< نەھەمىيا 7 >
سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، | 1 |
Då vi nu hade byggt murarna, hängde jag portarna före, och vordo beställde porthållare, sångare och Leviter.
مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى. | 2 |
Och jag böd min broder Hanani, och Hanania palatsfogdanom i Jerusalem; ty han var en trofast man, och gudfruktig för många andra;
مەن ئۇلارغا: ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم. | 3 |
Och sade till dem: Man skall icke upplåta portarna i Jerusalem, tilldess solen varder varm; och medan man ännu arbetar, skall man slå portarna till, och bommen före. Och vaktare vordo beställde utaf borgarena i Jerusalem, hvar och en på sine vakt, och om sitt hus.
شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى. | 4 |
Och staden var vid till rum, och stor; men folket litet derinne, och husen voro icke uppbyggd.
خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: ــ | 5 |
Och min Gud gaf mig i hjertat, att jag församlade rådherrarna och öfverstarna, och folket, till att räkna dem; och jag fann ett register på mantalet, deras som tillförene uppkomne voro, och fann deruti så skrifvet:
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى: ــ | 6 |
Desse äro landsens barn, som uppkomne voro utaf fängelset, af dem som NebucadNezar, Konungen i Babel, hade bortfört, och i Jerusalem bodde, och i Juda, hvar och en i sin stad;
ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ | 7 |
Och voro komne med Serubbabel: Jesua, Nehemia, Asaria, Raamja, Nahamani, Mordechai, Bilsan, Misperet, Bigvai, Nehum och Baana. Detta är talet af männerna af Israels folk:
پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ | 8 |
Paros barn voro tutusend hundrade två och sjutio.
شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ | 9 |
Sephatja barn, trehundrad två och sjutio.
ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ | 10 |
Arahs barn, sexhundrad två och femtio.
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛ | 11 |
PahathMoabs barn, ibland Jesua och Joabs barn, tutusend åttahundrad och aderton.
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ | 12 |
Elams barn, tusende tuhundrad fyra och femtio.
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ | 13 |
Sattu barn, åttahundrad fem och fyratio.
زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ | 14 |
Saccai barn, sjuhundrad och sextio.
بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛ | 15 |
Binnui barn, sexhundrad åtta och fyratio.
بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ | 16 |
Bebai barn, sexhundrad åtta och tjugu.
ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ | 17 |
Asgads barn, tutusend trehundrad två och tjugu.
ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛ | 18 |
Adonikams barn, sexhundrad sju och sextio.
بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛ | 19 |
Bigvai barn, tutusend sju och sextio.
ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛ | 20 |
Adins barn, sexhundrad fem och femtio.
ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ | 21 |
Aters barn af Hiskia, åtta och niotio.
ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ | 22 |
Hasums barn, trehundrad åtta och tjugu.
بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛ | 23 |
Bezai barn, trehundrad fyra och tjugu.
ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ | 24 |
Hariphs barn, hundrade och tolf.
گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ | 25 |
Gibeons barn, fem och niotio.
بەيت-لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛ | 26 |
De män af BethLehem och Nethopha, hundrade åtta och åttatio.
ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ | 27 |
De män af Anathot, hundrade åtta och tjugu.
بەيت-ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى. | 28 |
De män af BethAsmaveth, två och fyratio.
كىرىئات-يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ | 29 |
De män af KiriathJearim, Chephira och Beeroth, sjuhundrad tre och fyratio.
راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ | 30 |
De män af Rama och Gaba, sexhundrad en och tjugu.
مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ | 31 |
De män af Michmas, hundrade två och tjugu.
بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ | 32 |
De män af BethEl och Aj, hundrade tre och tjugu.
ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛ | 33 |
De män af Nebo dess andras, två och femtio.
ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ | 34 |
Dens andras Elams barn, tusende tuhundrad fyra och femtio.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ | 35 |
Harims barn, trehundrad och tjugu.
يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ | 36 |
Jerecho barn, trehundrad fem och fyratio.
لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ | 37 |
Lod, Hadid, och Ono barn, sjuhundrad en och tjugu.
سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى. | 38 |
Senaa barn, tretusend niohundrad och tretio.
كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ | 39 |
Presterna: Jedaja barn, af Jesua hus, niohundrad tre och sjutio.
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ | 40 |
Immers barn, tusende två och femtio.
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ | 41 |
Pashurs barn, tusende tuhundrad sju och fyratio.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى. | 42 |
Harims barn, tusende och sjutton.
لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى. | 43 |
Leviterna: Jesua barn, af Kadmiel, ibland Hodeva barn, fyra och sjutio.
غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى. | 44 |
Sångarena: Assaphs barn, hundrade åtta och fyratio.
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى. | 45 |
Dörravaktarena: Sallums barn, Aters barn, Talmons barn, Akkubs barn, Hatita barn, Sobai barn; alle tillhopa hundrade åtta och tretio.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى. | 46 |
De Nethinim: Ziha barn, Hasupha barn, Tabaoths barn,
كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، | 47 |
Keros barn, Sia barn, Padons barn,
لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى، | 48 |
Lebana barn, Hagaba barn, Salmai barn,
ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، | 49 |
Hanans barn, Giddels barn, Gahars barn,
رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، | 50 |
Reaja barn, Rezins barn, Nekoda barn,
گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، | 51 |
Gassams barn, Ussa barn, Paseahs barn,
بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، | 52 |
Besai barn, Meunims barn, Nephisesims barn,
باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، | 53 |
Bakbuks barn, Hakupha barn, Harhurs barn,
بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، | 54 |
Bazliths barn, Mehida barn, Harsa barn,
باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، | 55 |
Barkos barn, Sisera barn, Thamahs barn,
نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. | 56 |
Neziahs barn, Hathipha barn.
سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى، | 57 |
Salomos tjenares barn: Sotai barn, Sophereths barn, Perida barn,
يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، | 58 |
Jaala barn, Darkons barn, Giddels barn,
شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. | 59 |
Sephatja barn, Hattils barn, Pocherets barn af Zebaim, Amons barn.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى. | 60 |
Alle de Nethinim, och Salomos tjenares barn, voro trehundrad två och niotio.
تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. | 61 |
Desse drogo också med upp, af ThelMelah, ThelHarsa, Cherub, Addon och Immer; men de kunde icke bevisa deras fäders hus, eller deras säd, om de voro af Israel.
بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ | 62 |
Delaja barn, Tobia barn, Nekoda barn, voro sexhundrad två och fyratio.
كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. | 63 |
Och af Presterna: Habaja barn, Hakkoz barn, Barsillai barn, hvilken hustru tog af Barsillai den Gileaditens döttrar, och vardt efter deras namn nämnd.
بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. | 64 |
Desse sökte deras börds register; och då de icke funno det, vordo de qvitte vid Presterskapet.
ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى. | 65 |
Och Thirsatha sade till dem, att de icke skulle äta utaf det aldrahelgaste, intilldess en Prest uppkomme med Ljus och Fullkomlighet.
پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ | 66 |
Hela menigheten, såsom en man, var tu och fyratio tusend trehundrad och sextio;
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، | 67 |
Undantagne deras tjenare och tjenarinnor, de voro sjutusend trehundrad sju och tretio; och de hade tuhundrad fem och fyratio sångare och sångerskor;
Sjuhundrad sex och tretio hästar; tuhundrad fem och fyratio mular;
تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى. | 69 |
Fyrahundrad fem och tretio camelar; sextusend sjuhundrad och tjugu åsnar.
جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى [ئىبادەتخانا] قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛ | 70 |
Och somlige af öfversta fäderna gåfvo till verket: Thirsatha gaf till drätselen tusende gylden, och femtio bäcken, femhundrad och tretio Prestakjortlar.
جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛ | 71 |
Och somlige af de öfversta fäder gåfvo i drätselen till verket tjugutusend gylden, tutusend och tuhundrad pund silfver.
خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى. | 72 |
Och det andra folket gaf tjugutusend gylden, och tutusend pund silfver, och sju och sextio Prestakjortlar.
شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى. | 73 |
Och Presterna, och Leviterna, och dörravaktarena, sångare, och somlige af folket, och de Nethinim, och hele Israel, satte sig uti sina städer.