Aionian Verses
ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. (Sheol ) |
Uning ⱨǝmmǝ oƣul-ⱪizliri yeniƣa kelip uningƣa tǝsǝlli bǝrsimu, u tǝsǝllini ⱪobul ⱪilmay: «Mǝn tǝⱨtisaraƣa qüxüp oƣlumning ⱪexiƣa barƣuqǝ xundaⱪ matǝm tutimǝn!» dedi. Yüsüpning atisi xu peti uningƣa aⱨ-zar kɵtürüp matǝm tutti. (Sheol )
لېكىن ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر، ــ دېدى. (Sheol ) |
Lekin Yaⱪup jawab berip: — Oƣlum silǝr bilǝn billǝ u yǝrgǝ qüxmǝydu; qünki uning akisi ɵlüp ketip, u ɵzi yalƣuz ⱪaldi. Mubada yolda ketiwatⱪanda uningƣa birǝr kelixmǝslik kǝlsǝ, silǝr mǝndǝk bir aⱪ qaqliⱪ adǝmni dǝrd-ǝlǝm bilǝn tǝhtisaraƣa qüxüriwetisilǝr, — dedi. (Sheol )
ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى. (Sheol ) |
Əmdi silǝr bunimu mening ⱪeximdin elip ketip, uningƣa bir kelixmǝslik kelip ⱪalsa, silǝr mǝndǝk bir aⱪ qaqliⱪ adǝmni dǝrd-ǝlǝm bilǝn tǝhtisaraƣa qüxüriwetisilǝr», degǝnidi. (Sheol )
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. (Sheol ) |
xundaⱪ boliduki, u balining yoⱪluⱪini kɵrsǝ, jǝzmǝn ɵlüp ketidu; xuning bilǝn silining ⱪulliri bizning atimiz bolƣan bu aⱪ qaqni dǝrd-ǝlǝm iqidǝ tǝⱨtisaraƣa qüxürüwǝtkǝn bolimiz. (Sheol )
ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. (Sheol ) |
Əgǝr Pǝrwǝrdigar yengi bir ixni ⱪilip, yǝr aƣzini eqip ularni wǝ ularning pütün nǝrsisini yutup ketixi bilǝn, ular tirikla tǝⱨtisaraƣa qüxüp kǝtsǝ, u qaƣda silǝr bu adǝmlǝrning Pǝrwǝrdigarni mǝnsitmigǝnlikini bilip ⱪalisilǝr, — dedi. (Sheol )
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. (Sheol ) |
Xundaⱪ ⱪilip, ular wǝ ularning tǝwǝsidikilǝrning ⱨǝmmisi tirikla tǝⱨtisaraƣa qüxüp kǝtti, yǝr ularning üstidǝ yepildi. Ular xu yol bilǝn jamaǝtning arisidin yoⱪaldi. (Sheol )
چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ. (Sheol ) |
Qünki Mening ƣǝzipimdin bir ot tutaxti; U tǝⱨtisaraning tegigiqǝ kɵyüp baridu, U yǝr bilǝn uning mǝⱨsulatini yǝp ketidu, Wǝ taƣlarning ullirinimu tutaxturidu. (Sheol )
پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛ (Sheol ) |
Pǝrwǝrdigar ⱨǝm ɵltüridu, ⱨǝm ⱨayat beridu; U adǝmni tǝⱨtisaraƣa qüxüridu, u yǝrdin yǝnǝ turƣuzidu; (Sheol )
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol ) |
Tǝⱨtisaraning taniliri meni qirmiwaldi, Ɵlüm sirtmaⱪliri aldimƣa kǝldi. (Sheol )
سەن ئۇنى دانالىقىڭغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاق بېشىنىڭ گۆرگە سالامەت چۈشۈشىگە يول قويمىغايسەن. (Sheol ) |
Sǝn uni danaliⱪingƣa muwapiⱪ bir tǝrǝp ⱪilip, uning aⱪ bexining gɵrgǝ salamǝt qüxüxigǝ yol ⱪoymiƣaysǝn. (Sheol )
ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن». (Sheol ) |
Əmma ⱨazir uni gunaⱨsiz dǝp sanimiƣin. Ɵzüng dana kixi bolƣandin keyin uningƣa ⱪandaⱪ ⱪilixni bilisǝn; ⱨǝrⱨalda uning aⱪ bexini ⱪanitip gɵrgǝ qüxürgin». (Sheol )
بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ. (Sheol ) |
Bulut ƣayib bolup, ⱪayta kɵrünmigǝndǝk, Ohxaxla tǝⱨtisaraƣa qüxkǝn adǝm ⱪaytidin qiⱪmaydu. (Sheol )
[بۇنداق دانالىق] ئاسماندىن ئېگىزدۇر، [ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە] نېمە ئامالىڭ بار؟ ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ (Sheol ) |
[Bundaⱪ danaliⱪ] asmandin egizdur, [uningƣa erixixkǝ] nemǝ amaling bar? U tǝⱨtisaradin qongⱪurdur, sǝn nemini bilǝlǝysǝn? (Sheol )
ئاھ، تەھتىساراغا مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ ئىدى، غەزىپىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە مېنى مەخپىي ساقلاپ قويساڭ ئىدى، مېنى ئېسىڭگە ئالىدىغان بىر ۋاقىت-سائەتنى ماڭا بېكىتىپ بەرسەڭ ئىدى! (Sheol ) |
Aⱨ, tǝⱨtisaraƣa meni yoxurup ⱪoysang idi, Ƣǝziping ɵtüp kǝtküqǝ meni mǝhpiy saⱪlap ⱪoysang idi, Meni esinggǝ alidiƣan bir waⱪit-saǝtni manga bekitip bǝrsǝng idi! (Sheol )
ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن. (Sheol ) |
Əgǝr kütsǝm, ɵyüm tǝⱨtisara bolidu; Mǝn ⱪarangƣuluⱪⱪa ornumni raslaymǝn. (Sheol )
ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز! (Sheol ) |
Ümidim tǝⱨtisaraning tɵmür pǝnjiriliri iqigǝ qüxüp ketidu! Biz birliktǝ topiƣa kirip ketimiz! (Sheol )
ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ. (Sheol ) |
Ular künlirini awatqiliⱪ iqidǝ ɵtküzidu, Andin kɵzni yumup aqⱪuqila tǝⱨtisaraƣa qüxüp ketidu. (Sheol )
قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! (Sheol ) |
Ⱪurƣaⱪqiliⱪ ⱨǝm tomuz issiⱪ ⱪar sulirinimu yǝp tügitidu; Tǝⱨtisaramu ohxaxla gunaⱨ ⱪilƣanlarni yǝp tügǝtsun! (Sheol )
بەرھەق، [خۇدانىڭ] ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر. (Sheol ) |
Bǝrⱨǝⱪ, [Hudaning] aldida tǝⱨtisaramu yepinqisiz kɵrünidu, Ⱨalakǝtningmu yapⱪuqi yoⱪtur. (Sheol )
چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟ (Sheol ) |
Qünki ɵlümdǝ bolsa Sanga seƣinixlar yoⱪ; Tǝⱨtisarada kim Sanga tǝxǝkkürlǝrni eytsun? (Sheol )
رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ. (Sheol ) |
Rǝzillǝr, Yǝni Hudani untuƣan barliⱪ ǝllǝr, Yandurulup, tǝⱨtisaraƣa taxlinidu. (Sheol )
چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن. (Sheol ) |
Qünki jenimni tǝⱨtisarada ⱪaldurmaysǝn, Xundaⱪla Sening Muⱪǝddǝs Bolƣuqingni qirixtin saⱪlaysǝn. (Sheol )
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol ) |
Tǝⱨtisaraning taniliri meni qirmiwaldi, Ɵlüm sirtmaⱪliri aldimƣa kǝldi. (Sheol )
ئى پەرۋەردىگار، سەن تەھتىسارادىن جېنىمنى ئېلىپ چىقتىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار ئارىسىدىن ماڭا ھايات بېرىپ ساقلىدىڭ. (Sheol ) |
I Pǝrwǝrdigar, Sǝn tǝⱨtisaradin jenimni elip qiⱪting, Ⱨangƣa qüxidiƣanlar arisidin manga ⱨayat berip saⱪliding. (Sheol )
ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛ (Sheol ) |
I Pǝrwǝrdigar, meni yǝrgǝ ⱪaritip ⱪoymiƣaysǝn; Qünki mǝn Sanga iltija ⱪildim; Rǝzillǝr yǝrgǝ ⱪarap ⱪalsun; Ularning tǝⱨtisarada zuwani tutulsun; (Sheol )
ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر! (Sheol ) |
Ular ⱪoylardǝk tǝⱨtisaraƣa yatⱪuzulidu; Ɵlüm ularni ɵz ozuⱪi ⱪilidu; Ətisi sǝⱨǝrdǝ duruslar ularning üstidin ⱨɵküm yürgüzidu; Ularning güzǝlliki qiritilixⱪa tapxurulidu; Tǝⱨtisara bolsa ularning ⱨǝywǝtlik makanidur! (Sheol )
بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ. سېلاھ. (Sheol ) |
Biraⱪ Huda jenimni tǝⱨtisaraning ilkidin ⱪutⱪuzidu; Qünki U meni ⱪobul ⱪilidu. (Selaⱨ) (Sheol )
مۇشۇنداق [ساتقۇنلارنى] ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا. (Sheol ) |
Muxundaⱪ [satⱪunlarni] ɵlüm tuyuⱪsiz qɵqitiwǝtsun! Ular tǝⱨtisaraƣa tirik qüxkǝy! Qünki ularning makanlirida, ularning arisida rǝzillik turmaⱪta. (Sheol )
چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛ (Sheol ) |
Qünki manga bolƣan meⱨir-muⱨǝbbiting zordur, Sǝn tǝⱨtisaraning tǝgliridin jenimni ⱪutⱪuzisǝn; (Sheol )
چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان، (Sheol ) |
Qünki dǝrdlǝrdin jenim toyƣan, Ⱨayatim tǝⱨtisaraƣa yeⱪinlaxⱪan, (Sheol )
قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ. (Sheol ) |
Ⱪeni, ⱪaysi adǝm yaxap ɵlümni kɵrmǝydikǝn? U jenini tǝⱨtisaraning qanggilidin ⱪutⱪuzalamdikǝn? (Selaⱨ) (Sheol )
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالدى؛ تەھتىسارانىڭ دەردلىرى مېنى تۇتۇۋالدى؛ مەن پېشكەللىككە يولۇقتۇم، ئەلەم تارتتىم؛ (Sheol ) |
Ɵlüm asarǝtliri meni qirmiwaldi; Tǝⱨtisaraning dǝrdliri meni tutuwaldi; Mǝn pexkǝllikkǝ yoluⱪtum, ǝlǝm tarttim; (Sheol )
ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛ (Sheol ) |
Asmanlarƣa qiⱪsam, mana Sǝn axu yǝrdǝ; Tǝⱨtisarada orun salsammu, mana Sǝn xu yǝrdǝ; (Sheol )
بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛ (Sheol ) |
Birsi otun yarƣanda yǝrgǝ qeqilƣan yerindilardǝk, Mana, ustihanlirimiz tǝⱨtisara ixiki aldida qeqiwetildi; (Sheol )
تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛ (Sheol ) |
Tǝⱨtisaradǝk ularni yutuwetǝyli, Saⱪ bolsimu, ⱨangƣa qüxkǝnlǝrdǝk ularni yiⱪitayli; (Sheol )
ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ، تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. (Sheol ) |
Uning ⱪǝdǝmliri ɵlüm girdawiƣa elip baridu, Tutⱪan yoli gɵrgǝ baxlaydu. (Sheol )
ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر. (Sheol ) |
Uning ɵyi bolsa tǝⱨtisaraning kirix eƣizidur, Adǝmni «ⱨalakǝt meⱨmanhanisi»ƣa qüxürüx yolidur. (Sheol )
لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، ئۇنىڭ [بۇرۇنقى] مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. (Sheol ) |
Lekin qaⱪirilƣuqi ɵlüklǝrning uning ɵyidǝ yatⱪanliⱪidin bihǝwǝrdur, Uning [burunⱪi] meⱨmanlirining alliⱪaqan tǝⱨtisaraning tǝglirigǝ qüxüp kǝtkǝnlikini u sǝzmǝs. (Sheol )
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! (Sheol ) |
Tǝⱨtisara wǝ ⱨalakǝt Pǝrwǝrdigarning kɵz aldida oquⱪ turƣan yǝrdǝ, Insan kɵnglidiki oy-pikirni ⱪandaⱪmu Uningdin yoxuralisun?! (Sheol )
ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار. (Sheol ) |
Ⱨayatliⱪ yoli ǝⱪilliⱪ kixini yuⱪiriƣa baxlayduki, Uni qongⱪur tǝⱨtisaradin ⱪutⱪuzar. (Sheol )
سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. (Sheol ) |
Sǝn uni tayaⱪ bilǝn ursang, Bǝlkim uni tǝⱨtisaradin ⱪutⱪuziwalisǝn. (Sheol )
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ [ئاچ] كۆزلىرى قانائەت تاپماس. (Sheol ) |
Tǝⱨtisara wǝ ⱨalakǝt ⱨǝrgiz toymiƣandǝk, Adǝmning [aq] kɵzliri ⱪanaǝt tapmas. (Sheol )
گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت. (Sheol ) |
Gɵr, tuƣmas hotunning ⱪarni, Suƣa toyunmiƣan ⱪurƣaⱪ Yǝr. Wǝ ⱨǝrgiz «boldi, toydum» demǝydiƣan ottin ibarǝt. (Sheol )
قولۇڭ تۇتقاننى بارلىق كۈچۈڭ بىلەن قىلغىن؛ چۈنكى سەن بارىدىغان تەھتىسارادا ھېچ خىزمەت، مەقسەت-پىلان، بىلىم ياكى ھېكمەت بولمايدۇ. (Sheol ) |
Ⱪolung tutⱪanni barliⱪ küqüng bilǝn ⱪilƣin; qünki sǝn baridiƣan tǝⱨtisarada ⱨeq hizmǝt, mǝⱪsǝt-pilan, bilim yaki ⱨekmǝt bolmaydu. (Sheol )
«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! (Sheol ) |
«Meni kɵnglünggǝ mɵⱨürdǝk, Bilikinggǝ mɵⱨürdǝk basⱪaysǝn; Qünki muⱨǝbbǝt ɵlümdǝk küqlüktur; Muⱨǝbbǝtning ⱪizƣinixi tǝⱨtisaradǝk rǝⱨimsiz; Uningdin qiⱪⱪan ot uqⱪunliri, — Yaⱨning dǝⱨxǝtlik bir yalⱪunidur! (Sheol )
شۇڭا تەھتىسارا نەپسىنى يوغىنىتىپ، ئاغزىنى ھاڭ ئاچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىرى، توپ-توپ ئادەملىرى، قىقاس-سۈرەن كۆتۈرگۈچىلىرى ۋە نەغمە ئوينىغۇچىلىرى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. (Sheol ) |
Xunga tǝⱨtisara nǝpsini yoƣinitip, Aƣzini ⱨang aqidu; Ularning xɵⱨrǝtliri, top-top adǝmliri, ⱪiⱪas-sürǝn kɵtürgüqiliri wǝ nǝƣmǝ oyniƣuqiliri biraⱪla iqigǝ qüxüp ketidu. (Sheol )
«ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. (Sheol ) |
«Ɵzüng üqün bexarǝt sora; mǝyli yǝrning tegidǝ yaki pǝlǝkning ⱪǝridǝ bolsun sorawǝr» — dedi. (Sheol )
سەن چۈشۈشۈڭ بىلەن تەھتىسارادىكىلەر سېنى قارشى ئېلىشقا ساراسىمە بولۇپ كېتىدۇ؛ سەن ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى، جاھاندىكى جىمىكى «ئۆچكە جىنلار» قوزغىلىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى تەختلىرىدىن تۇرغۇزۇلىدۇ؛ (Sheol ) |
Sǝn qüxüxüng bilǝn tǝⱨtisaradikilǝr seni ⱪarxi elixⱪa sarasimǝ bolup ketidu; Sǝn üqün ɵlüklǝrning roⱨliri, Jaⱨandiki jimiki «ɵqkǝ jinlar» ⱪozƣilidu; Əllǝrning ⱨǝmmǝ padixaⱨliri tǝhtliridin turƣuzulidu; (Sheol )
سېنىڭ شانۇ-ھەيۋىتىڭ چىلتارىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن بىللە تەھتىساراغا چۈشۈرۈلۈپ تۈگىدى؛ ئاستىڭدا چىۋىن قۇرتى مىژىلداپ كېتىدۇ، ئۈستۈڭنى سازاڭلار قاپلاپ كېتىدۇ. (Sheol ) |
Sening xanu-ⱨǝywiting qiltariliringning awazliri bilǝn billǝ tǝⱨtisaraƣa qüxürülüp tügidi; Astingda qiwin ⱪurti miȥildap ketidu, Üstüngni sazanglar ⱪaplap ketidu. (Sheol )
ھالبۇكى سەن تەھتىساراغا، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلدۇڭ». (Sheol ) |
Ⱨalbuki sǝn tǝⱨtisaraƣa, Qongⱪur ⱨangning tegilirigǝ qüxürüldung». (Sheol )
چۈنكى سىلەر: ــ «بىز ئۆلۈم بىلەن ئەھدە تۈزدۇق، تەھتىسارا بىلەن بىللە بىر كېلىشىم بېكىتتۇق؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇ بىزگە تەگمەيدۇ؛ چۈنكى يالغانچىلىقنى باشپاناھىمىز قىلدۇق، يالغان سۆزلەر ئاستىدا مۆكۈنۈۋالدۇق» ــ دېدىڭلار، (Sheol ) |
Qünki silǝr: — «Biz ɵlüm bilǝn ǝⱨdǝ tüzduⱪ, Tǝⱨtisara bilǝn billǝ bir kelixim bekittuⱪ; Ⱪamqa taxⱪindǝk ɵtüp kǝtkǝndǝ, U bizgǝ tǝgmǝydu; Qünki yalƣanqiliⱪni baxpanaⱨimiz ⱪilduⱪ, Yalƣan sɵzlǝr astida mɵkünüwalduⱪ» — dedinglar, (Sheol )
شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭلار بىكار قىلىۋېتىلىدۇ؛ سىلەرنىڭ تەھتىسارا بىلەن بېكىتكەن كېلىشىمىڭلار ئاقمايدۇ؛ قامچا تاشقىندەك ئۆتۈپ كەتكەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن چەيلىۋېتىلىسىلەر. (Sheol ) |
Xuning bilǝn ɵlüm bilǝn tüzgǝn ǝⱨdǝnglar bikar ⱪiliwetilidu; Silǝrning tǝⱨtisara bilǝn bekitkǝn keliximinglar aⱪmaydu; Ⱪamqa taxⱪindǝk ɵtüp kǝtkǝndǝ, Silǝr uning bilǝn qǝyliwetilisilǝr. (Sheol )
ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. (Sheol ) |
— «Mǝn: «Ɵmrümning otturisida tǝⱨtisaraning dǝrwaziliriƣa beriwatimǝn, Ⱪalƣan yillirimdin mǝⱨrum boldum» — dedim. (Sheol )
چۈنكى تەھتىسارا ساڭا رەھمەت ئېيتالمايدۇ؛ ئۆلۈم سېنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ؛ ھاڭغا چۈشىۋاتقانلار سېنىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭغا ئۈمىد باغلىيالمايدۇ. (Sheol ) |
Qünki tǝⱨtisara Sanga rǝⱨmǝt eytalmaydu; Ɵlüm Seni mǝdⱨiyiliyǝlmǝydu; Ⱨangƣa qüxiwatⱪanlar Sening ⱨǝⱪiⱪǝt-wapaliⱪingƣa ümid baƣliyalmaydu. (Sheol )
سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ، ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ. (Sheol ) |
Sǝn zǝytun meyi ⱨǝdiyisini elip, Ətirliringni üstibexinggǝ boluxiƣa qeqip, Padixaⱨning aldiƣa barding; Əlqiliringni yiraⱪⱪa ǝwǝtip, Ⱨǝtta tǝⱨtisaraƣa yǝtküqǝ ɵzüngni pǝs ⱪilding. (Sheol )
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. (Sheol ) |
— Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — U tǝⱨtisaraƣa qüxkǝn künidǝ, Mǝn üning üqün bir matǝm tutⱪuzƣanmǝn; qongⱪur sularni etiwetip uning bulaⱪ-eriⱪlirini tosuwǝtkǝnmǝn; xuning bilǝn uning uluƣ suliri tizginlǝngǝn. Mǝn Liwanni uning üqün ⱪariliⱪ kiygüzdüm; uning üqün daladiki barliⱪ dǝrǝhlǝr solixip kǝtti. (Sheol )
مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. (Sheol ) |
Mǝn uni ⱨangƣa qüxidiƣanlar bilǝn billǝ tǝⱨtisaraƣa taxliwǝtkinimdǝ, uning yiⱪilƣan qaƣdiki sadasi bilǝn ǝllǝrni tǝwritiwǝttim; xuning bilǝn Erǝm baƣqisidiki barliⱪ dǝrǝhlǝr, Liwandiki sǝrhil wǝ ǝng esil dǝrǝhlǝr, yahxi suƣirilƣan ⱨǝmmǝ dǝrǝhlǝr yǝr tegiliridǝ turup tǝsǝlli tapⱪan. (Sheol )
ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن. (Sheol ) |
Uning sayisidǝ turƣanlar wǝ ǝllǝr arisida uni ⱪollaydiƣanlar uning bilǝn tǝng tǝⱨtisaraƣa, ⱪiliq bilǝn ɵltürülgǝnlǝrning yeniƣa qüxkǝn. (Sheol )
ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ [مىسىر] ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!». (Sheol ) |
Əmdi palwanlarning arisidiki batur-ǝzimǝtlǝr tǝⱨtisaraning otturisida turup [Misir] wǝ uni ⱪolliƣanlarƣa sɵz ⱪilidu: —«Mana, ular qüxti, ular jim yatidu — hǝtnǝ ⱪilinmiƣanlar, ⱪiliq bilǝn ɵltürülgǝnlǝr!». (Sheol )
ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، قىلىچلىرى ئۆز بېشى ئاستىغا قويۇلغان، خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ! (Sheol ) |
Ular jǝng ⱪoralliri bilǝn tǝⱨtisaraƣa qüxkǝn, ⱪiliqliri ɵz bexi astiƣa ⱪoyulƣan, hǝtnǝ ⱪilinmay turup yiⱪilƣan palwanlar arisida yatmaydu; ularning ⱪǝbiⱨlikliri ɵz ustihanliri üstidǝ bolidu — gǝrqǝ ular tiriklǝrning zeminida baturlarƣimu wǝⱨxǝt salƣan bolsimu! (Sheol )
مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن! (Sheol ) |
Mǝn bǝdǝl tɵlǝp ularni tǝⱨtisaraning küqidin ⱪutuldurimǝn; Ularƣa ⱨǝmjǝmǝt bolup ɵlümdin ⱪutⱪuzimǝn; Əy, ɵlüm, sening wabaliring ⱪeni?! Əy, tǝⱨtisara, sening ⱨalakǝtliring ⱪeni?! Mǝn buningdin puxayman ⱪilmaymǝn! (Sheol )
ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛ (Sheol ) |
Ular tǝⱨtisara iqigǝ texip kirsǝ, ⱪolum axu yǝrdin ularni tartip qiⱪiridu; Ular asmanƣa yamixip qiⱪsa, Mǝn xu yǝrdin ularni tartip qüxürimǝn; (Sheol )
«مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ. (Sheol ) |
«Mǝn dǝrd-ǝlimimdin Pǝrwǝrdigarƣa pǝryad kɵtürdum, U manga ijabǝt ⱪildi. Mǝn tǝⱨtisaraning tǝktidin pǝryad ⱪildim, Sǝn awazimƣa ⱪulaⱪ salding. (Sheol )
بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. (Sheol ) |
Bǝrⱨǝⱪ, xarab uningƣa satⱪunluⱪ ⱪilidu, — — U tǝkǝbbur adǝm, ɵydǝ tinim tapmaydu, Ⱨǝwisini tǝⱨtisaradǝk yoƣan ⱪilidu; U ɵlümdǝk ⱨeqⱪaqan ⱪanmaydu; Ɵzigǝ barliⱪ ǝllǝrni yiƣidu, Ⱨǝmmǝ hǝlⱪni ɵzigǝ ⱪaritiwalidu. (Sheol )
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. (Geenna ) |
Biraⱪ mǝn ɵzüm xuni silǝrgǝ eytip ⱪoyayki, ɵz ⱪerindixiƣa bikardin-bikar aqqiⱪlanƣanlarning ⱨǝrbirimu soraⱪⱪa tartilidu. Ɵz ⱪerindixini «ǝhmǝⱪ» dǝp tilliƣan ⱨǝrkim aliy kengǝxmidǝ soraⱪⱪa tartilidu; ǝmma ⱪerindaxlirini «tǝlwǝ» dǝp ⱨaⱪarǝtligǝn ⱨǝrkim dozahning otiƣa layiⱪ bolidu. (Geenna )
ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna ) |
Əgǝr ǝmdi ong kɵzüng seni gunaⱨⱪa azdursa, uni oyup taxliwǝt. Qünki pütün bǝdiningning dozahⱪa taxlanƣinidin kɵrǝ, bǝdiningdiki bir ǝzaying yoⱪ ⱪilinƣini kɵp ǝwzǝl. (Geenna )
ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna ) |
Əgǝr ong ⱪolung seni gunaⱨⱪa azdursa, uni kesip taxliwǝt. Qünki pütün bǝdiningning dozahⱪa taxlanƣinidin kɵrǝ, bǝdiningdiki bir ǝzaying yoⱪ ⱪilinƣini kɵp ǝwzǝl. (Geenna )
تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. (Geenna ) |
Tǝnni ɵltürsimu, lekin adǝmning jan-roⱨini ɵltürǝlmǝydiƣanlardin ⱪorⱪmanglar; ǝksiqǝ, tǝn wǝ jan-roⱨni dozahta ⱨalak ⱪilixⱪa ⱪadir bolƣuqidin ⱪorⱪunglar. (Geenna )
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. (Hadēs ) |
Əy ǝrxkǝ kɵtürülgǝn Kǝpǝrnaⱨumluⱪlar! Silǝr tǝⱨtisaraƣa qüxürülisilǝr. Qünki aranglarda yaritilƣan mɵjizilǝr Sodomda yaritilƣan bolsa, u xǝⱨǝr bügüngiqǝ ⱨalak bolmiƣan bolatti. (Hadēs )
ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. (aiōn ) |
Insan’oƣliƣa ⱪarxi sɵz ⱪilƣan kimdǝkim bolsa kǝqürümgǝ erixǝlǝydu; lekin Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa ⱪarxi gǝp ⱪilƣanlar bolsa bu dunyadimu, u dunyadimu kǝqürümgǝ erixǝlmǝydu. (aiōn )
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. (aiōn ) |
Tikǝnlǝrning arisiƣa qeqilƣini xundaⱪ adǝmlǝrni kɵrsǝtkǝnki, ular sɵz-kalamni angliƣini bilǝn, lekin bu dunyaning ǝndixiliri wǝ bayliⱪning eziⱪturuxi [ⱪǝlbidiki] sɵz-kalamni boƣuwetidu-dǝ, ular ⱨosulsiz ⱪalidu. (aiōn )
كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر. (aiōn ) |
Kürmǝk qaqⱪan düxmǝn — Iblistur. Orma orux waⱪti — zaman ahiridur. Ormiqilar — pǝrixtilǝrdur. (aiōn )
كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. (aiōn ) |
Kürmǝklǝr yulunup, otta kɵydürüwetilginidǝk, zaman ahiridimu ǝnǝ xundaⱪ bolidu. (aiōn )
زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ (aiōn ) |
Zaman ahirida xundaⱪ bolidu. Pǝrixtilǝr qiⱪip, rǝzil kixilǝrni ⱨǝⱪⱪaniy kixilǝr arisidin ayriydu (aiōn )
مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. (Hadēs ) |
Mǝn sanga xuni eytayki, sǝn bolsang Petrusdursǝn. Mǝn jamaitimni bu uyultax üstigǝ ⱪurimǝn. Uning üstidin tǝⱨtisaraning dǝrwazilirimu ƣalib kelǝlmǝydu. (Hadēs )
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (aiōnios ) |
Əgǝr ǝmdi ⱪolung yaki putung seni gunaⱨⱪa putlaxtursa, uni kesip taxliwǝt. Qünki ikki ⱪolung yaki ikki putung bar ⱨalda dozahtiki otⱪa taxlanƣiningdin kɵrǝ, qolaⱪ yaki tokur ⱨalda ⱨayatliⱪⱪa kirgining ǝwzǝldur. (aiōnios )
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna ) |
Əgǝr kɵzüng seni gunaⱨⱪa putlaxtursa, uni oyup ɵzüngdin neri taxliwǝt. Ikki kɵzüng bar ⱨalda dozahtiki otⱪa taxlanƣiningdin kɵrǝ, birla kɵzüng bilǝn bolsimu ⱨayatliⱪⱪa kirgining ǝwzǝldur. (Geenna )
مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios ) |
Mana, bir küni birsi uning aldiƣa kelip: — Ustaz, mǝn ⱪandaⱪ yahxi ixni ⱪilsam, mǝnggülük ⱨayatⱪa eriximǝn? — dǝp soridi. (aiōnios )
مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ. (aiōnios ) |
Mening namim dǝp ɵylǝr, aka-uka, aqa-singil ⱪerindaxliri, ata-anisi, ayali, baliliri yaki yǝr-zeminlardin waz kǝqkǝnlǝrning ⱨǝmmisi ularƣa yüz ⱨǝssǝ artuⱪ erixidu wǝ mǝnggülük ⱨayatⱪa miras bolidu. (aiōnios )
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. (aiōn ) |
U yol boyidiki bir tüp ǝnjür dǝrihini kɵrüp, uning yeniƣa bardi. Lekin dǝrǝhtin yopurmaⱪtin baxⱪa ⱨeq nǝrsǝ tapalmay, uningƣa ⱪarap: — Ⱨazirdin baxlap sǝndin mǝnggü mewǝ bolmisun! — dewidi, ǝnjür dǝrihi xuan ⱪurup kǝtti. (aiōn )
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر. (Geenna ) |
Ⱨalinglarƣa way, ǝy Tǝwrat ustazliri wǝ Pǝrisiylǝr, sahtipǝzlǝr! Silǝr birla adǝmni etiⱪadinglarƣa kirgüzüx üqün, dengiz wǝ ⱪuruⱪluⱪni kezip qiⱪisilǝr. Biraⱪ u kixi kirgüzülgǝndin keyin, silǝr uni ɵzliringlardin ikki ⱨǝssǝ bǝttǝr bolƣan dozahning pǝrzǝnti ⱪilip yetixtürüp qiⱪisilǝr. (Geenna )
ئەي يىلانلار! زەھەرلىك يىلانلارنىڭ نەسىللىرى! دوزاخ جازاسىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ (Geenna ) |
Əy yilanlar! Zǝⱨǝrlik yilanlarning nǝsilliri! Dozah jazasidin ⱪandaⱪmu ⱪutulalarsilǝr? (Geenna )
ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ [قايتىپ] كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. (aiōn ) |
U Zǝytun teƣida olturƣanda, muhlisliri astiƣina uning yeniƣa kelip: — Bizgǝ eytⱪinqu, bu degǝnliring ⱪaqan yüz beridu? Sening [ⱪaytip] kelixing wǝ zamanning ahirini kɵrsitidiƣan ⱪandaⱪ alamǝt bolidu? — dǝp soraxti. (aiōn )
ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! (aiōnios ) |
Andin u sol yenidikilǝrgǝ: «Əy lǝnitilǝr, kɵzümdin yoⱪilinglar! Xǝytan bilǝn uning pǝrixtilirigǝ ⱨazirlanƣan mǝnggü ɵqmǝs otⱪa kiringlar! (aiōnios )
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ. (aiōnios ) |
Buning bilǝn ular mǝnggülük jazaƣa kirip ketidu, lekin ⱨǝⱪⱪaniylar bolsa mǝnggülük ⱨayatⱪa kiridu. (aiōnios )
ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. (aiōn ) |
ularƣa mǝn silǝrgǝ tapiliƣan barliⱪ ǝmrlǝrgǝ ǝmǝl ⱪilixni ɵgitinglar. Wǝ mana, mǝn zaman ahiriƣiqǝ ⱨǝr küni silǝr bilǝn billǝ bolimǝn. (aiōn )
بىراق كىمدىكىم مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. (aiōn , aiōnios ) |
Biraⱪ kimdikim Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa kupurluⱪ ⱪilsa, ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨeq kǝqürülmǝydu, bǝlki mǝnggülük bir gunaⱨning ⱨɵkümi astida turidu. (aiōn , aiōnios )
لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. (aiōn ) |
lekin kɵngligǝ bu dunyaning ǝndixiliri, bayliⱪlarning eziⱪturuxi wǝ baxⱪa nǝrsilǝrgǝ bolƣan ⱨǝwǝslǝr kiriwelip, sɵz-kalamni boƣuwetidu-dǝ, u ⱨeq ⱨosul qiⱪarmaydu. (aiōn )
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna ) |
Əgǝr ǝmdi ⱪolung seni gunaⱨⱪa putlaxtursa, uni kesip taxliwǝt. Qünki ikki ⱪolung bar ⱨalda dozahⱪa, yǝni ɵqürülmǝs otⱪa kirginingdin kɵrǝ, qolaⱪ ⱨalda ⱨayatliⱪⱪa kirgining ǝwzǝldur. (Geenna )
ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna ) |
Əgǝr ǝmdi putung seni [gunaⱨⱪa] putlaxtursa, uni kesip taxliwǝt. Qünki ikki putung bar ⱨalda dozahⱪa, yǝni ɵqürülmǝs otⱪa taxlanƣiningdin kɵrǝ, tokur ⱨalda ⱨayatliⱪⱪa kirgining ǝwzǝl. (Geenna )
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna ) |
Əgǝr kɵzüng seni [gunaⱨⱪa] putlaxtursa, uni oyup taxliwǝt. Ikki kɵzüng bar ⱨalda otluⱪ dozahⱪa taxlanƣiningdin kɵrǝ, singar kɵzlük bolup Hudaning padixaⱨliⱪiƣa kirgining ǝwzǝl. (Geenna )
ئۇ يولغا چىققاندا، بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراسلىق قىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios ) |
U yolƣa qiⱪⱪanda, birsi uning aldiƣa yügürüp kelip, uning aldida tizlinip uningdin: — I yahxi ustaz, mǝn ⱪandaⱪ ⱪilsam mǝnggülük ⱨayatⱪa mirasliⱪ ⱪilimǝn? — dǝp soridi. (aiōnios )
بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. (aiōn , aiōnios ) |
bu zamanda bularning yüz ⱨǝssisigǝ, yǝni ɵy, aka-uka, aqa-singil, ana, balilar wǝ yǝr-zeminlarƣa (ziyankǝxliklǝr ⱪoxulƣan ⱨalda) muyǝssǝr bolmay ⱪalmaydu wǝ kelidiƣan zamandimu mǝnggülük ⱨayatⱪa erixmǝy ⱪalmaydu. (aiōn , aiōnios )
ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ: ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى. (aiōn ) |
U dǝrǝhkǝ sɵz ⱪilip: — Buningdin keyin mǝnggü ⱨeqkim sǝndin mewǝ yemigǝy! — dedi. Muhlislirimu buni anglidi. (aiōn )
ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى. (aiōn ) |
U Yaⱪupning jǝmǝti üstigǝ mǝnggü sǝltǝnǝt ⱪilidu, uning padixaⱨliⱪi tügimǝstur, — dedi. (aiōn )
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك، يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى». (aiōn ) |
U ata-bowilirimizƣa eytⱪinidǝk, Yǝni Ibraⱨim ⱨǝm uning nǝsligǝ mǝnggü wǝdǝ ⱪilƣinidǝk, U Ɵz rǝⱨim-xǝpⱪitini esidǝ tutup, Ⱪuli Israilƣa yardǝmgǝ kǝldi». (aiōn )
ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى؛ بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر. (aiōn ) |
U ⱪǝdimdin beri muⱪǝddǝs pǝyƣǝmbǝrlirining aƣzi arⱪiliⱪ wǝdǝ ⱪilƣinidǝk, Ⱪuli bolƣan Dawutning jǝmǝti iqidin biz üqün bir nijat münggüzini ɵstürüp turƣuzdi; Bu zat bizni düxmǝnlirimizdin wǝ bizni ɵq kɵridiƣanlarning ⱪolidin ⱪutⱪuzƣuqi nijattur. (aiōn )
ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. (Abyssos ) |
Əmdi ular Əysadin ɵzlirini tegi yoⱪ ⱨangƣa kǝtküzmǝslikni ɵtünüp yalwurdi. (Abyssos )
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر! (Hadēs ) |
Əy ǝrxkǝ kɵtürülgǝn Kǝpǝrnaⱨumluⱪlar! Silǝr tǝⱨtisaraƣa qüxürülisilǝr! (Hadēs )
ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios ) |
Wǝ mana, Tǝwrat ustazliridin biri ornidin turup Əysani sinimaⱪqi bolup: — Ustaz, mǝnggülük ⱨayatⱪa waris bolmaⱪ üqün nemǝ ixni ⱪilixim kerǝk? — dǝp soridi. (aiōnios )
لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! (Geenna ) |
Lekin mǝn silǝrgǝ kimdin ⱪorⱪuxunglar kerǝklikini kɵrsitip ⱪoyay: Ɵltürgǝndin keyin, dozahⱪa taxlaxⱪa ⱨoⱪuⱪluⱪ bolƣuqidin ⱪorⱪunglar; bǝrⱨǝⱪ silǝrgǝ eytay — Uningdin ⱪorⱪunglar! (Geenna )
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر. (aiōn ) |
Xuning bilǝn uning hojayini sǝmimiyǝtsiz ƣojidarning bu ixtiki pǝmlikliki üqün uningƣa ⱪayil bolup mahtaptu. Qünki bu dunyaning pǝrzǝntliri ɵz dǝwridǝ nurning pǝrzǝntliridin pǝmliktur. (aiōn )
ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان [كۈنىدە] شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ. (aiōnios ) |
Wǝ mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, «Naⱨǝⱪ dunyaƣa tǝwǝ mal-dunya» arⱪiliⱪ ɵzünglarƣa dost tutunglar; xundaⱪ ⱪilsanglar, mal-dunya karƣa kǝlmǝydiƣan bolƣan [künidǝ] xu dostlar silǝrni ǝbǝdiy makanlarƣa ⱪarxi alidu. (aiōnios )
ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: (Hadēs ) |
wǝ tǝⱨtisarada ⱪattiⱪ ⱪiynilip, bexini kɵtürüp, yiraⱪtin Ibraⱨimni wǝ uning ⱪuqiⱪidiki Lazarusni kɵrüp: (Hadēs )
مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن: ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى. (aiōnios ) |
Mǝlum bir ⱨɵkümdar Əysadin: I yahxi ustaz, mǝnggülük ⱨayatⱪa waris bolmaⱪ üqün nemǝ ixni ⱪilixim kerǝk, — dǝp soridi. (aiōnios )
بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ــ دېدى. (aiōn , aiōnios ) |
bu zamanda bularƣa kɵp ⱨǝssilǝp muyǝssǝr bolidu wǝ kelidiƣan zamandimu mǝnggülük ⱨayatⱪa erixmǝy ⱪalmaydu. — dedi. (aiōn , aiōnios )
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. (aiōn ) |
Əysa ularƣa mundaⱪ jawab bǝrdi: — Bu alǝmning pǝrzǝntliri ɵylinidu, yatliⱪ bolidu. (aiōn )
لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. (aiōn ) |
Lekin u alǝmdin nesiwǝ boluxⱪa, xundaⱪla ɵlüklǝrdin tirilixkǝ layiⱪ sanalƣanlar ɵylǝnmǝydu, yatliⱪ bolmaydu. (aiōn )
شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». (aiōnios ) |
Xundaⱪ bolƣanda, uningƣa etiⱪad ⱪilƣanlarning ⱨǝmmisi ⱨalak bolmay, mǝnggülük ⱨayatⱪa erixǝlǝydu». (aiōnios )
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. (aiōnios ) |
Qünki Huda dunyadiki insanlarni xu ⱪǝdǝr sɵyiduki, Ɵzining birdinbir yeganǝ Oƣlini pida boluxⱪa bǝrdi. Mǝⱪsiti, uningƣa etiⱪad ⱪilƣan ⱨǝrbirining ⱨalak bolmay, mǝnggülük ⱨayatⱪa erixixi üqündur. (aiōnios )
ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. (aiōnios ) |
Oƣulƣa etiⱪad ⱪilƣuqi mǝnggülük ⱨayatⱪa igidur. Lekin Oƣulƣa itaǝt ⱪilmiƣuqi ⱨayatni ⱨeq kɵrmǝydu, bǝlki Hudaning ƣǝzipi xundaⱪlarning üstidǝ turidu. (aiōnios )
ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى. (aiōn , aiōnios ) |
Əmma mǝn beridiƣan suni iqküqi ⱨǝrkim mǝnggügǝ ussimaydiƣan bolidu wǝ bǝlki mǝn uningƣa beridiƣan su uning iqidǝ uni mǝnggülük ⱨayatliⱪⱪa elip baridiƣan, urƣup qiⱪidiƣan bir bulaⱪ bolidu, — dedi. (aiōn , aiōnios )
ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. (aiōnios ) |
Wǝ ormiqi ix ⱨǝⱪⱪini alidu wǝ mǝnggülük ⱨayatⱪa toplanƣan ⱨosulni yiƣidu, xuning bilǝn teriƣuqi bilǝn ormiqi tǝng xadlinidu. (aiōnios )
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. (aiōnios ) |
— Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, sɵzümni anglap, meni Əwǝtküqigǝ ixǝngǝn ⱨǝrkim mǝnggülük ⱨayatⱪa erixkǝn bolidu; u adǝm soraⱪⱪa tartilmaydu, bǝlki ɵlümdin ⱨayatliⱪⱪa ɵtkǝn bolidu. (aiōnios )
مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. (aiōnios ) |
Muⱪǝddǝs yazmilarni ⱪetirⱪenip oⱪup olturisilǝr; qünki ulardin mǝnggülük ⱨayatⱪa igǝ bolduⱪ, dǝp ⱪaraysilǝr. Dǝl bu yazmilar mǝn üqün guwaⱨliⱪ bǝrgüqidur. (aiōnios )
بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى. (aiōnios ) |
Buzulup ketidiƣan paniy ozuⱪluⱪⱪa ǝmǝs, bǝlki mǝnggü ⱨayatliⱪⱪa baⱪiy ⱪalidiƣan ozuⱪluⱪⱪa intilip ixlǝnglar; buni Insan’oƣli silǝrgǝ beridu; qünki uni Ata, yǝni Huda Ɵzi mɵⱨürlǝp tǝstiⱪliƣan, — dedi. (aiōnios )
چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن. (aiōnios ) |
Qünki mening Atamning iradisi xuki, Oƣulƣa kɵz tikip ⱪarap, uningƣa etiⱪad ⱪilƣanlarning ⱨǝrbirini mǝnggülük ⱨayatⱪa erixtürüxtur; wǝ mǝn ahirⱪi küni ularni tirildürimǝn. (aiōnios )
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. (aiōnios ) |
Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, manga etiⱪad ⱪilƣuqi mǝnggülük ⱨayatⱪa igidur. (aiōnios )
ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن. (aiōn ) |
Ərxtin qüxkǝn ⱨayatliⱪ neni ɵzümdurmǝn; kimdǝkim bu nandin yesǝ, ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ yaxaydu. Mǝn beridiƣan xu nan bolsa mening ǝt-tenimdur, pütkül dunyadikilǝr ⱨayatⱪa igǝ bolsun dǝp, mǝn uni atimaⱪqimǝn. (aiōn )
ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. (aiōnios ) |
Ət-tenimni yegüqi wǝ ⱪenimni iqküqi mǝnggülük ⱨayatⱪa erixkǝn bolidu wǝ mǝn uni ahirⱪi küni tirildürimǝn. (aiōnios )
مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «[ماننا]»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «[ماننا]»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ! (aiōn ) |
Mana bu ǝrxtin qüxkǝn nandur. Bu nan ata-bowiliringlar yegǝn «[manna]»dǝk ǝmǝs; qünki ular «[manna]»ni yeyixi bilǝn ɵldi; biraⱪ bu nanni istemal ⱪilƣuqi bolsa mǝnggü yaxaydu! (aiōn )
سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر! (aiōnios ) |
Simon Petrus uningƣa jawab ⱪilip: — I Rǝb, biz kimning yeniƣa ketǝttuⱪ? Mǝnggü ⱨayatliⱪ sɵzliri sǝndilidur! (aiōnios )
قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. (aiōn ) |
Ⱪul ailidǝ mǝnggü turmaydu, lekin oƣul mǝnggü turidu. (aiōn )
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ. (aiōn ) |
Bǝrⱨǝⱪ, bǝrⱨǝⱪ, mǝn silǝrgǝ xuni eytip ⱪoyayki, mening sɵz-kalamimni tutidiƣan kixi ǝbǝdil’ǝbǝd ɵlüm kɵrmǝydu. (aiōn )
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا [ھەزرىتى] ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟ (aiōn ) |
Xuning bilǝn Yǝⱨudiylar uningƣa: — Sanga dǝrwǝⱪǝ jin qaplaxⱪanliⱪini ǝmdi bilduⱪ! Ⱨǝtta [ⱨǝzriti] Ibraⱨim wǝ pǝyƣǝmbǝrlǝrmu ɵlgǝn tursa, sǝn ⱪandaⱪsigǝ: «Mening sɵz-kalamimni tutidiƣan kixi ǝbǝdil’ǝbǝd ɵlüm tetimaydu» dǝysǝn? (aiōn )
دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. (aiōn ) |
Dunya apiridǝ bolƣandin tartip, birǝrsining tuƣma ⱪariƣuning kɵzini aqⱪanliⱪini anglap baⱪⱪan ǝmǝs. (aiōn )
مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. (aiōn , aiōnios ) |
Mǝn ularƣa mǝnggülük ⱨayat ata ⱪilimǝn; ular ǝsla ⱨalak bolmaydu. Ⱨeqkim ularni ⱪolumdin tartiwalalmaydu. (aiōn , aiōnios )
ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ (aiōn ) |
wǝ ⱨayat turup, manga etiⱪad ⱪilƣuqi ǝbǝdil’ǝbǝd ɵlmǝs; buningƣa ixinǝmsǝn? (aiōn )
كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. (aiōnios ) |
Kimdǝkim ɵz ⱨayatini ayisa uningdin mǝⱨrum bolidu; lekin bu dunyada ɵz ⱨayatidin nǝprǝtlǝnsǝ, uni mǝnggülük ⱨayatliⱪⱪa saⱪliyalaydu. (aiōnios )
خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōn ) |
Halayiⱪ buningƣa jawabǝn uningdin: — Biz muⱪǝddǝs ⱪanundin Mǝsiⱨning ǝbǝdgiqǝ ⱪalidiƣinini angliƣan; sǝn ⱪandaⱪsigǝ «Insan’oƣli kɵtürülüxi kerǝk» dǝysǝn?! Bu ⱪandaⱪmu «Insan’oƣli» bolsun? — dǝp soridi. (aiōn )
ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. (aiōnios ) |
Uning ǝmrining mǝnggülük ⱨayatliⱪ ikǝnlikini bilimǝn. Xunga nemini sɵzlisǝm, Ata manga buyruƣinidǝk sɵzlǝymǝn. (aiōnios )
پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى. (aiōn ) |
Petrus: — Sǝn mening putumni yusang ⱨǝrgiz bolmaydu! — dedi. Əysa uningƣa jawabǝn: — Seni yumisam, mening bilǝn tǝng nesiwǝng bolmaydu, — dedi. (aiōn )
مەنمۇ ئاتىدىن تىلەيمەن ۋە ئۇ سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەر بىلەن ئەبەدگىچە بىرگە بولىدۇ. (aiōn ) |
Mǝnmu Atidin tilǝymǝn wǝ U silǝrgǝ baxⱪa bir Yardǝmqi ata ⱪilidu. U silǝr bilǝn ǝbǝdgiqǝ birgǝ bolidu. (aiōn )
يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن. (aiōnios ) |
yǝni, uning Sǝn uningƣa tapxurƣan insanlarƣa mǝnggülük ⱨayat ata ⱪilixi üqün, uningƣa pütkül ǝt igiliridin üstün ⱨoⱪuⱪ ata ⱪilƣiningdǝk, uni uluƣlatⱪuzƣaysǝn. (aiōnios )
مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر. (aiōnios ) |
Mǝnggülük ⱨayat xuki, birdinbir ⱨǝⱪiⱪiy Huda — Seni wǝ Sǝn ǝwǝtkǝn Əysa Mǝsiⱨni tonuxtin ibarǝttur. (aiōnios )
چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن. (Hadēs ) |
Qünki Sǝn jenimni tǝⱨtisarada ⱪaldurmaysǝn, Xundaⱪla Sening Muⱪǝddǝs Bolƣuqungƣa qirixlǝrni kɵrgüzmǝysǝn. (Hadēs )
ئۇ مەسىھنىڭ [ئۆلگەندىن كېيىن] تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. (Hadēs ) |
U Mǝsiⱨning [ɵlgǝndin keyin] tirildürülidiƣinini aldin’ala kɵrüp yǝtkǝn wǝ bu munasiwǝt bilǝn Mǝsiⱨning tǝⱨtisarada ⱪaldurulmaydiƣinini wǝ tenining qirimǝydiƣinini tilƣa alƣan. (Hadēs )
ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. (aiōn ) |
Ⱨazirqǝ bolsa, Hudaning dǝslǝptiki zamanlardin tartip muⱪǝddǝs pǝyƣǝmbǝrlirining aƣzi bilǝn eytⱪinidǝk, ⱨǝmmǝ mǝwjudatlar yengilinidiƣan waⱪit kǝlmigüqǝ, ǝrxlǝr uni ⱪobul ⱪilip, uningƣa makan bolidu. (aiōn )
ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز! (aiōnios ) |
Əmdi Pawlus bilǝn Barnabas tehimu yürǝklik ⱨalda mundaⱪ dedi: — Hudaning sɵz-kalamini aldi bilǝn silǝr [Yǝⱨudiy hǝlⱪigǝ] yǝtküzüx kerǝk idi. Lekin silǝr uni qǝtkǝ ⱪeⱪip ɵzünglarni mǝnggülük ⱨayatⱪa layiⱪ kɵrmigǝndin keyin, mana biz [silǝrdin] burulup ǝllǝrgǝ yüzlinimiz! (aiōnios )
ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى. (aiōnios ) |
Əllǝrdikilǝr bu sɵzni anglap, huxal boluxup Rǝbning sɵz-kalamini uluƣlaxti; mǝnggülük ⱨayatⱪa erixixkǝ bekitilgǝnlǝrning ⱨǝmmisi etiⱪad ⱪildi. (aiōnios )
شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» دەيدۇ بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەزەلدىن ئايان قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار!» (aiōn ) |
Xundaⱪ ⱪilip, jaⱨandiki baxⱪa insanlarmu, yǝni Mening namim bilǝn atalƣan barliⱪ ǝllǝr Meni izdǝp tapidu» dǝydu bu ixlarni ǝmǝlgǝ Axurƣuqi wǝ xundaⱪla ularni ǝzǝldin ayan ⱪilip kǝlgǝn Pǝrwǝrdigar!» (aiōn )
(چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) (aïdios ) |
(qünki dunya apiridǝ bolƣandin beri Hudaning kɵzgǝ kɵrünmǝs ɵzgiqilikliri, yǝni mǝnggülük ⱪudriti wǝ birdinbir Huda ikǝnliki Ɵzi yaratⱪan mǝwjudatlar arⱪiliⱪ oquⱪ kɵrülmǝktǝ, xundaⱪla buni qüxinip yǝtkili bolidu. Xu sǝwǝbtin insanlar ⱨeq baⱨanǝ kɵrsitǝlmǝydu) (aïdios )
ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن! (aiōn ) |
Ular Huda toƣrisidiki ⱨǝⱪiⱪǝtni yalƣanƣa aylandurdi, Yaratⱪuqining orniƣa yaritilƣan nǝrsilǝrgǝ qoⱪunup, tawap-taǝt ⱪilƣanidi. Ⱨalbuki, Yaratⱪuqiƣa tǝxǝkkür-mǝdⱨiyǝ mǝnggügǝ oⱪulmaⱪta! Amin! (aiōn )
ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ (aiōnios ) |
Yahxi ixlarni sǝwrqanliⱪ bilǝn ⱪilip, xan-xǝrǝp, ⱨɵrmǝt-eⱨtiram wǝ baⱪiyliⱪni izdigǝnlǝrgǝ U mǝnggülük ⱨayat ata ⱪilidu; (aiōnios )
شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. (aiōnios ) |
Xuningdǝk, gunaⱨ [insaniyǝtning] üstidin ⱨɵkümranliⱪ ⱪilip [ularni] ɵlümgǝ elip barƣinidǝk, [Hudaning] meⱨir-xǝpⱪiti ⱨǝⱪⱪaniyliⱪⱪa asaslinip ⱨɵkümranliⱪ ⱪilip, insanni Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ mǝnggülük ⱨayatliⱪⱪa erixtüridu. (aiōnios )
بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. (aiōnios ) |
Biraⱪ, ⱨazir silǝr gunaⱨtin ǝrkin ⱪilinip, Hudaning ⱪulliri bolƣan ikǝnsilǝr, silǝrdǝ ɵzünglarni pak-muⱪǝddǝslikkǝ elip baridiƣan mewǝ bar, uning nǝtijisi mǝnggülük ⱨayattur. (aiōnios )
چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. (aiōnios ) |
Qünki gunaⱨning ix ⱨǝⱪⱪi yǝnila ɵlümdur, biraⱪ Hudaning Rǝbbimiz Mǝsiⱨ Əysada bolƣan sowƣiti bolsa mǝnggülük ⱨayattur. (aiōnios )
ئۇلۇغ [ئىبرانىي] ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن! (aiōn ) |
Uluƣ [ibraniy] ata-bowiliri ularningkidur; jismaniy jǝⱨǝttǝ Mǝsiⱨ ularning ǝjdadidur. U barliⱪ mǝwjudat üstidin ⱨɵküm sürgüqi, mǝnggü mubarǝk Hudadur. Amin! (aiōn )
ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن». (Abyssos ) |
wǝ yaki «Ⱨang tegigǝ kim qüxǝr?» (yǝni «Mǝsiⱨni ɵlümdin kim ⱪayturar?») — demigin». (Abyssos )
چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. (eleēsē ) |
Qünki Huda pütkül insanƣa rǝⱨim-xǝpⱪǝt kɵrsitix üqün, ⱨǝmmǝylǝnni itaǝtsizlikkǝ solap ⱪoydi. (eleēsē )
چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن. (aiōn ) |
Qünki barliⱪ mǝwjudatlar Uningdin kǝlgǝn, U arⱪiliⱪ mǝwjut bolup turidu, Hǝm Uning üqün mǝwjut bolup turidu. [Barliⱪ] xan-xǝrǝp ǝbǝdgiqǝ Uningƣa bolƣay! Amin. (aiōn )
بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر. (aiōn ) |
Bu dunyaning ⱪelipiƣa kirip ⱪalmanglar, bǝlki oy-pikringlarning yengilinixi bilǝn ɵzgǝrtilinglar; undaⱪ ⱪilƣanda Hudaning yahxi, ⱪobul ⱪilarliⱪ wǝ mukǝmmǝl iradisining nemǝ ikǝnlikini ispatlap bilǝlǝysilǝr. (aiōn )
ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا [شان-شەرەپ بولغاي]! (aiōnios ) |
Uzun zamanlardin buyan süküttǝ saⱪlinip kǝlgǝn sirning wǝⱨiy ⱪilinixi boyiqǝ, mening arⱪiliⱪ yǝtküzülgǝn bu hux hǝwǝr, yǝni Əysa Mǝsiⱨning jakarlinixi bilǝn silǝrni mustǝⱨkǝmlǝxkǝ ⱪadir Bolƣuqiƣa [xan-xǝrǝp bolƣay]! (aiōnios )
سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ (aiōnios ) |
Sir bolsa insanlarni etiⱪadtiki itaǝtmǝnlik yoliƣa elip berix üqün, mǝnggü ⱨayat Hudaning ǝmrigǝ binaǝn ⱨǝm biwasitǝ ⱨǝm burunⱪi pǝyƣǝmbǝrlǝrning yezip ⱪaldurƣanliri arⱪiliⱪ, ⱨazir barliⱪ ǝllǝrgǝ wǝⱨiy ⱪilindi; (aiōnios )
شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
xundaⱪ ⱪilƣan birdinbir dana Bolƣuqi Hudaƣa Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ xan-xǝrǝp ǝbǝdil’ǝbǝd bolƣay! Amin! (aiōn )
ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ (aiōn ) |
Undaⱪta, danixmǝnlǝr ⱪeni? Tǝwrat ɵlimaliri ⱪeni? Bu dunyadiki bǝs-munazirǝ ⱪilƣuqilar ⱪeni? Huda bu dunyadiki danaliⱪni ǝhmǝⱪliⱪ dǝp kɵrsǝtkǝn ǝmǝsmu? (aiōn )
ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ (aiōn ) |
Ⱨalbuki, kamalǝtkǝ yǝtkǝnlǝr arisida biz danaliⱪni bayan ⱪilimiz; bu danaliⱪ bu dǝwrdiki danaliⱪ ǝmǝs, yaki bu dǝwrdiki ⱨɵkümranlarning danaliⱪi ǝmǝs (ular zawalliⱪⱪa yüz tutⱪandur); (aiōn )
ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى. (aiōn ) |
ǝmma biz bir sirni axkarilap, Hudaning bir danaliⱪini bayan ⱪilimiz; Huda ǝslidǝ axkarǝ ⱪilinmiƣan bu danaliⱪni barliⱪ dǝwrlǝrdin burun bizning xan-xǝrǝpkǝ muyǝssǝr boluximiz üqün bekitkǝnidi. (aiōn )
بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى. (aiōn ) |
Bu danaliⱪni bu dǝwrdiki ⱨɵkümranlarning ⱨeqⱪaysisi qüxinip yǝtmigǝnidi; uni qüxinip yǝtkǝn bolsa, xan-xǝrǝpning Igisi bolƣan Rǝbni krestlimigǝn bolatti. (aiōn )
ھېچكىم ئۆز-ئۆزىنى ئالدىمىسۇن؛ بىرسى ئۆزىنى بۇ دەۋردە دانا دەپ سانىسا، نادان بولۇپ قالسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانا بولىدۇ. (aiōn ) |
Ⱨeqkim ɵz-ɵzini aldimisun; birsi ɵzini bu dǝwrdǝ dana dǝp sanisa, nadan bolup ⱪalsun; xuning bilǝn u dana bolidu. (aiōn )
شۇڭا، ئەگەر بىرەر تائام ئۆز قېرىندىشىمنى يىقىتىدىغان قىلتاق بولسا، قېرىندىشىمنى يىقىتماسلىقىم ئۈچۈن مەن مەڭگۈگىچە گۆشنى قەتئىي يېمەيمەن. (aiōn ) |
Xunga, ǝgǝr birǝr taam ɵz ⱪerindiximni yiⱪitidiƣan ⱪiltaⱪ bolsa, ⱪerindiximni yiⱪitmasliⱪim üqün mǝn mǝnggügiqǝ gɵxni ⱪǝt’iy yemǝymǝn. (aiōn )
ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بېشىغا بېشارەتلىك مىساللار سۈپىتىدە چۈشكەن ۋە ئاخىرقى زامانلار بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردىن ساۋاق-ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. (aiōn ) |
Əmdi bu wǝⱪǝlǝrning ⱨǝmmisi ularning bexiƣa bexarǝtlik misallar süpitidǝ qüxkǝn wǝ ahirⱪi zamanlar beximizƣa keliwatⱪan bizlǝrning ulardin sawaⱪ-ibrǝt eliximiz üqün hatirilǝngǝnidi. (aiōn )
«ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» (Hadēs ) |
«Aⱨ, ɵlüm, sening nǝxtiring ⱪeni?! Aⱨ, ɵlüm, sening ƣǝlibǝng ⱪeni?!» (Hadēs )
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى. (aiōn ) |
Qünki Hudaning sürǝt-obrazi bolƣan Mǝsiⱨning xan-xǝripi toƣrisidiki hux hǝwǝrning nuri ularning üstidǝ yorumisun dǝp, bu zamanning ilaⱨi etiⱪadsizlarning oy-zeⱨinlirini kor ⱪildi. (aiōn )
چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ. (aiōnios ) |
Qünki bizning bir dǝⱪiⱪilik wǝ yenik japa-muxǝⱪⱪǝtlirimiz biz üqün exip taxⱪan, mǝnggülük, zor wǝzinlik xan-xǝrǝpni ⱨasil ⱪilidu. (aiōnios )
شۇڭا بىز كۆرۈنگەن ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس ئىشلارغا كۆز تىكىمىز؛ چۈنكى كۆرۈنگەن ئىشلار ۋاقىتلىق، ئەمما كۆرۈنمەس ئىشلار مەڭگۈلۈكتۇر. (aiōnios ) |
Xunga biz kɵrüngǝn ixlarƣa ǝmǝs, bǝlki kɵrünmǝs ixlarƣa kɵz tikimiz; qünki kɵrüngǝn ixlar waⱪitliⱪ, ǝmma kɵrünmǝs ixlar mǝnggülüktur. (aiōnios )
چۈنكى بۇ زېمىنغا تەۋە ئۆيىمىز، يەنى بۇ چېدىرىمىز يوقىتىلسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن بولغان، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان بىر ئۆي، يەنى ئاسمانلاردا ئەبەدىي بىر ماكانىمىز باردۇر دەپ بىلىمىز. (aiōnios ) |
Qünki bu zeminƣa tǝwǝ ɵyimiz, yǝni bu qedirimiz yoⱪitilsimu, Huda tǝripidin bolƣan, insan ⱪoli bilǝn yasalmiƣan bir ɵy, yǝni asmanlarda ǝbǝdiy bir makanimiz bardur dǝp bilimiz. (aiōnios )
[مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگىنىدەك: ــ «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ». (aiōn ) |
[Muⱪǝddǝs yazmilarda] pütülginidǝk: — «U ɵziningkini tarⱪatⱪan, U yoⱪsullarƣa sǝdiⱪǝ bǝrgǝn; Uning ⱨǝⱪⱪaniyliⱪi mǝnggügǝ turidu». (aiōn )
رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. (aiōn ) |
Rǝb Əysaning Huda-Atisi, mǝnggü tǝxǝkkür-mǝdⱨiyilǝrgǝ layiⱪ Bolƣuqiƣa ayanki, mǝn yalƣan eytmidim. (aiōn )
ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛ (aiōn ) |
U Huda’Atimizning iradisi boyiqǝ bizni bu ⱨazirⱪi rǝzil zamandin ⱪutⱪuzuxⱪa Ɵzini gunaⱨlirimiz üqün pida ⱪildi; (aiōn )
خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! (aiōn ) |
Hudaƣa barliⱪ xan-xǝrǝp ǝbǝdil-ǝbǝdgiqǝ bolƣay, amin! (aiōn )
ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ. (aiōnios ) |
Ɵz ǝtlirining arzu-ⱨǝwǝslirini ⱪanduruxⱪa uruⱪ qaqⱪan kixi ɵz ǝtliridin qiriklik ⱨosulini alidu. Lekin Roⱨni hursǝn ⱪilix üqün uruⱪ qaqⱪan kixi bolsa Roⱨtin mǝnggülük ⱨayat alidu. (aiōnios )
پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ (aiōn ) |
pǝⱪǝt bu zamandila ǝmǝs, bǝlki kǝlgüsi zamandimu Uni barliⱪ ⱨɵkümranliⱪtin, ⱨoⱪuⱪtin, küq-ⱪudrǝttin, hojayinliⱪtin wǝ barliⱪ tilƣa elinidiƣan ⱨǝrⱪandaⱪ nam-xǝrǝptin kɵp üstün ⱪoyƣan; (aiōn )
بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛ (aiōn ) |
bu dunyaning dǝwrigǝ ǝgixip, ⱨawaning ⱨoⱪuⱪini tutⱪan ⱨɵkümdarƣa, yǝni bügünki kündǝ itaǝtsizliktin bolƣan pǝrzǝntlǝrni ⱪutritiwatⱪan roⱨⱪa ǝgixip, bu ixlarda ilgiri mangƣansilǝr; (aiōn )
مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ (aiōn ) |
mǝⱪsiti kǝlgüsi zamanlarda Uning Mǝsiⱨ Əysada bizgǝ ⱪaritilƣan meⱨribanliⱪi bilǝn ipadilǝngǝn xapaitining xunqǝ ƣayǝt zor ikǝnlikini kɵsitixtin ibarǝttur; (aiōn )
ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. (aiōn ) |
wǝ xundaⱪla ⱨǝmmini yaratⱪan Hudada yoxurun bolup kǝlgǝn bu sirning ⱪandaⱪ ǝmǝlgǝ axuruluxi toƣruluⱪ ⱨǝmmǝylǝnni yorutux hizmiti amanǝt ⱪilindi. (aiōn )
بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ (aiōn ) |
Bu ix bolsa, Uning Mǝsiⱨ Əysa Rǝbbimizdǝ ijra ⱪilinƣan mǝnggülük muddiasi boyiqidur; (aiōn )
ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
Uningƣa dǝwrdin dǝwrgiqǝ, ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ jamaǝttǝ Mǝsiⱨ Əysa arⱪiliⱪ xan-xǝrǝp bolƣay! Amin! (aiōn )
چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. (aiōn ) |
qünki elixidiƣinimiz ǝt wǝ ⱪan igiliri ǝmǝs, bǝlki ⱨɵkümranlar, ⱨoⱪuⱪdarlar, bu dunyadiki ⱪarangƣuluⱪni baxⱪurƣuqi dunyawi ǝmirlǝr, yǝni ǝrxlǝrdǝ turuwatⱪan rǝzil roⱨiy küqlǝrdur. (aiōn )
ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن. (aiōn ) |
Əmdi Hudayimiz ⱨǝm Atimizƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ xan-xǝrǝp bolƣay! Amin. (aiōn )
بۇ سۆز-كالامىدىكى سىر بارلىق ئەسىرلەردىن ۋە دەۋرلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان، ئەمما ھازىر مۇقەددەس بەندىلىرىگە ئاشكارىلاندى؛ (aiōn ) |
bu sɵz-kalamidiki sir barliⱪ ǝsirlǝrdin wǝ dǝwrlǝrdin yoxurun tutulƣan, ǝmma ⱨazir muⱪǝddǝs bǝndilirigǝ axkarilandi; (aiōn )
بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. (aiōnios ) |
Bundaⱪ kixilǝr Rǝbning ⱨuzuridin wǝ küq-ⱪudritining xan-xǝripidin mǝⱨrum ⱪilinip, mǝnggülük ⱨalakǝt jazasini tartidu. (aiōnios )
ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي! (aiōnios ) |
Əmdi Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨning Ɵzi wǝ bizni sɵygǝn, meⱨir-xǝpⱪǝt bilǝn mǝnggülük riƣbǝt-tǝsǝlli ⱨǝm güzǝl ümid ata ⱪilƣan Huda’Atimiz (aiōnios )
مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. (aiōnios ) |
Muxu sɵz ixǝnqlik wǝ ⱨǝr adǝm uni ⱪobul ⱪilixi tegixliktur — «Mǝsiⱨ Əysa gunaⱨkarlarni ⱪutⱪuzux üqün dunyaƣa kǝldi!». Mǝn gunaⱨkarlar iqidiki ǝng ǝxǝddiyisidurmǝn! Lekin dǝl xu sǝwǝbtin Mǝsiⱨ Əysaning ǝng ǝxǝddiy gunaⱨkar bolƣan meni, keyin Ɵzigǝ etiⱪad ⱪilip, mǝnggülük ⱨayatⱪa erixidiƣanlarƣa misal ⱪilip mǝndǝ Ɵzining barliⱪ sǝwr-taⱪitini ayan ⱪilixi üqün, manga rǝⱨim-xǝpⱪǝt kɵrsitilgǝndur. (aiōnios )
ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
Əmdi mǝnggülük Padixaⱨⱪa, yǝni ɵlmǝydiƣan wǝ kɵz bilǝn kɵrgili bolmaydiƣan, birdinbir Hudaƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨɵrmǝt-izzǝt wǝ xan-xǝrǝp bolƣay! Amin! (aiōn )
ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل. مەڭگۈلۈك ھاياتنى چىڭ تۇتقىن. سەن دەل بۇنىڭغا چاقىرىلدىڭ ھەمدە ئۇنىڭ يولىدا نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ئېتىقادنىڭ گۈزەل شاھىتلىقىنى قىلدىڭ. (aiōnios ) |
Etiⱪadtiki güzǝl kürǝxtǝ küqǝp kürǝx ⱪil. Mǝnggülük ⱨayatni qing tutⱪin. Sǝn dǝl buningƣa qaⱪirilding ⱨǝmdǝ uning yolida nurƣunliƣan guwaⱨqilar aldida bu etiⱪadning güzǝl xaⱨitliⱪini ⱪilding. (aiōnios )
ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! (aiōnios ) |
Uning ayan boluxini waⱪit-saiti kǝlgǝndǝ birdinbir mǝnggü ɵlmigüqi, insan yeⱪinlixalmaydiƣan nur iqidǝ yaxaydiƣan, ⱨeqkim kɵrmigǝn wǝ kɵrǝlmǝydiƣan mubarǝklǝxkǝ layiⱪ bolƣan birdinbir Ⱨɵkümran, yǝni padixaⱨlarning Padixaⱨi, rǝblǝrning Rǝbbi ǝmǝlgǝ axuridu. Uningƣa izzǝt-ⱨɵrmǝt wǝ ǝbǝdil’ǝbǝd küq-ⱪudrǝt bolƣay, amin! (aiōnios )
بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛ (aiōn ) |
Bu zamanda bay bolƣanlarƣa mǝƣrurlanmasliⱪni, tayanƣusiz ɵtkünqi bayliⱪⱪa ǝmǝs, bǝlki biz bǝⱨrimǝn boluxⱪa ⱨǝmmini bizgǝ sehiyliⱪ bilǝn tolup taxⱪan ⱨalda tǝminligüqi Hudaƣa tayinip ümid baƣlaxni tapiliƣin; (aiōn )
خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ (aiōnios ) |
Huda bizni ɵz ǝmǝllirimizgǝ asasǝn ǝmǝs, bǝlki ɵz muddiasi wǝ meⱨir-xǝpⱪitigǝ asasǝn ⱪutⱪuzup, pak-muⱪǝddǝs qaⱪiriⱪi bilǝn qaⱪirdi; Uning bu meⱨir-xǝpⱪiti ⱨǝmmǝ dǝwr-zamanlardin ilgirila Mǝsiⱨ Əysada bizgǝ beƣixlanƣandur; (aiōnios )
ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، [خۇدا] تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن. (aiōnios ) |
Əmdi mǝn dǝl xu sǝwǝbtin, [Huda] talliƣan bǝndilǝrning Mǝsiⱨ Əysada bolƣan nijatⱪa mǝnggülük xan-xǝrǝp bilǝn erixixi üqün ⱨǝmmǝ ixⱪa bǝrdaxliⱪ berimǝn. (aiōnios )
چۈنكى دېماس بۇ ھازىرقى دۇنيانى تاما قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنى تاشلاپ تېسالونىكا شەھىرىگە كەتتى. كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. (aiōn ) |
Qünki Demas bu ⱨazirⱪi dunyani tama ⱪilƣanliⱪi üqün meni taxlap Tesalonika xǝⱨirigǝ kǝtti. Kriskis Galatiya ɵlkisigǝ, Titus Dalmatiya ɵlkisigǝ kǝtti. (aiōn )
رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
Rǝb meni barliⱪ rǝzil ixtin ⱪutⱪuzup, ǝrxtiki padixaⱨliⱪiƣa saⱪ yǝtküzidu! Xan-xǝrǝp Uningƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ mǝnsup bolƣay! Amin! (aiōn )
(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ (aiōnios ) |
(bu etiⱪad wǝ ⱨǝⱪiⱪǝt mǝnggülük ⱨayatⱪa baƣlanƣan ümidni elip kelidu; bu mǝnggülük ⱨayatni mutlǝⱪ yalƣan eytmaydiƣan Huda ⱨǝmmǝ dǝwr-zamanlardin ilgirila wǝdǝ ⱪilƣanidi; (aiōnios )
ئۇ بىزگە ئىخلاسسىزلىق ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، ھازىرقى زاماندا سالماق، ھەققانىي، ئىخلاسمەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈشىمىز بىلەن، (aiōn ) |
u bizgǝ ihlassizliⱪ wǝ bu dunyaning arzu-ⱨǝwǝslirini rǝt ⱪilip, ⱨazirⱪi zamanda salmaⱪ, ⱨǝⱪⱪaniy, ihlasmǝn ⱨayatni ɵtküzüximiz bilǝn, (aiōn )
بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. (aiōnios ) |
Bu arⱪiliⱪ, Hudaning meⱨir-xǝpⱪiti bilǝn ⱨǝⱪⱪaniy ⱪilinip, mǝnggülük ⱨayatⱪa erixix ümidini tutⱪan mirashorlar bolduⱪ. (aiōnios )
چۈنكى سېنىڭ ئونېسىمۇستىن ۋاقىتلىق مەھرۇم بولغىنىڭنىڭ سەۋەبى، بەلكىم دەل سېنىڭ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە نېسىۋە بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى. (aiōnios ) |
Qünki sening Onesimustin waⱪitliⱪ mǝⱨrum bolƣiningning sǝwǝbi, bǝlkim dǝl sening uningƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ nesiwǝ boluxung üqün idi. (aiōnios )
مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسا بىزگە ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. ئۇ ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكەتكەن، ئۇنىڭ ئارقىلىق كائىناتلارنى ياراتقان. (aiōn ) |
muxu ahirⱪi künlǝrdǝ bolsa bizgǝ Oƣli arⱪiliⱪ sɵzlidi. U Oƣlini pütkül mǝwjudatning mirashori ⱪilip bekǝtkǝn, Uning arⱪiliⱪ kainatlarni yaratⱪan. (aiōn )
لېكىن ئوغلى ھەققىدە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ــ «سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر. (aiōn ) |
lekin Oƣli ⱨǝⱪⱪidǝ bolsa Uningƣa mundaⱪ degǝn: — «Sening tǝhting, i Huda, ǝbǝdil’ǝbǝdliktur; Sening padixaⱨliⱪingdiki xaⱨanǝ ⱨasang adalǝtning ⱨasisidur. (aiōn )
ئۇ [مۇقەددەس يازمىلارنىڭ] يەنە بىر يېرىدە ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دېگەن. (aiōn ) |
U [muⱪǝddǝs yazmilarning] yǝnǝ bir yeridǝ Uningƣa: — «Sǝn ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ Mǝlkizǝdǝkning tipidiki bir kaⱨindursǝn» degǝn. (aiōn )
ئۇ مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل قىلىنغان بولغاچقا، بارلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مەڭگۈلۈك نىجاتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولۇپ، (aiōnios ) |
U mana muxundaⱪ mukǝmmǝl ⱪilinƣan bolƣaqⱪa, barliⱪ Ɵzigǝ itaǝt ⱪilƣuqilarƣa mǝnggülük nijatni barliⱪⱪa kǝltürgüqi bolup, (aiōnios )
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي تەلىمدە توختاپ قالماي، ــ يەنى قايتىدىن «ئۆلۈك ئىشلار»دىن توۋا قىلىش ۋە خۇداغا ئېتىقاد باغلاش، چۆمۈلدۈرۈلۈشلەر، «قول تەگكۈزۈش»، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم-سوراق توغرىسىدىكى تەلىملەردىن ئۇل سالايلى دەپ ئولتۇرماي، مۇكەممەللىككە قاراپ ماڭايلى. (aiōnios ) |
Xuning üqün, Mǝsiⱨ toƣrisidiki dǝslǝpki asasiy tǝlimdǝ tohtap ⱪalmay, — yǝni ⱪaytidin «ɵlük ixlar»din towa ⱪilix wǝ Hudaƣa etiⱪad baƣlax, qɵmüldürülüxlǝr, «ⱪol tǝgküzüx», ɵlgǝnlǝrning tirildürülüxi wǝ mǝnggülük ⱨɵküm-soraⱪ toƣrisidiki tǝlimlǝrdin ul salayli dǝp olturmay, mukǝmmǝllikkǝ ⱪarap mangayli. (aiōnios )
چۈنكى ئەسلىدە يورۇتۇلۇپ، ئەرشتىكى ئىلتىپاتتىن تېتىغان، مۇقەددەس روھتىن نېسىپ بولغان، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم كەلگۈسى زاماندا ئايان قىلىنىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلىپ باققانلار ئەگەر يولدىن چەتنىگەن بولسا، ئۇلارنى قايتىدىن توۋا قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە قىلىپ خۇدانىڭ ئوغلىنى قايتىدىن كرېستلەپ رەسۋا قىلماقتا. (aiōn ) |
Qünki ǝslidǝ yorutulup, ǝrxtiki iltipattin tetiƣan, Muⱪǝddǝs Roⱨtin nesip bolƣan, Hudaning sɵz-kalamining yahxiliⱪini ⱨǝm kǝlgüsi zamanda ayan ⱪilinidiƣan ⱪudrǝtlǝrni ⱨes ⱪilip baⱪⱪanlar ǝgǝr yoldin qǝtnigǝn bolsa, ularni ⱪaytidin towa ⱪildurux ⱨǝrgiz mumkin ǝmǝs. Qünki ular ɵz-ɵzigǝ ⱪilip Hudaning Oƣlini ⱪaytidin krestlǝp rǝswa ⱪilmaⱪta. (aiōn )
ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى. (aiōn ) |
U yǝrgǝ biz üqün yol eqip mangƣuqi Əysa bizdin awwal kirgǝn bolup, Mǝlkizǝdǝkning kaⱨinliⱪ tüzümi tǝrtipidǝ mǝnggülük tǝyinlǝngǝn Bax Kaⱨin boldi. (aiōn )
چۈنكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. (aiōn ) |
Qünki bu ⱨǝⱪtǝ [muⱪǝddǝs yazmilarda]: «Sǝn ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ Mǝlkizǝdǝkning tipidiki bir kaⱨindursǝn» dǝp guwaⱨliⱪ berilgǝn. (aiōn )
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش [خۇدانىڭ] قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولماي قالمىدى (ئىلگىرى ئۆتكەن كاھىنلار [خۇدانىڭ] قەسىمىسىز كاھىن بولغانىدى؛ لېكىن، ئەيسا بولسا ئۆزىگە: ــ «پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم ھەرگىز بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە كاھىندۇرسەن»» دېگۈچىنىڭ قەسىمى بىلەن كاھىن بولدى). (aiōn ) |
Uning üstigǝ, bu ix [Hudaning] ⱪǝsimi bilǝn kapalǝtkǝ igǝ bolmay ⱪalmidi (ilgiri ɵtkǝn kaⱨinlar [Hudaning] ⱪǝsimisiz kaⱨin bolƣanidi; lekin, Əysa bolsa Ɵzigǝ: — «Pǝrwǝrdigar xundaⱪ ⱪǝsǝm iqti, ⱨǝm ⱨǝrgiz buningdin yanmaydu: — «Sǝn ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ kaⱨindursǝn»» Degüqining ⱪǝsimi bilǝn kaⱨin boldi). (aiōn )
لېكىن [ئەيسا] مەڭگۈگە تۇرغاچقا، ئۇنىڭ كاھىنلىقى ھەرگىز ئۆزگەرتىلمەستۇر. (aiōn ) |
Lekin [Əysa] mǝnggügǝ turƣaqⱪa, Uning kaⱨinliⱪi ⱨǝrgiz ɵzgǝrtilmǝstur. (aiōn )
چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئاجىز بەندە بولغان ئىنسانلارنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن كەلگەن خۇدانىڭ قەسەم-كالامى مەڭگۈگە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغۇلنى باش كاھىن قىلىپ تەيىنلىدى. (aiōn ) |
Qünki Tǝwrat ⱪanuni ajiz bǝndǝ bolƣan insanlarni bax kaⱨin ⱪilip tǝyinlǝydu, lekin Tǝwrat ⱪanunidin keyin kǝlgǝn Hudaning ⱪǝsǝm-kalami mǝnggügǝ kamalǝtkǝ yǝtküzülgǝn Oƣulni bax kaⱨin ⱪilip tǝyinlidi. (aiōn )
ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. (aiōnios ) |
ɵqkǝ yaki mozaylarning [ⱪurbanliⱪ] ⱪenini ǝmǝs, bǝlki Ɵzining [ⱪurbanliⱪ] ⱪeni arⱪiliⱪ U (Ɵzila mǝnggülük ⱨɵrlük-nijatni igiligǝn bolup) bir yolila mǝnggügǝ ǝng muⱪǝddǝs jayƣa kirdi. (aiōnios )
ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! (aiōnios ) |
undaⱪta, mǝnggülük Roⱨ arⱪiliⱪ ɵzini ƣubarsiz ⱪurbanliⱪ süpitidǝ Hudaƣa atiƣan Mǝsiⱨning ⱪeni wijdaninglarni ɵlük ixlardin pak ⱪilip, bizni mǝnggü ⱨayat Hudaƣa ibadǝt ⱪilixⱪa tehimu yetǝklimǝmdu?! (aiōnios )
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. (aiōnios ) |
Xuning üqün u yengi ǝⱨdining wasitiqisidur. Buning bilǝn (insanlarning awwalⱪi ǝⱨdǝ astida sadir ⱪilƣan itaǝtsizlikliri üqün azadliⱪ bǝdili süpitidǝ xundaⱪ bir ɵlüm bolƣanikǝn) Huda tǝripidin qaⱪirilƣanlar wǝdǝ ⱪilinƣan mǝnggülük mirasⱪa erixǝlǝydu. (aiōnios )
ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. (aiōn ) |
Əgǝr xundaⱪ ⱪilixning zɵrüriyiti bolƣan bolsa, dunya apiridǝ bolƣandin beri Uning ⱪayta-ⱪayta azab qekixigǝ toƣra kelǝtti. Lekin U mana zamanlarning ahirida gunaⱨni yoⱪ ⱪilix üqün, bir yolila Ɵzini ⱪurban ⱪilixⱪa otturiƣa qiⱪti. (aiōn )
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. (aiōn ) |
Biz etiⱪad arⱪiliⱪ kainatning Hudaning sɵz-kalami bilǝn ornitilƣanliⱪini, xundaⱪla biz kɵrüwatⱪan mǝwjudatlarning kɵrgili bolidiƣan xǝy’ilǝrdin qiⱪⱪan ǝmǝslikini qüxinǝlǝymiz. (aiōn )
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆزگەرمەيدۇ! (aiōn ) |
Əysa Mǝsiⱨ tünügün, bügün wǝ ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ɵzgǝrmǝydu! (aiōn )
ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا (aiōnios ) |
Əmdi mǝnggülük ǝⱨdining ⱪeni bilǝn ⱪoy padisining katta padiqisi bolƣan Rǝbbimiz Əysani ɵlümdin tirildürgüqi, hatirjǝmlikning Igisi bolƣan Huda (aiōnios )
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ silǝrgǝ Ɵzini hursǝn ⱪilidiƣan ixlarni ⱪildurup, silǝrni ⱨǝrbir yahxi ǝmǝldǝ takamullaxururup iradisining ijraqiliri ⱪilƣay! Mǝsiⱨkǝ ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ xan-xǝrǝp bolƣay! Amin! (aiōn )
تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ! (Geenna ) |
Til — dǝrwǝⱪǝ bir ottur; u ǝzalirimiz arisidin orun elip ⱪǝbiⱨlikkǝ tolƣan bir alǝm bolidu. U pütkül tǝnni bulƣiƣuqidur; u dozah otidin tutaxturulup, pütkül tǝbiǝtning qaⱪiƣa ot tutaxturidu! (Geenna )
چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز-كالامى ئارقىلىق بولدى. (aiōn ) |
Qünki silǝr yengiwaxtin tuƣuldunglar — bu qirip ketidiƣan uruⱪ arⱪiliⱪ ǝmǝs, bǝlki qirimas uruⱪ, yǝni Hudaning ⱨayatiy küqkǝ igǝ wǝ mǝnggü turidiƣan sɵz-kalami arⱪiliⱪ boldi. (aiōn )
بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر. (aiōn ) |
Biraⱪ Rǝbning sɵz-kalami mǝnggügǝ turidu!» Silǝrgǝ yǝtküzülgǝn hux hǝwǝrdǝ jakarlanƣan sɵz-kalam dǝl xudur. (aiōn )
كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن! (aiōn ) |
Kim sɵz ⱪilsa, u Hudaning kalam-bexarǝtlirini yǝtküzgüqi süpitidǝ sɵzlisun. Kim baxⱪilarƣa hizmǝt ⱪilsa, u Huda ata ⱪilƣan küq-ⱪudriti bilǝn hizmǝt ⱪilsun. Xundaⱪ bolƣanda, Huda ⱨǝmmǝ ixta Əysa Mǝsiⱨ arⱪiliⱪ uluƣlinidu. Barliⱪ xan-xǝrǝp wǝ küq-ⱪudrǝt Uningƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ mǝnsuptur, amin! (aiōn )
ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ. (aiōnios ) |
Əmma silǝrni Mǝsiⱨ Əysa arⱪiliⱪ Ɵzining mǝnggülük xan-xǝripigǝ qaⱪirƣan, pütkül meⱨir-xǝpⱪǝtning Igisi bolƣan Huda azraⱪⱪinǝ waⱪit azab-oⱪubǝt qǝkkininglardin keyin, Ɵzi silǝrni ǝsligǝ kǝltürüp, dǝs turƣuzup, mustǝⱨkǝm wǝ ulƣa bekitilgǝndǝk tǝwrǝnmǝs ⱪilidu. (aiōnios )
ئۇنىڭغا [بارلىق] شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! (aiōn ) |
Uningƣa [barliⱪ] xan-xǝrǝp wǝ küq-ⱪudrǝt ǝbǝdil’ǝbǝd mǝnsup bolƣay, amin! (aiōn )
شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. (aiōnios ) |
Xundaⱪ bolƣanda Rǝbbimiz wǝ Ⱪutⱪuzƣuqimiz Əysa Mǝsiⱨning mǝnggülük padixaⱨliⱪidimu ⱪizƣin ⱪarxi elinisilǝr. (aiōnios )
چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە، (Tartaroō ) |
Qünki Huda gunaⱨ sadir ⱪilƣan pǝrixtilǝrni ayap olturmay, bǝlki ularni tǝⱨtisaraning ⱨangiƣa taxlap, soraⱪⱪa tartⱪuqǝ zulmǝtlik ⱪarangƣuluⱪtiki zǝnjirlǝr bilǝn solap ⱪoyƣan yǝrdǝ, (Tartaroō )
ئەكسىچە، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
Əksiqǝ, [Hudaning] meⱨir-xǝpⱪitidǝ ⱨǝm Rǝbbimiz wǝ Ⱪutⱪuzƣuqimiz Əysa Mǝsiⱨgǝ bolƣan bilixtǝ dawamliⱪ ɵsünglar. Uningƣa ⱨǝm ⱨazir ⱨǝm axu ǝbǝd künigiqǝ barliⱪ xan-xǝrǝp mǝnsup bolƣay! Amin! (aiōn )
(بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز) (aiōnios ) |
(bu ⱨayatliⱪ bizgǝ ayan bolup, biz uni kɵrduⱪ. Xuning bilǝn bu ⱨǝⱪtǝ guwaⱨliⱪ berimiz ⱨǝmdǝ Ata bilǝn billǝ bolup, keyin bizgǝ ayan bolƣan xu mǝnggülük ⱨayatni silǝrgǝ bayan ⱪilimiz) (aiōnios )
ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. (aiōn ) |
wǝ bu dunya wǝ uningdiki ⱨǝwǝslǝrning ⱨǝmmisi ɵtüp ketidu. Lekin Hudaning iradisigǝ ǝmǝl ⱪilƣuqi kixi mǝnggü yaxaydu. (aiōn )
ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر. (aiōnios ) |
wǝ Uning bizgǝ ⱪilƣan wǝdisi bolsa dǝl xu — mǝnggü ⱨayatliⱪtur. (aiōnios )
قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. (aiōnios ) |
Ⱪerindixiƣa ɵqmǝnlik ⱪilƣan kixi ⱪatildur wǝ ⱨeqⱪandaⱪ ⱪatilda mǝnggülük ⱨayatning bolmaydiƣanliⱪini bilisilǝr. (aiōnios )
گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. (aiōnios ) |
guwaⱨliⱪ dǝl xudurki, Huda bizgǝ mǝnggülük ⱨayatni ata ⱪildi wǝ bu ⱨayatliⱪ Uning Oƣlididur. (aiōnios )
مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم. (aiōnios ) |
Mǝn bularni Hudaning Oƣlining namiƣa etiⱪad ⱪilƣan silǝrgǝ silǝrning mǝnggülük ⱨayatⱪa igǝ bolƣanliⱪinglarni bilixinglar üqün yazdim. (aiōnios )
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر! (aiōnios ) |
Yǝnǝ bizgǝ mǝlumki, Hudaning Oƣli dunyaƣa kǝldi wǝ Ⱨǝⱪiⱪiy Bolƣuqini tonuximiz üqün kɵnglimizni yorutti; wǝ biz Ⱨǝⱪiⱪiy Bolƣuqining Ɵzidǝ, yǝni Uning Oƣli Əysa Mǝsiⱨdǝ yaxawatimiz. U bolsa ⱨǝⱪiⱪiy Huda wǝ mǝnggülük ⱨayatliⱪtur! (aiōnios )
مەنكى ئاقساقالدىن [خۇدا تەرىپىدىن] تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام! مەن سىلەرنى ھەقىقەتتە سۆيىمەن ۋە يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىزدە ياشاۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئەبەدگىچە بىزگە يار بولىدىغان ھەقىقەتنى دەپ سىلەرنى سۆيىدۇ. (aiōn ) |
Mǝnki aⱪsaⱪaldin [Huda tǝripidin] tallanƣan hanimƣa wǝ uning ǝziz baliliriƣa salam! Mǝn silǝrni ⱨǝⱪiⱪǝttǝ sɵyimǝn wǝ yalƣuz mǝnla ǝmǝs, yǝnǝ ⱨǝⱪiⱪǝtni tonuƣanlarning ⱨǝmmisi bizdǝ yaxawatⱪan wǝ xundaⱪla ǝbǝdgiqǝ bizgǝ yar bolidiƣan ⱨǝⱪiⱪǝtni dǝp silǝrni sɵyidu. (aiōn )
[ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى]، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ [قىيامەت] كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا. (aïdios ) |
[Wǝ silǝr xunimu bilisilǝrki], ǝslidiki ornida turmay, ɵz makanini taxlap kǝtkǝn pǝrixtilǝrni Rǝb uluƣ [ⱪiyamǝt] künining soriⱪiƣiqǝ mǝnggü kixǝnlǝp mudⱨix ⱪarangƣuluⱪta solap saⱪlimaⱪta. (aïdios )
سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ [پەرىشتىلەرگە] ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، [كېيىنكى دەۋرلەر] ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. (aiōnios ) |
Sodom wǝ Gomorra wǝ ularning ǝtrapidiki xǝⱨǝrlǝrdikilǝrmu xu ohxax yolda, yǝni xu [pǝrixtilǝrgǝ] ohxax uqiƣa qiⱪⱪan buzuⱪqiliⱪⱪa wǝ ƣǝyriy xǝⱨwǝtlǝrgǝ berilip kǝtkǝn, [keyinki dǝwrlǝr] ularning aⱪiwitidin ibrǝt alsun üqün mǝnggülük ot jazasiƣa ɵrnǝk ⱪilinip kɵydürülgǝn. (aiōnios )
ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا؛ ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر. (aiōn ) |
Ular dengizning dawalƣuwatⱪan, buȥƣunluⱪ dolⱪunliri, ular ɵz xǝrmǝndiqilikini ⱪusmaⱪta; ular ezip kǝtkǝn yultuzlar bolup, ularƣa mǝnggülük ⱪapⱪarangƣuluⱪning zulmiti ⱨazirlap ⱪoyulƣandur. (aiōn )
ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. (aiōnios ) |
adǝmni mǝnggülük ⱨayatⱪa elip baridiƣan Rǝbbimiz Əysa Mǝsiⱨning rǝⱨimdillikini tǝlmürüp kütüp, ɵzünglarni Hudaning meⱨir-muⱨǝbbiti iqidǝ tutunglar. (aiōnios )
خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن! (aiōn ) |
ⱨǝywǝt-uluƣluⱪ, ⱪudrǝt wǝ ⱨoⱪuⱪ ǝzǝldin burun, ⱨazirmu ta barliⱪ zamanlarƣiqǝ bolƣay! Amin! (aiōn )
ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! (aiōn ) |
wǝ bizni bir padixaⱨliⱪⱪa uyuxturup, Ɵz Atisi Hudaƣa kaⱨinlar ⱪilƣanƣa barliⱪ xan-xǝrǝp wǝ küq-ⱪudrǝt ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ bolƣay, amin! (aiōn )
ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر! (aiōn , Hadēs ) |
ⱨǝmdǝ ⱨayat Bolƣuqi Ɵzümdurmǝn. Mǝn ɵlgǝnidim, ǝmma mana, Mǝn ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨayatturmǝn, ɵlüm wǝ tǝⱨtisaraning aqⱪuqliri ⱪolumdidur! (aiōn , Hadēs )
ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، (aiōn ) |
Ⱨayat mǝhluⱪlar tǝhttǝ olturƣan ǝbǝdil’ǝbǝd ⱨayat Bolƣuqini uluƣlap, Uningƣa ⱨɵrmǝt-xǝwkǝt wǝ tǝxǝkkür izⱨar ⱪilƣinida, (aiōn )
يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ (aiōn ) |
yigirmǝ tɵt aⱪsaⱪal tǝhttǝ olturƣuqining ayiƣiƣa yiⱪilip ǝbǝdil’ǝbǝd ⱨayat Bolƣuqiƣa bax ⱪoyup sǝjdǝ ⱪilatti, tajlirini tǝhtning aldiƣa taxlap ⱪoyup, mundaⱪ deyixǝtti: — (aiōn )
ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: ــ «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. (aiōn ) |
Andin mǝn ǝrx, yǝr yüzi, yǝr asti wǝ dengizdiki ⱨǝrbir mǝhluⱪ wǝ ularning iqidǝ bar bolƣanlarning ⱨǝmmisining: — «Tǝhttǝ Olturƣuqiƣa wǝ Ⱪoziƣa Mǝdⱨiyǝ, ⱨɵrmǝt, xan-xǝrǝp wǝ ⱨoⱪuⱪ-ⱪudrǝt Əbǝdil’ǝbǝdgiqǝ mǝnsup bolƣay!» deginini anglidim. (aiōn )
كۆردۈمكى، مانا بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن تەھتىسارا ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. (Hadēs ) |
Kɵrdümki, mana bir tatirang atni kɵrdüm. Atⱪa mingüqining ismi «Ɵlüm» idi. Uning kǝynidin tǝⱨtisara ǝgixip keliwatatti. Ularƣa yǝr yüzining tɵttin birigǝ ⱨɵkümranliⱪ ⱪilip, ⱪiliq, aqarqiliⱪ, waba wǝ yǝr yüzidiki yirtⱪuq ⱨaywanlar arⱪiliⱪ adǝmni ɵltürüx ⱨoⱪuⱪi berildi. (Hadēs )
«ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» (aiōn ) |
«Amin! Ⱨǝmd-mǝdⱨiyǝ, xan-xǝrǝp, Danaliⱪ wǝ tǝxǝkkür, Ⱨɵrmǝt wǝ küq-ⱪudrǝt Hudayimizƣa ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ mǝnsup bolƣay, amin!» (aiōn )
بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ مەن ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان قۇدۇقنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى، (Abyssos ) |
Bǝxinqi pǝrixtǝ kaniyini qaldi; mǝn asmandin yǝrgǝ qüxüp kǝtkǝn bir yultuzni kɵrdüm. Tegi yoⱪ ⱨangƣa baridiƣan ⱪuduⱪning aqⱪuqi uningƣa berildi, (Abyssos )
ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى. (Abyssos ) |
U tegi yoⱪ ⱨangning ⱪuduⱪini aqti. Ⱪuduⱪtin yoƣan humdanning isidǝk tütün ɵrlǝp qiⱪti. Ⱨangning ⱪuduⱪining tütünidin ⱪuyax wǝ kɵkni ⱪarangƣuluⱪ basti. (Abyssos )
ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى. (Abyssos ) |
Ularni idarǝ ⱪilidiƣan padixaⱨi, yǝni tegi yoⱪ ⱨangning pǝrixtisi bar idi. Uning ibraniyqǝ ismi Awaddon; grekqǝ ismi Apoliyon idi. (Abyssos )
ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ (aiōn ) |
asmanlar ⱨǝm ularda bolƣanlarning ⱨǝmmisini, yǝr-zemin ⱨǝm uningda bolƣanlarning ⱨǝmmisini, dengiz ⱨǝm uningda bolƣan ⱨǝmmisini Yaratⱪuqi, yǝni ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨayat Yaxiƣuqi bilǝn ⱪǝsǝm ⱪilip: — Waⱪit yǝnǝ kǝynigǝ sürülmǝydu; (aiōn )
ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. (Abyssos ) |
Ularning guwaⱨliⱪ wǝzipisi ayaƣlixixi bilǝn, tegi yoⱪ ⱨangdin qiⱪidiƣan diwǝ ular bilǝn elixidu wǝ ularni yengip ɵltüridu. (Abyssos )
ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ». (aiōn ) |
Andin yǝttinqi pǝrixtǝ kaniyini qaldi; ǝrxtǝ yuⱪiri awazlar anglinip mundaⱪ deyildi: — «Dunyaning padixaⱨliⱪi Pǝrwǝrdigarimiz Wǝ uning Mǝsiⱨining padixaⱨliⱪi boldi, U ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨɵküm süridu». (aiōn )
ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. (aiōnios ) |
Andin mǝn asmanning otturisida uqup yürgǝn baxⱪa bir pǝrixtini kɵrdüm. Uningƣa yǝr yüzidǝ turuwatⱪanlarƣa, yǝni ⱨǝrbir ǝl, ⱪǝbilǝ, ⱨǝr hil tilda sɵzlixidiƣanlar, ⱨǝr millǝtlǝrgǝ elip yǝtküzüxi üqün mǝnggülük hux hǝwǝr tapxuruldi. (aiōnios )
ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ». (aiōn ) |
Ularning ⱪiynilixliridin qiⱪⱪan is-tütǝklǝr ǝbǝdil’ǝbǝd purⱪirap turidu; diwigǝ wǝ uning but-ⱨǝykiligǝ qoⱪunƣanlar yaki uning namining tamƣisini ⱪobul ⱪilƣanlarƣa keqǝ-kündüz aramliⱪ bolmaydu». (aiōn )
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. (aiōn ) |
Tɵt ⱨayat mǝhluⱪning biri yǝttǝ pǝrixtigǝ ǝbǝdil’ǝbǝd yaxaydiƣan Hudaning ⱪǝⱨri bilǝn tolƣan yǝttǝ altun qinini bǝrdi. (aiōn )
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. (Abyssos ) |
Sǝn kɵrgǝn diwǝ bir zamanlarda bar idi, ⱨazir yoⱪ; uzun ɵtmǝy tegi yoⱪ ⱨangdin qiⱪip, ⱨalakǝtkǝ ⱪarap mangidu. Yǝr yüzidǝ turuwatⱪanlar — dunya apiridǝ bolƣandin buyan isimliri ⱨayatliⱪ dǝptirigǝ pütülmigǝn kixilǝr diwini kɵrüp intayin ⱨǝyran ⱪalidu. Qünki u bir zamanlarda bar idi, ⱨazir yoⱪ, lekin yǝnǝ pǝyda bolidu. (Abyssos )
ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ! (aiōn ) |
Ular ikkinqi ⱪetim: — «Ⱨǝmdusana!» deyixti. Uningdin qiⱪⱪan is-tütǝklǝr ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ purⱪiraydu! (aiōn )
ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. (Limnē Pyr ) |
Əmdi diwǝ wǝ uningƣa wakalitǝn mɵjizilik alamǝtlǝrni kɵrsǝtkǝn sahta pǝyƣǝmbǝrning ⱨǝr ikkisi tutuwelindi (sahta pǝyƣǝmbǝr xu alamǝtlǝr bilǝn diwining tamƣisini ⱪobul ⱪilƣan ⱨǝmdǝ uning but-ⱨǝykiligǝ qoⱪunƣanlarni azdurup yürgǝnidi). Ular ikkisi günggürt yeniwatⱪan ot kɵligǝ tirik taxlandi. (Limnē Pyr )
ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. (Abyssos ) |
Uningdin keyin, ⱪolida tegi yoⱪ ⱨangning aqⱪuqi wǝ yoƣan zǝnjir tutⱪan bir pǝrixtining asmandin qüxüwatⱪanliⱪini kɵrdüm. (Abyssos )
ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر. (Abyssos ) |
Uning ming yil toxⱪuqǝ ǝllǝrni azdurmasliⱪi üqün, uni tegi yoⱪ ⱨangƣa taxlap ⱨangning aƣzini etip peqǝtliwǝtti. Bu waⱪitlardin keyin, u waⱪtinqǝ ⱪoyup berilixi muⱪǝrrǝr. (Abyssos )
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ. (aiōn , Limnē Pyr ) |
Ularni azdurƣan Iblis bolsa diwǝ bilǝn sahta pǝyƣǝmbǝr kɵyüwatⱪan ot wǝ günggürt kɵligǝ taxlinip, u yǝrdǝ keqǝ-kündüz ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱪiynilidu. (aiōn , Limnē Pyr )
دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. (Hadēs ) |
Dengiz ɵzidǝ ɵlgǝnlǝrni tapxurup bǝrdi, ɵlüm wǝ tǝⱨtisaramu ɵzliridiki ɵlgǝnlǝrni tapxurup berixti. Ⱨǝrkimning üstigǝ ɵz ǝmǝliyitigǝ ⱪarap ⱨɵküm ⱪilindi. (Hadēs )
ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر. (Hadēs , Limnē Pyr ) |
Andin ɵlüm wǝ tǝⱨtisara ot kɵligǝ taxlandi. Mana ikkinqi ɵlüm — ot kɵlidur. (Hadēs , Limnē Pyr )
كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى. (Limnē Pyr ) |
Kimning ismining «Ⱨayatliⱪ dǝptiri»dǝ yezilmiƣanliⱪi bayⱪalsa, ot kɵligǝ taxlandi. (Limnē Pyr )
لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر». (Limnē Pyr ) |
Lekin ⱪorⱪunqaⱪlar, etiⱪadsizlar, yirginqliklǝr, ⱪatillar, buzuⱪluⱪ ⱪilƣuqilar, seⱨirgǝrlǝr, butpǝrǝslǝr wǝ barliⱪ yalƣanqilarƣa bolsa, ularning ⱪismiti ot bilǝn günggürt yenip turuwatⱪan kɵldur — bu bolsa ikkinqi ɵlümdur». (Limnē Pyr )
ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. (aiōn ) |
U yǝrdǝ ǝsla keqǝ bolmaydu, nǝ qiraƣ nuriƣa, nǝ ⱪuyax nuriƣa moⱨtaj bolmaydu. Qünki Pǝrwǝrdigar Huda ularning üstidǝ yoridu, ular ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ ⱨɵküm süridu. (aiōn )
مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان. () |