< نەھەمىيا 6 >
شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەب بولغان گەشەم ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قالغان قىسمى مېنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاپ چىققانلىقىمنى، سېپىلنىڭ ئەمدى بۆسۈكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ (لېكىن ئۇ چاغدا مەن تېخى سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدىم)، | 1 |
サンバラテ、トビヤ、アラビヤびとガシムおよびその他のわれわれの敵は、わたしが城壁を築き終って、一つの破れも残らないと聞いた。(しかしその時にはまだ門のとびらをつけていなかったのである。)
سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا: ــ كەلسىلا، بىز ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كەفىرىم كەنتىدە كۆرۈشەيلى! ــ دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماڭا قەست قىلماقچى ئىكەن. | 2 |
そこでサンバラテとガシムはわたしに使者をつかわして言った、「さあ、われわれはオノの平野にある一つの村で会見しよう」と。彼らはわたしに危害を加えようと考えていたのである。
شۇڭلاشقا مەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: ــ مەن ئۇلۇغ بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن سىلەر تەرەپكە چۈشمەيمەن. مەن قانداقمۇ سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارىمەن دەپ، ئىشنى تاشلاپ ئۇنى توختىتىپ قوياي؟ ــ دېدىم. | 3 |
それでわたしは彼らに使者をつかわして言わせた、「わたしは大いなる工事をしているから下って行くことはできない。どうしてこの工事をさしおいて、あなたがたの所へ下って行き、その間、工事をやめることができようか」。
ئۇلار ئۇدا تۆت قېتىم مۇشۇ تەرىقىدە ئادەم ئەۋەتتى، مەن ھەر قېتىم شۇنداق جاۋاپ بەردىم. | 4 |
彼らは四度までこのようにわたしに人をつかわしたが、わたしは同じように彼らに答えた。
ئاندىن سانباللات بەشىنچى قېتىم شۇ تەرىقىدە ئۆز خىزمەتكارىغا پېچەتلەنمىگەن خەتنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئەۋەتىپتۇ. | 5 |
ところが、サンバラテは五度目にそのしもべを前のようにわたしにつかわした。その手には開封の手紙を携えていた。
خەتتە: «ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ تارقىلىپ يۈرىدۇ، ۋە گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ۋە يەھۇدالار بىرگە ئىسيان كۆتۈرمەكچى ئىكەنسىلەر؛ شۇڭا سەن سېپىلنىمۇ يېڭىۋاشتىن ئوڭشاشقا كىرىشىپسەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەن ئۆزۈڭنى ئۇلارغا پادىشاھ قىلماقچىكەنسەن. | 6 |
その中に次のようにしるしてあった、「諸国民の間に言い伝えられ、またガシムも言っているが、あなたはユダヤ人と共に反乱を企て、これがために城壁を築いている。またその言うところによれば、あなたは彼らの王になろうとしている。
سەن يەنە يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: «مانا، يەھۇدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار!» دەپ جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشقا بىرنەچچە پەيغەمبەر قويۇپسەن. ئەمدى بۇ گەپلەر سۆزسىز پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، كەلگىن، بىز بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېيىلگەنىكەن. | 7 |
またあなたは預言者を立てて、あなたのことをエルサレムにのべ伝えさせ、『ユダに王がある』と言わせているが、そのことはこの言葉のとおり王に聞えるでしょう。それゆえ、今おいでなさい。われわれは共に相談しましょう」。
مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئېيتقان ئىشلار ھېچقاچان قىلىنغان ئەمەس؛ بۇلار بەلكى ئۆز كۆڭلۈڭدىن ئويدۇرۇپ چىقارغىنىڭ، خالاس» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. | 8 |
そこでわたしは彼に人をつかわして言わせた、「あなたの言うようなことはしていません。あなたはそれを自分の心から造り出したのです」と。
ئەمەلىيەتتە، ئۇلار: «مۇشۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشى ئادا قىلىنماي قالىدۇ!» دەپ ئويلاپ بىزنى قورقاتماقچى ئىدى. ــ «ئەمدى مېنىڭ قولۇمنى ئىشتا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەيسەن!». | 9 |
彼らはみな「彼らの手が弱って工事をやめるようになれば、工事は成就しないだろう」と考えて、われわれをおどそうとしたのである。しかし神よ、どうぞいまわたしの手を強めてください。
مەھەتابەلنىڭ نەۋرىسى، دېلايانىڭ ئوغلى شېمايا ئۆزىنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋالغانىدى؛ مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم ئۇ: ــ بىز خۇدانىڭ ئۆيىدە، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدە كۆرۈشەيلى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئېتىپ قويايلى؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، كېچىسى كېلىپ سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى! ــ دېدى. | 10 |
さてわたしはメヘタベルの子デラヤの子シマヤの家に行ったところ、彼は閉じこもっていて言った、「われわれは神の宮すなわち神殿の中で会合し、神殿の戸を閉じておきましょう。彼らはあなたを殺そうとして来るからです。きっと夜のうちにあなたを殺そうとして来るでしょう」。
مەن: ــ ماڭا ئوخشاش بىر ئادەم قانداقمۇ قېچىپ كەتسۇن؟ مەندەك بىر ئادەم جېنىمنى قۇتقۇزىمەن دەپ قانداقمۇ ئىبادەتخانىغا كىرىۋالغۇدەكمەن؟ مەن ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرىۋالمايمەن! ــ دەپ جاۋاپ بەردىم. | 11 |
わたしは言った、「わたしのような者がどうして逃げられよう。わたしのような者でだれが神殿にはいって命を全うすることができよう。わたしははいらない」。
چۈنكى مەن قارىسام، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى توبىيا بىلەن سانباللات تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ماڭا زېيان يەتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ بېشارەت بەرگەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. | 12 |
わたしは悟った。神が彼をつかわされたのではない。彼がわたしにむかってこの預言を伝えたのは、トビヤとサンバラテが彼を買収したためである。
ئۇنى سېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت، مېنى قورقۇتۇپ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلغۇزۇپ گۇناھ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى. | 13 |
彼が買収されたのはこの事のためである。すなわちわたしを恐れさせ、わたしにこのようにさせて、罪を犯させ、わたしに悪名をきせて侮辱するためであった。
ــ «ئاھ خۇدا، توبىيا بىلەن سانباللاتنى ئېسىڭدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا يارىشا ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقاتماقچى بولغان ئايال پەيغەمبەر نوئادىيا بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن!». | 14 |
わが神よ、トビヤ、サンバラテおよび女預言者ノアデヤならびにその他の預言者など、すべてわたしを恐れさせようとする者たちをおぼえて、彼らが行ったこれらのわざに報いてください。
ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى سېپىل پۈتتى، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئەللىك ئىككى كۈن ۋاقىت كەتتى. | 15 |
こうして城壁は五十二日を経て、エルルの月の二十五日に完成した。
شۇنداق بولدىكى، دۈشمەنلىرىمىز بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئەللەر قورقۇپ كېتىشتى؛ ئۆز نەزىرىدە ھەيۋىتى بەك چۈشۈپ كەتتى ۋە بۇ [قۇرۇلۇشنى] خۇدايىمىزنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. | 16 |
われわれの敵が皆これを聞いた時、われわれの周囲の異邦人はみな恐れ、大いに面目を失った。彼らはこの工事が、われわれの神の助けによって成就したことを悟ったからである。
شۇ كۈنلەردە يەھۇدىيەدىكى مۆتىۋەرلەر توبىياغا نۇرغۇن خەت يازدى، توبىيامۇ ئۇلارغا جاۋابەن دائىم خەت يېزىپ تۇردى. | 17 |
またそのころ、ユダの尊い人々は多くの手紙をトビヤに送った。トビヤの手紙もまた彼らにきた。
چۈنكى يەھۇدىيەدە توبىياغا باغلىنىپ قېلىپ، قەسەم ئىچكەن نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئاراھنىڭ ئوغلى، شېكانىيانىڭ كۈيئوغلى ئىدى، ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوھانان بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللامنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. | 18 |
トビヤはアラの子シカニヤの婿であったので、ユダのうちの多くの者が彼と誓いを立てていたからである。トビヤの子ヨハナンもベレキヤの子メシュラムの娘を妻にめとった。
شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مېنىڭ ئالدىمدا پات-پات توبىيانىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويۇشاتتى ھەم مېنىڭ گەپلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشاتتى؛ توبىيا بولسا ماڭا پات-پات تەھدىت سېلىپ خەت يېزىپ تۇراتتى. | 19 |
彼らはまたトビヤの善行をわたしの前に語り、またわたしの言葉を彼に伝えた。トビヤはたびたび手紙を送って、わたしを恐れさせようとした。