< نەھەمىيا 7 >

سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، 1
Or, après que le mur fut bâti, les battants des portes placés, les portiers, les chantres et les lévites abrités,
مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى. 2
Je donnai des ordres à mon frère Annulas, et à Ananias, gouverneur du palais de Jerusalem; car celui-ci était un homme sincère, et craignant Dieu plus que beaucoup d'autres.
مەن ئۇلارغا: ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم. 3
Et je leur dis: Que les portes de Jérusalem ne soient point ouvertes avant le lever du soleil, et que, pendant que tout le monde est encore éveillé, on les ferme et les verrouille; instituez aussi des gardes parmi les habitants de Jérusalem, chacun à son poste, chacun dans le quartier où est sa maison.
شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى. 4
Or, la ville était grande et vaste, et le peuple en elle était peu nombreux; et les maisons n'étaient pas réédifiées.
خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: ــ 5
Et Dieu me mit au cœur de réunir les nobles, les chefs et le peuple, pour le recensement, et je trouvai le livre du recensement des premiers arrivés, et j'y vis écrit:
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى: ــ 6
Voici les fils de la terre promise, délivrés de la captivité où les avait emmenés Nabuchodonosor, roi de Babylone; chacun d'eux est de retour en sa ville: à Jérusalem et en Juda,
ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ 7
Avec Zorobabel, Josué, Néhémias, Azarias, Reelma, Naémani, Mardochée, Balsan, Maspharath, Esdras, Boguïas, Inaum, Baana et Masphar; hommes du peuple d'Israël:
پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 8
Fils de Phoros: deux mille cent soixante-douze.
شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 9
Fils de Saphatia: trois cent soixante-douze.
ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ 10
Fils d'Era: six cent cinquante-deux.
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛ 11
Fils de Phaath-Moab, avec les fils de Josué et de Joab: deux mille six cent dix-huit.
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 12
Fils d'Elam: douze cent cinquante-quatre.
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 13
Fils de Zathuïa: huit cent quarante-cinq.
زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ 14
Fils de Zacchu: sept cent soixante.
بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛ 15
Fils de Banni: six cent quarante-huit.
بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 16
Fils de Bébi: six cent vingt- huit.
ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 17
Fils d'Asgad: deux mille trois cent vingt-deux.
ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛ 18
Fils d'Adonicam: six cent soixante-sept.
بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛ 19
Fils de Bagoï, deux mille soixante-sept.
ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛ 20
Fils d'Edin: six cent cinquante-cinq.
ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ 21
Fils d'Ater, issu d'Ezéchias: quatre-vingt-dix-huit.
ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 22
Fils d'Esam: trois cent vingt-huit.
بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛ 23
Fils de Béseï: trois cent vingt-quatre.
ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 24
Fils d'Ariph: cent douze. Fils d'Asen: deux cent vingt-trois.
گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ 25
Fils de Gabaon: quatre-vingt-quinze.
بەيت-لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛ 26
Fils de Béthalem: cent vingt-trois. Fils d'Atopha: cinquante-six.
ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 27
Fils d'Anathoth: cent vingt-huit.
بەيت-ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى. 28
Hommes de Béthasmoth: quarante-deux.
كىرىئات-يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ 29
Hommes de Cariatharim, Caphira et Beroth: sept cent quarante-trois.
راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 30
Hommes d'Arama et de Gabaa: six cent vingt.
مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 31
Hommes de Machemas: cent vingt-deux.
بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 32
Hommes de Béthel et d'Haï: cent vingt-trois.
ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛ 33
Hommes de Nabia: cent cinquante-deux.
ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 34
Hommes d'Elamaar: douze cent cinquante-deux.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ 35
Fils d'Eram: trois cent vingt.
يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 36
Fils de Jéricho: trois cent quarante-cinq.
لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 37
Fils de Lodadid et d'Ono, sept cent vingt et un.
سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى. 38
Fils de Sanana: trois mille neuf cent trente.
كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ 39
Prêtres, fils de Joad, appartenant à la maison de Jésus: neuf cent soixante-treize.
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ 40
Fils d'Emmer: mille cinquante-deux.
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ 41
Fils de Phaseür: douze cent quarante-sept.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى. 42
Fils d'Eram: mille dix-sept.
لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى. 43
Lévites, fils de Jésus, fils de Cadmiel, avec les fils d'Uduïa: soixante-quatorze.
غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى. 44
Chantres, fils d'Asaph: cent quarante-huit.
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى. 45
Portiers, fils de Salum, fils d'Ater, fils de Telmon, fils d'Acub, fils d'Atita, fils de Sabi: cent trente-huit.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى. 46
Nathinéens: fils de Seha, fils d'Aspha, fils de Labaoth,
كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 47
Fils de Ciras, fils d'Asuïa, fils de Phadon,
لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى، 48
Fils de Labana, fils d'Agaba, fils de Selmeï,
ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، 49
Fils d'Anan, fils de Gadel, fils de Gaar,
رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، 50
Fils de Rahaïa, fils de Basson, fils de Necoda,
گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، 51
Fils de Gézam, fils d'Ozi, fils de Phesé,
بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 52
Fils de Bési, fils de Meïnon, fils de Nephosasi,
باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 53
Fils de Bacbuc, fils d'Achipha, fils d'Arur,
بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 54
Fils de Basaloth, fils de Mida, fils d'Adasan,
باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 55
Fils de Barcué, fils de Sisarath, fils de Théma,
نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. 56
Fils de Nisia, fils d'Atipha,
سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى، 57
Fils des serviteurs de Salomon, fils de Suteï, fils de Sapharat, fils de Phérida,
يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 58
Fils de Jelel, fils de Dorcon, fils de Gadahel,
شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. 59
Fils de Saphatias, fils d'Ettel, fils de Phacarath, fils de Sabaïm, fils d'Emim.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى. 60
Total des Nathinéens et des fils des serviteurs de Salomon: trois cent quatre-vingt-douze.
تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 61
Et voici ceux qui partirent de Thelméleth, Thélarésa, Charub, Eron, Jemer, et ils n'étaient point capables de déclarer leurs familles paternelles ni leur race; à savoir s'ils étaient nés d'Israël.
بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ 62
Fils de Dalaïa, fils de Tobias, fils de Necoda: six cent quarante-deux.
كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 63
Et, parmi les prêtres, les fils d'Ebia, les fils d'Acos, les fils de Berzelli qui portaient ce nom, parce qu'ils avaient épousé des filles issues de Berzelli le Galaadite,
بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. 64
Cherchèrent leur inscription sur le rôle de ceux qui étaient revenus, et ils ne le trouvèrent pas, et ils furent rejetés du sacerdoce.
ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى. 65
Or, l'athersastha leur dit de ne point manger des choses les plus saintes jusqu'à ce que surgit un prêtre pour les éclairer.
پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ 66
Et toute l'Église montait à environ quarante-deux mille trois cent soixante âmes.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، 67
Sans compter leurs esclaves et leurs serviteurs, au nombre de sept mille trois cent trente-sept; et il y avait deux cent [quarante-cinq] chantres et chanteuses.
68
[Sept cent trente-six chevaux, deux cent quarante-cinq mules.]
تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى. 69
[Quatre cent trente-cinq chameaux, ] deux-mille sept cents ânes.
جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى [ئىبادەتخانا] قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛ 70
Et Néhémias reçut, d'une partie des chefs des familles paternelles, pour le trésor des travaux, mille sicles d'or, cinquante fioles et trente costumes sacerdotaux.
جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛ 71
Et une autre part des chefs des familles paternelles donna, pour le trésor des travaux, vingt mille pièces d'or et deux mille deux cents pièces d'argent.
خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى. 72
Et le reste du peuple donna vingt mille pièces d'or, deux mille deux cents mines d'argent et soixante-sept costumes sacerdotaux.
شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى. 73
Et les prêtres, et les lévites, et les portiers et les chantres, et ceux du peuple, et les Nathinéens, et tout Israël, s'établirent dans leurs villes.

< نەھەمىيا 7 >