< نەھەمىيا 9 >

شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىسرائىللار روزا تۇتۇپ، بوز كىيىپ، ئۈستى-بېشىغا توپا چاچقان ھالدا يىغىلدى؛ 1
Потом двадесет четвртог дана тог месеца скупише се синови Израиљеви постећи и у кострети и посувши се земљом.
ئىسرائىل نەسلى ئۆزلىرىنى بارلىق يات تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. 2
И одвоји се семе Израиљево од свих туђинаца, и стадоше те исповедаху грехе своје и безакоња отаца својих.
ئۇلار شۇ كۈننىڭ تۆتتىن بىرىدە ئۆز يېرىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى؛ كۈننىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇدى ۋە خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 3
И стајаху на свом месту, те им се читаше закон Господа Бога њиховог четврт дана, а други четврт исповедаху се и поклањаху се Господу Богу свом.
لاۋىيلاردىن يەشۇئا، بانى، كادمىيەل، شەبانىيا، بۇننى، شەرەبىيا، بانى ۋە كېنانىلار پەلەمپەيلەردە تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. 4
А Исус и Ваније, Кадмило, Севанија, Вуније, Серевија, Ваније и Хананије попевши се на место подигнуто за Левите вапијаху гласом великим ка Господу Богу свом.
لاۋىي يەشۇئا، كادمىيەل، بانى، ھاشابىنىيا، شەرەبىيا، خودىيا، شەبانىيا ۋە پىتاھىيالار: «ئورنۇڭلاردىن قوپۇپ خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار» ــ دېدى ۋە مۇنداق [دۇئا-ھەمدۇسانا ئۇقۇدى]: ــ «[ئى خۇدا]، ئىنسانلار سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك نامىڭنى ئۇلۇغلىسۇن! بەرھەق، بارلىق تەشەككۈر-مەدھىيىلەر نامىڭغا يېتىشمەيدۇ! 5
И рекоше Левити Исус и Кадмило, Ваније, Асавнија, Серевија, Одија, Севанија и Петаја: Устаните, благосиљајте Господа Бога свог од века до века: и да се благосиља име Твоје славно и узвишено сврх сваког благослова и хвале.
سەن، پەقەت سەنلا پەرۋەردىگاردۇرسەن؛ ئاسمانلارنى، ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىنى، يەر ۋە يەر ئۈستىدىكى ھەممىنى، دېڭىزلار ۋە ئۇلار ئىچىدىكى ھەممىنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاياتلىق بەرگۈچىسەن، ئاسمانلارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى ساڭا سەجدە قىلغۇچىدۇر. 6
Ти си сам Господ; Ти си створио небо, небеса над небесима и сву војску њихову, земљу и све што је на њој, мора и све што је у њима, и Ти оживљаваш све то, и војска небеска Теби се клања.
سەن بەرھەق پەرۋەردىگار خۇدادۇرسەن، سەن ئابرامنى تاللىدىڭ، ئۇنى كالدىيەنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقتىڭ، ئۇنىڭغا ئىبراھىم دېگەن نامنى ئاتا قىلدىڭ. 7
Ти си Господ Бог, који си изабрао Аврама и извео из Ура халдејског и надео му име Авраам;
سەن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزۈڭگە سادىق-ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ قانائانىيلارنىڭ، ھىتتىيلارنىڭ، ئامورىيلارنىڭ، پەرىززىيلەرنىڭ، يەبۇسىيلارنىڭ ۋە گىرگاشىيلارنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن، سۆزلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. 8
И нашао си срце његово верно пред собом, и учинио си с њим завет да ћеш дати земљу хананску, хетејску, аморејску, ферезејску и јевусејску и гергесејску, да ћеш дати семену његовом, и испунио си речи своје јер си праведан.
سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىسىردا جەبىر-زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى نالىسىغا قۇلاق سالدىڭ. 9
Јер си погледао на муку отаца наших у Мисиру, и вику њихову видео си на мору црвеном;
سەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق يوغانچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭدىن كېيىن پىرەۋن، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق خەلققە مۆجىزىلىك ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ بىر نام-شۆھرەتنى تىكلىدىڭ. 10
И учинио си знаке и чудеса на Фараону и на свим слугама његовим и на свем народу земље његове, јер си знао да су обесно поступали с њима; и стекао си себи име, као што се види данас.
سەن يەنە [ئاتا-بوۋىلىرىمىز] ئالدىدا دېڭىزنى بۆلۈپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتتى؛ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە تاشلاپ غەرق قىلىۋەتتىڭ، خۇددى جۇشقۇنلۇق دېڭىزغا تاشلانغان تاشتەك غەرق قىلدىڭ. 11
И море си раздвојио пред њима, те пређоше посред мора сувим, и бацио си у дубине оне који их гоњаху као камен у воду.
سەن ئۇلارنى كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى بىلەن، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى بىلەن يېتەكلىدىڭ، بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بەردىڭ. 12
И у ступу од облака водио си их дању, а ноћу у ступу огњеном светлећи им путем којим ће ићи.
سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئاسماندا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارغا توغرا ھۆكۈم، ھەقىقىي ئىشەنچلىك قانۇنلار، ياخشى بەلگىلىمىلەر ۋە ئەمرلەرنى ئاتا قىلدىڭ. 13
И сишао си на гору Синајску и говорио с њима с неба, и дао им судове праве и законе истините, уредбе и заповести добре.
سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ مۇقەددەس شابات كۈنۈڭنى تونۇتتۇڭ، قۇلۇڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلارغا ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە تەۋرات قانۇنىنى تاپىلىدىڭ. 14
И обзнанио си им суботу своју свету, и дао им заповести и уредбе и закон преко Мојсија, слуге свог.
سەن ئۇلارغا ئاچ قالغاندا يېسۇن دەپ ئاسماندىن نان، ئۇسسىغاندا ئىچسۇن دەپ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ؛ سەن ئۇلارغا بېرىشكە قولۇڭنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغان ئەشۇ زېمىننى كىرىپ ئىگىلەڭلار، دېدىڭ. 15
И хлеб с неба дао си им у глади њиховој, и воду из камена извео си им у жеђи њиховој, и рекао си им да иду и наследе земљу за коју си подигао руку своју да ћеш им је дати.
لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. 16
Али они и оци наши узобестише се и отврднуше вратом својим и не слушаше заповести Твоје.
ئۇلار ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياراتقان كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى ياد ئەتمىدى، بەلكى بوينى قاتتىقلىق قىلدى، ئاسىيلىق قىلىپ، قۇل قىلىنغان جايغا كەتمەكچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يولباشچى تىكلىدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، زور مېھىر-مۇھەببەتلىك تەڭرىدۇرسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. 17
Не хтеше слушати, и не опомињаше се чудеса Твојих која си им чинио, него отврднуше вратом својим, и у одмету свом постављаше себи вође да се врате у ропство своје. Али Ти, Боже, који опрашташ који си жалостив и милостив, који дуго трпиш и велике си милости, ниси их оставио.
ئۇلار ھەتتا تېخى ئۆزلىرىگە بىر قۇيما موزاينى ياساپ: «مانا بۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ!» دېگەن ۋاقتىدا ھەم قاتتىق كۇپۇرلۇق قىلغىنىدا، 18
И онда кад начинише себи теле ливено и рекоше: Ово је твој Бог који те је извео из Мисира, и хулише веома,
سەن تولىمۇ رەھىمدىل بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنىلا باياۋاندا تاشلاپ قويمىدىڭ؛ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا يول باشلىدى؛ كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلاردىن نېرى كەتمەي، ئۇلارغا نۇر بېرىپ، ماڭىدىغان يولىنى كۆرسەتتى. 19
Ни онда их ради велике милости своје ниси оставио у пустињи; ступ од облака није одступао од њих дању водећи их путем, нити ступ огњени ноћу светлећи им путем којим ће ићи.
سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ. 20
И дао си им добри свој дух да их уразумљује, и мане своје ниси устегао од уста њихових, и воде си им дао у жеђи њиховој.
سەن ئۇلارنى باياۋاندا قىرىق يىل قامداپ كەلدىڭ؛ ھېچنېمىسى كەم بولمىدى، كىيىملىرى كونىرىمىدى، پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. 21
И четрдесет година хранио си их у пустињи, ништа им није недостајало: одело им не оветша и ноге им не отекоше.
سەن پادىشاھلىقلار ۋە تائىپىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا بەردىڭ، بۇلارنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا چېگرالار قىلىپ بەردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىھون پادىشاھنىڭ زېمىنىنى، ھەشبوننىڭ پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. 22
И дао си им царства и народе, и поделио си их по крајевим, јер наследише земљу Сионову, земљу цара есевонског, и земљу цара васанског;
سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ. 23
И умножио си синове њихове као звезде небеске, и увео си их у земљу за коју си рекао оцима њиховим да ће ући у њу и наследити је.
ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. 24
И уђоше синови њихови и наследише земљу, и покорио си им Хананеје, становнике земаљске и предао их у њихове руке, и цареве њихове и народе земаљске, да чине од њих шта им је воља.
ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى! 25
И тако узеше тврде градове и земљу родну, и наследише куће пуне сваког добра, студенце ископане, винограде маслинике и воћке многе, и једоше и наситише се и угојише се, и благоваху по великој Твојој доброти.
لېكىن ئۇلار گەدەنكەشلىك قىلىپ سېنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋرات قانۇنۇڭنى ئارقىسىغا تاشلىدى، ئۇلارنى يېنىڭغا ياندۇرماق ئۈچۈن ئاگاھ-گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ ئەشەددىي كۇپۇرلۇق قىلدى. 26
Али Те разгневише и одметнуше се од Тебе: бацише закон Твој за леђа и пророке Твоје побише, који им сведочаху да би их обратили ка Теби и хулише веома.
شۇڭا سەن ئۇلارنى جەبىر-زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، دەرۋەقە ئۇلار ئۇلارنى قىينىدى؛ ئۇلار قىينالغان ۋاقىتلىرىدا ساڭا يالۋۇرۇشقانىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىڭ، زور رەھىمدىللىقىڭ بويىچە ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچىلارنى ئەۋەتەتتىڭ، ئۇلار بۇلارنى ئەزگۈچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزاتتى. 27
Зато си их давао у руке непријатељима њиховим који их мучаше. А кад у невољи својој викаше к Теби Ти си их услишио с неба и по великој милости својој давао си им избавитеље, који их избављаху из руку непријатеља њихових.
لېكىن ئۇلار ئاراملىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا رەزىللىك قىلىشقا باشلىۋىدى، سەن ئۇلارنى يەنە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى؛ ئۇلار يەنە سېنىڭ ئالدىڭدا نالە-پەريات قىلىشىۋىدى، سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىقلىرىڭ بويىچە ئۇلارنى يېنىش-يېنىشلاپ قۇتقۇزدۇڭ. 28
Али чим отпочинуше, опет чинише зло пред Тобом, зато си их остављао у рукама непријатеља њихових да владају њима; а кад се обраћаше и викаше к Теби, Ти си их услишио с неба и избављао их по милости својој много пута.
سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى. 29
И опомињао си их да би их обратио к закону свом, али они беху обесни и не слушаше заповести Твоје и грешише о Твоје законе које ко врши жив ће бити кроз њих; и измичући рамена своја отврднуше вратом својим и не слушаше.
ئۇلارغا ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، روھىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاگاھ-گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلاردىكى تائىپىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. 30
И трпео си их много година опомињући их духом својим преко пророка својих; али не слушаше; тада си их дао у руке народима земаљским.
ھالبۇكى، سەن زور رەھىمدىللىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتمىدىڭ ھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ؛ چۈنكى سەن مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل تەڭرىدۇرسەن. 31
Али ради милости своје велике ниси дао да сасвим пропадну нити си их оставио, јер си Бог милостив и жалостив.
ئەمدى ئاھ خۇدايىمىز، ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، ئەمدى سېنىڭدىن بىزنىڭ، پادىشاھلىرىمىزنىڭ ۋە ئەمىرلىرىمىزنىڭ، كاھىنلىرىمىزنىڭ، پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۆزۈڭنىڭ بارلىق خەلقىڭنىڭ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ زامانىدىن بۇيان بۈگۈنگىچە بېشىمىزغا چۈشكەن بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كىچىك ئىش دەپ قارىماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمىز. 32
Сада дакле, Боже наш, Боже велики, силни и страшни, који чуваш завет и милост, немој да је мало пред Тобом што нас снађе сва ова мука, цареве наше, кнезове и свештенике наше и пророке наше и оце наше и сав народ Твој од времена царева асирских до данас.
بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق ئىشتا سەن ئادىلسەن؛ چۈنكى سېنىڭ قىلغىنىڭ ھەقىقەت بويىچە بولدى، بىزنىڭ قىلغىنىمىز رەزىللىكتۇر. 33
Ти си праведан у свему што нас је снашло, јер си Ти право учинио, а ми смо безбожно радили.
پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، كاھىنلىرىمىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭغا ئەمەل قىلماي، ئەمرلىرىڭگە ۋە سېنىڭ ئۇلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ھېچ قۇلاق سالمىدى. 34
И цареви наши, кнезови наши и оци наши не извршаваше закон Твој нити марише за заповести Твоје и сведочанства Твоја, којима си им сведочио.
ئۇلار سەن ئۇلارغا مۇيەسسەر قىلغان پادىشاھلىقتا تۇرۇشتىن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زور مەمۇرچىلىقتىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا يايغان بۇ كەڭ مۇنبەت زېمىندىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىڭدە بولمىدى ياكى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن يانمىدى. 35
Јер у царству свом и у великом добру Твом које си им чинио, и у земљи пространој и родној коју си им дао, не служише Теби нити се повратише од злих дела својих.
مانا، بىز بۈگۈن قۇللارمىز! سەن مېۋىسى بىلەن نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىندا تۇرساقمۇ، بىز مانا ئۇنىڭدا قۇل بولۇپ قالدۇق! 36
Ево, ми смо данас робови; и још у земљи, коју си дао оцима нашим да једу род њен и добра њена, ево ми смо робови у њој.
[زېمىن] سەن بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزنى ئىدارە قىلىشقا بېكىتكەن پادىشاھلارغا مول مەھسۇلاتلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار بەدەنلىرىمىزنى ھەم چارۋا ماللىرىمىزنى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؛ بىز زور دەرد-ئەلەمدە بولدۇق». 37
И она род свој обилати рађа царевима које си поставио над нама за грехе наше, и који господаре над нашим телима и над стоком нашом по својој вољи, те смо у великој тескоби.
«ــ بىز مانا مۇشۇ بارلىق ئىشلار تۈپەيلى مۇقىم بىر ئەھدىنى تۈزۈپ يېزىپ چىقتۇق؛ ئەمىرلىرىمىز، لاۋىيلىرىمىز بىلەن كاھىنلىرىمىز بۇنىڭغا ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى». 38
А ради свега тога чинимо тврд завет и пишемо, а кнезови наши, Левити наши, свештеници наши печате.

< نەھەمىيا 9 >