< نەھەمىيا 9 >
شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛ | 1 |
Torej na štiriindvajseti dan tega meseca so se Izraelovi otroci zbrali s postom in z vrečevinami in prstjo na sebi.
ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. | 2 |
Izraelovo seme se je ločilo od vseh tujcev in stali so ter priznavali svoje grehe in krivičnosti svojih očetov.
ئۇلار شۇ كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۆز يېرىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى؛ كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇدى ۋە خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. | 3 |
Vstali so na svojem kraju in brali v knjigi postave Gospoda, svojega Boga, eno četrtino dneva. Drugo četrtino pa so priznavali in oboževali Gospoda, svojega Boga.
لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. | 4 |
Tedaj so vstali na stopnicah izmed Lévijevcev: Ješúa, Baní, Kadmiél, Šebanjá, Buní, Šerebjá, Baní in Kenáni in z močnim glasom vpili h Gospodu, svojemu Bogu.
لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق [دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى]: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ! | 5 |
Potem so Lévijevci Ješúa, Kadmiél, Baní, Hašabnejá, Šerebjá, Hodijá, Šebanjá in Petahjá rekli: »Vstanite in blagoslavljajte Gospoda, svojega Boga, na veke vekov in blagoslovljeno bodi tvoje veličastno ime, ki je vzvišeno nad vsem blagoslavljanjem in hvalo.«
سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر. | 6 |
Ti, celó ti sam si Gospod. Naredil si nebo in nebesa nebes, z vso njihovo vojsko, zemljo in vse stvari, ki so na njej, morja in vse, kar je v njih in ti jih vse ohranjaš in nebeška vojska te obožuje.
سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئابرامنى تاللىدىڭ، ئۇنى كالدىيەنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ. | 7 |
Ti si Gospod Bog, ki je izbral Abrama in ga privedel naprej iz Ura Kaldejcev in si mu dal ime Abraham.
سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. | 8 |
Njegovo srce si pred seboj našel zvesto in z njim si sklenil zavezo, da daš deželo Kánaancev, Hetejcev, Amoréjcev, Perizéjcev, Jebusejcev in Girgašéjcev, da jo daš, pravim, njegovemu semenu in izvršil si svoje besede, kajti pravičen si.
سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا جەبىر-زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى نالىسىغا قۇلاق سالدىڭ. | 9 |
Videl si stisko naših očetov v Egiptu in prisluhnil njihovemu vpitju pri Rdečem morju
سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ. | 10 |
in pokazal si znamenja in čudeže na faraonu in na vseh njegovih služabnikih in na vsemu ljudstvu njegove dežele, kajti ti veš, da so ponosno postopali zoper njih. Tako si si pridobil ime, kakor je to ta dan.
سەن يەنە [ئاتا-بوۋىلىرىمىز] ئالدىدا دېڭىزنى بۆلۈپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتتى؛ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتىڭ، خۇددى جۇشقۇنلۇق دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك غەرق قىلدىڭ. | 11 |
Pred njimi si razdelil morje, tako da so šli skozi sredo morja po suhi deželi. Njihove preganjalce si vrgel v globine kakor kamen v sredo mogočnih vodá.
سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى بىلەن، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن يېتەكلىدىڭ، بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بەردىڭ. | 12 |
Poleg tega si jih podnevi vodil z oblačnim stebrom in ponoči z ognjenim stebrom, da bi jim dal svetlobo na poti, po kateri naj bi šli.
سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارغا توغرا ھۆكۈم، ھەقىقىي ئىشەنچلىك قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ. | 13 |
Ti si tudi prihajal dol na goro Sinaj in govoril z njimi iz nebes in jim dajal prave sodbe in resnične postave, dobre zakone in zapovedi.
سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ مۇقەددەس شابات كۈنۈڭنى تونۇتتۇڭ، قۇلۇڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە تەۋرات قانۇنىنى تاپىلىدىڭ. | 14 |
Dal si jim spoznati svoj sveti šabat in jim zapovedal predpise, zakone in postave, po roki svojega služabnika Mojzesa
سەن ئۇلارغا ئاچ قالغاندا يېسۇن دەپ ئاسماندىن نان، ئۇسسىغاندا ئىچسۇن دەپ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ؛ سەن ئۇلارغا بېرىشكە قولۇڭنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان ئەشۇ زېمىننى كىرىپ ئىگىلەڭلار، دېدىڭ. | 15 |
in dajal si jim kruh iz nebes za njihovo lakoto in zanje si za njihovo žejo privedel vodo iz skale in jim obljubljal, da naj bi šli in vzeli v last deželo, ki si jim jo prisegel, da jim jo daš.
لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. | 16 |
Toda oni in naši očetje so ponosno postopali in otrdili svoje vratove in niso prisluhnili tvojim zapovedim
ئۇلار ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراتقان كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى ياد ئەتمىدى، بەلكى بوينى قاتتىقلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلىپ، قۇل قىلىنغان جايغا كەتمەكچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يولباشچى تىكلىدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، زور مېھىر-مۇھەببەتلىك تەڭرىدۇرسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. | 17 |
in odklonili so ubogati niti niso razmišljali o tvojih čudežih, ki si jih storil med njimi, temveč so otrdili svoje vratove in v svojem uporu so določili poveljnika, da se vrnejo k svojemu suženjstvu. Toda ti si Bog, pripravljen odpustiti, milostljiv in usmiljen, počasen za jezo in velike prijaznosti in jih nisi zapustil.
ئۇلار ھەتتا تېخى ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا بۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دېگەن ۋاقتىدا ھەم قاتتىق كۇپۇرلۇق قىلغىنىدا، | 18 |
Da, ko so si naredili ulito tele in rekli: »To je tvoj Bog, ki te je privedel iz Egipta, « in počeli so veliko izzivanj,
سەن تولىمۇ رەھىمدىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىلا باياۋاندا تاشلاپ قويمىدىڭ؛ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا يول باشلىدى؛ كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلاردىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا نۇر بېرىپ، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى. | 19 |
jih vendar ti v svojih mnogoterih usmiljenih nisi zapustil v divjini. Podnevi oblačen steber ni odšel od njih, da jih vodi po poti niti ognjeni steber ponoči, da jim kaže svetlobo in pot, po kateri naj bi šli.
سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ. | 20 |
Dajal si jim tudi svojega dobrega duha, da jih pouči in pred njihovimi usti nisi zadržal mane in za njihovo žejo si jim dajal vodo.
سەن ئۇلارنى باياۋاندا قىرىق يىل قامداپ كەلدىڭ؛ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىرىمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. | 21 |
Da, štirideset let si jih podpiral v divjini, tako da jim ničesar ni manjkalo. Njihova oblačila se niso postarala in njihova stopala niso otekla.
سەن پادىشاھلىقلار ۋە تائىپىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بەردىڭ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا چېگرالار قىلىپ بەردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. | 22 |
Poleg tega si jim dajal kraljestva in narode in razdelil si jih po pokrajinah. Tako so vzeli v last deželo Sihón, deželo hešbónskega kralja in deželo bašánskega kralja Oga.
سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ. | 23 |
Tudi njihove otroke si pomnožil kakor zvezd na nebu in jih privedel v deželo, glede katere si njihovim očetom obljubil, da naj bi šli vanjo, da jo vzamejo v last.
ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. | 24 |
Tako so otroci šli v deželo, jo vzeli v last in ti si pred njimi podjarmil prebivalce dežele, Kánaance in jih dal v njihove roke, z njihovimi kralji in ljudstvom dežele, da so lahko z njimi storili, kakor so hoteli.
ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى! | 25 |
Zavzeli so utrjena mesta in tolsto deželo in vzeli v last hiše, polne vseh dobrin, izkopane vodnjake, vinograde, oljčne nasade in sadnih dreves v obilju. Tako so jedli, bili nasičeni, se odebelili in se razveseljevali v tvoji veliki dobroti.
لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى. | 26 |
Kljub temu so bili neposlušni in so se uprli zoper tebe in tvojo postavo vrgli za svoje hrbte in usmrtili tvoje preroke, ki so pričevali zoper njih, da jih obrnejo k tebi in naredili so velika izzivanja.
شۇڭا سەن ئۇلارنى جەبىر-زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، دەرۋەقە ئۇلار ئۇلارنى قىينىدى؛ ئۇلار قىينالغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا يالۋۇرۇشقانىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىڭ، زور رەھىمدىللىقىڭ بويىچە ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچىلارنى ئەۋەتەتتىڭ، ئۇلار بۇلارنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى. | 27 |
Zato si jih izročil v roko njihovih sovražnikov, ki so jih stiskali. V času svoje stiske, ko so klicali k tebi, si jih uslišal iz nebes in glede na svoja mnogotera usmiljenja si jim dal rešitelje, ki so jih rešili iz roke njihovih sovražnikov.
لېكىن ئۇلار ئاراملىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا رەزىللىك قىلىشقا باشلىۋىدى، سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى؛ ئۇلار يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا نالە-پەريات قىلىشىۋىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىقلىرىڭ بويىچە ئۇلارنى يېنىش-يېنىشلاپ قۇتقۇزدۇڭ. | 28 |
Toda potem, ko so imeli počitek, so pred teboj ponovno storili zlo. Zato si jih pustil v roki njihovih sovražnikov, tako da so imeli gospostvo nad njimi. Vendar ko so se vrnili in klicali k tebi, si jih slišal iz nebes in mnogokrat si jih osvobodil glede na svoja usmiljenja.
سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى. | 29 |
In ti pričuješ zoper njih, da bi jih lahko ponovno privedel k svoji postavi. Vendar so ponosno postopali in niso prisluhnili tvojim zapovedim, temveč so grešili zoper tvoje sodbe (katere, če jih človek izpolnjuje, bo živel v njih) in umaknili ramo in otrdili svoj vrat in niso hoteli prisluhniti.
ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. | 30 |
Vendar si jih mnogo let prenašal in zoper njih pričeval po svojem duhu v svojih prerokih, vendar niso hoteli pazljivo prisluhniti. Zato si jih dajal v roko ljudstvu dežel.
ھالبۇكى، سەن زور رەھىمدىللىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمىدىڭ ھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ؛ چۈنكى سەن مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل تەڭرىدۇرسەن. | 31 |
Vendar jih zaradi svojih velikih usmiljenj nisi popolnoma použil niti zapustil, kajti ti si usmiljen in milostljiv Bog.
ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز. | 32 |
Zdaj torej, naš Bog, velik, mogočen in strašen Bog, ki ohranjaš zavezo in usmiljenje, naj se vsa stiska, ki je prišla nad nas, na naše kralje, na naše prince, na naše duhovnike, na naše očete in na vse tvoje ljudstvo, od časa asirskih kraljev do današnjega dne, ne zdi majhna pred teboj.
بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق ئىشتا سەن ئادىلسەن؛ چۈنكى سېنىڭ قىلغىنىڭ ھەقىقەت بويىچە بولدى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز رەزىللىكتۇر. | 33 |
Vendar si ti pravičen v vsem, kar si privedel nad nas, kajti storil si pravilno, toda mi smo storili zlobno.
پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى. | 34 |
Niti se naši kralji, naši princi, naši duhovniki, niti naši očetje, niso držali tvoje postave, niti niso prisluhnili tvojim zapovedim in tvojim pričevanjem, s katerimi si pričeval zoper njih.
ئۇلار سەن ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلغان پادىشاھلىقتا تۇرۇشتىن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زور مەمۇرچىلىقتىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا يايغان بۇ كەڭ مۇنبەت زېمىندىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىڭدە بولمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن يانمىدى. | 35 |
Kajti niso služili tebi v svojem kraljestvu in v tvoji veliki dobroti, ki jim jo daješ v veliki in obilni deželi, ki jo postavljaš prednje niti se niso odvrnili od svojih zlobnih del.
مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق! | 36 |
Glej, mi smo ta dan služabniki in glede dežele, ki si jo dal našim očetom, da jemo njen sad in njeno dobro, glej, mi smo služabniki v njej
[زېمىن] سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزنى ئىدارە قىلىشقا بېكىتكەن پادىشاھلارغا مول مەھسۇلاتلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار بەدەنلىرىمىزنى ھەم چارۋا ماللىرىمىزنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ بىز زور دەرد-ئەلەمدە بولدۇق». | 37 |
in ta rojeva mnogo donosa kraljem, ki si jih zaradi naših grehov postavil nad nas. Prav tako imajo po njihovem užitku gospostvo nad našimi telesi in nad našo živino in mi smo v veliki stiski.
«ــ بىز مانا مۇشۇ بارلىق ئىشلار تۈپەيلى مۇقىم بىر ئەھدىنى تۈزۈپ يېزىپ چىقتۇق؛ ئەمىرلىرىمىز، لاۋىيلىرىمىز بىلەن كاھىنلىرىمىز بۇنىڭغا ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى». | 38 |
Zaradi vsega tega delamo zanesljivo zavezo in jo zapisujemo in naši princi, Lévijevci in duhovniki, jo pečatijo.