< نەھەمىيا 1 >
ھاقالىيانىڭ ئوغلى نەھەمىيا شۇنداق بايان قىلدىكى: ــ يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا، مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇراتتىم، | 1 |
This is the account of Nehemiah, son of Hacaliah. In the month of Kislev, in the twentieth year of King Artaxerxes' reign, I was in the fortress at Susa.
ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان ھانانى بىلەن بىرنەچچە كىشى يەھۇدىيەدىن چىقىپ كەلدى؛ مەن ئۇلاردىن سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدالار ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا سورىدىم. | 2 |
Hanani, one of my brothers, came from Judah with some other men. I asked them about the remnant of the Jewish exiles who had returned from captivity, and also about Jerusalem.
ئۇلار ماڭا: ــ سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ قالدىسى [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدە قاتتىق جاپا-مۇشەققەت ئاستىدا ۋە ئاھانەت ئىچىدە قالدى. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى، دەپ ئېيتىپ بەردى. | 3 |
They told me, “The remnant who are left from the exile are there in the province, but they are having a great deal of trouble and feel humiliated. Jerusalem's walls have been knocked over, and its gates burned down.”
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ | 4 |
When I heard the news, I sat down, weeping and mourning for days, fasting and praying to the God of heaven.
مۇنداق دېدىم: ــ «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، | 5 |
Then I prayed, “Please, Lord God of heaven—the great and awesome God who keeps his agreement of trustworthy love with those who love him and keep his commandments—
ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق! | 6 |
please listen and focus your attention on the prayer of your servant that I am praying to you now, day and night, on behalf of your servants, the Israelites. I confess the sins that we Israelites have committed against you, including my own sins and those of my family.
بىز سېنىڭ يولۇڭغا تەتۈر ئىش قىلىپ، سەن قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلىغان ئەمرلىرىڭ، بەلگىلىمىلىرىڭ ۋە ھۆكۈملىرىڭنى ھېچ تۇتمىدۇق. | 7 |
We have done terrible things to offend you and we have not kept the commandments, laws, and regulations that you gave to your servant Moses.
سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلاپ: «ئەگەر سىلەر ۋاپاسىزلىق قىلساڭلار، سىلەرنى پۈتۈن تائىپىلەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن؛ لېكىن ماڭا يېنىپ كېلىپ، مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئەمەل قىلساڭلار، گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ ئەڭ چېتىگە قوغلىۋېتىلگەنلەر بولسىمۇ، مەن ئۇلارنى شۇ يەردىن يىغىپ، مېنىڭ نامىمنى تىكلەشكە تاللىغان جايغا ئېلىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈڭنى ياد قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈنىمەن. | 8 |
Please remember what you told Moses when you said, ‘If you are unfaithful, I will scatter you among the nations,
but if you come back to me and follow my commandments and obey them, then even if you are exiled to the ends of the earth, I will gather them together and bring them to the place I have chosen where I will be honored.
بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قۇللىرىڭ ۋە سېنىڭ خەلقىڭ، ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇڭ. | 10 |
They are your servants and our people. You saved them by your great power and incredible ability.
ئى رەببىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسىغا ھەم سېنىڭ نامىڭدىن ئەيمىنىشتىن سۆيۈنگەن قۇللىرىڭنىڭمۇ دۇئاسىنى قۇلىقىڭ تىڭشىغاي؛ بۈگۈن قۇلۇڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن، ئۇنى شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». شۇ ۋاقىتتا مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم. | 11 |
Lord, please respond to my prayer and to the prayers of those who love to worship you. Please let me be successful today and make the king sympathetic to me.” I was the king's cupbearer.