانت پراکنده شوند و خصمانت از حضورت بگریزند.»
ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» — دەيتتى. 36
و هرگاه صندوق عهد متوقف می‌شد، موسی می‌گفت: «ای خداوند نزد هزاران هزار اسرائیلی بازگرد.»

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 10 >