< نەھەمىيا 3 >

شۇ چاغدا باش كاھىن ئەلىياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى قوپۇپ «قوي قوۋۇقى»نى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقتى؛ ئۇلار قوۋۇقنىڭ قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتاپ مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ ئۇلار «يۈزنىڭ مۇنارى» بىلەن «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى سېپىلنى ئوڭشاپ، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ 1
Und Eljasib, der Hohepriester, machte sich auf mit seinen Brüdern, den Priestern und bauten das Schaftor. Sie heiligten es und setzten seine Türen ein. Sie heiligten es aber bis an den Turm Mea, bis an den Turm Hananeel.
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى يېرىخولۇقلار ياسىدى؛ يەنە ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى. 2
Neben ihm bauten die Männer von Jericho. Und daneben baute Sakkur, der Sohn Imris.
«بېلىق قوۋۇقى»نى سەنائاھنىڭ ئوغۇللىرى ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. 3
Aber das Fischtor bauten die Kinder von Senaa, sie deckten es und setzten seine Türen ein, Schlösser und Riegel.
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت ياسىدى؛ ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى مەشەزابەلنىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى بائاناھنىڭ ئوغلى زادوك ياسىدى. 4
Neben ihnen baute Meremoth, der Sohn Urias, des Sohnes Hakkoz. Neben ihnen baute Mesullam, der Sohn Berechjas, des Sohnes Mesesabeels. Neben ihnen baute Zadok, der Sohn Baanas.
ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى تەكوئالىقلار ياسىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئۆز خوجىسىنىڭ ئىشىنى زىممىسىگە ئىلىشقا ئۇنىمىدى. 5
Neben ihnen bauten die von Thekoa; aber ihre Vornehmeren brachten ihren Hals nicht zum Dienst ihrer Herren.
«كونا قوۋۇق»نى پاسىيانىڭ ئوغلى يەھودا بىلەن بېسودىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ لىم-كېشەكلىرىنى سېلىپ، قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. 6
Das alte Tor baute Jojada, der Sohn Paseahs, und Mesullam, der Sohn Besodjas; sie deckten es und setzten ein seine Türen und Schlösser und Riegel.
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى گىبېئونلۇق مەلاتىيا، مېرونوتلۇق يادون ھەمدە دەريانىڭ بۇ غەربىي تەرىپىدىكى ۋالىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى گىبېئونلۇقلار بىلەن مىزپاھلىقلار ياسىدى. 7
Neben ihnen bauten Melatja von Gibeon und Jadon von Meronoth, die Männer von Gibeon und von Mizpa, am Stuhl des Landpflegers diesseit des Wassers.
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى زەرگەرلەردىن بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىيەل ياسىدى. ئۇنىڭغا تۇتاش قىسمىنى خۇشبۇي بۇيۇم ياسايدىغان ئەتىرچىلەردىن ھانانىيا ياسىدى. ئۇلار يېرۇسالېم [سېپىلىنى] تاكى «قېلىن تام»غىچە ئوڭشاپ ياسىدى. 8
Daneben baute Usiel, der Sohn des Harhajas, der Goldschmied. Neben ihm baute Hananja, der Sohn der Salbenbereiter; und sie bauten aus zu Jerusalem bis an die breite Mauer.
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى بولغان خۇرنىڭ ئوغلى رېفايا ياسىدى. 9
Neben ihm baute Rephaja, der Sohn Hurs, der Oberste des halben Kreises von Jerusalem.
ئۇلارنىڭ يېنىدا، خارۇمافنىڭ ئوغلى يەدايا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قىسمىنى خاشابنىيانىڭ ئوغلى ھاتتۇش ياسىدى. 10
Neben ihm baute Jedaja, der Sohn Harumaphs, gegenüber seinem Hause. Neben ihm baute Hattus, der Sohn Hasabnejas.
ھارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاھات-موئابنىڭ ئوغلى ھاششۇب سېپىلنىڭ باشقا بىر بۆلىكى بىلەن «خۇمدانلار مۇنارى»نى ياسىدى. 11
Aber Malchia, der Sohn Harims, und Hassub, der Sohn Pahath-Moabs, bauten ein andres Stück und den Ofenturm.
ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى يېرۇسالېمنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى خاللوھەشنىڭ ئوغلى شاللوم ئۆزى ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى ياسىدى. 12
Daneben baute Sallum, der Sohn des Halohes, der Oberste des andern halben Kreises von Jerusalem, er und seine Töchter.
«جىلغا قوۋۇقى»نى ھانۇن بىلەن زانوئاھ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياسىدى. ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە «تېزەك قوۋۇقى»غىچە مىڭ گەز سېپىلنىمۇ ياسىدى. 13
Das Taltor bauten Hanun und die Bürger von Sanoah, sie bauten's und setzten ein seine Türen, Schlösser und Riegel, und tausend Ellen an der Mauer bis an das Misttor.
«تېزەك قوۋۇقى»نى بەيت-ھاككەرەم يۇرتىنىڭ باشلىقى رەكابنىڭ ئوغلى مالكىيا ياسىدى؛ ئۇلار ئۇنى ياساپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى. 14
Das Misttor aber baute Malchia, der Sohn Rechabs, der Oberste des Kreises von Beth-Cherem; er baute es und setzte ein seine Türen, Schlösser und Riegel.
«بۇلاق قوۋۇقى»نى مىزپاھ يۇرتىنىڭ باشلىقى كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى شاللۇم ياسىدى. ئۇ ئۇنى ياساپ، ئۆگزىسىنى يېپىپ، ئۇنىڭ قاناتلىرى، تاقاقلىرى ۋە بالداقلىرىنى ئورناتتى ۋە يەنە شاھانە باغنىڭ يېنىدىكى سىلوئام كۆلىنىڭ سېپىلىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە يېڭىۋاشتىن ياسىدى. 15
Aber das Brunnentor baute Sallun, der Sohn Chol-Hoses, der Oberste des Kreises von Mizpa, er baute es und deckte es und setzte ein seine Türen, Schlösser und Riegel, dazu die Mauer am Teich Siloah bei dem Garten des Königs bis an die Stufen, die von der Stadt Davids herabgehen.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى داۋۇتنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۈنئىي كۆلگە ھەم ئۇنىڭ كەينىدىكى «پالۋانلارنىڭ ئۆيى»گە قەدەر بەيت-زۇر يۇرتىنىڭ يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ئازبۇكنىڭ ئوغلى نەھەمىيا ياسىدى. 16
Nach ihm baute Nehemia, der Sohn Asbuks, der Oberste des halben Kreises von Beth-Zur, bis gegenüber den Gräbern Davids und bis an den Teich, den man gemacht hatte, und bis an das Haus der Helden.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتاش قىسمىنى لاۋىيلار ــ يەنى بانىنىڭ ئوغلى رەھۇم ياسىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى كېئىلاھنىڭ يېرىم يۇرتىنىڭ ھاكىمى ھاشابىيا ئۆز يۇرتىغا ۋاكالىتەن ياساپ چىقتى. 17
Nach ihm bauten die Leviten, Rehum, der Sohn Banis. Neben ihm baute Hasabja, der Oberste des halben Kreises von Kegila, für seinen Kreis.
ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ــ كېئىلاھنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنىڭ ھاكىمى، ھېنادادنىڭ ئوغلى باۋاي ياسىدى. 18
Nach ihm bauten ihre Brüder, Bavvai, der Sohn Henadads, der Oberste des andern halben Kreises von Kegila.
ئۇنىڭ يېنىدا، مىزپاھنىڭ ھاكىمى يەشۇيانىڭ ئوغلى ئېزەر قورال-ياراغ ئامبىرىغا چىقىش يولىنىڭ ئۇدۇلىدا، سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىكى يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. 19
Neben ihm baute Eser, der Sohn Jesuas, der Oberste zu Mizpa, ein anderes Stück den Winkel hinan gegenüber dem Zeughaus.
زابباينىڭ ئوغلى بارۇق ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ دوقمۇشىدىن تاكى باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى. 20
Nach ihm auf dem Berge baute Baruch, der Sohn Sabbais, ein anderes Stück vom Winkel bis an die Haustür Eljasibs, des Hohenpriesters.
ئۇنىڭ يېنىدا ھاكوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموت سېپىلنىڭ ئەلىياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ئەلىياشىبنىڭ ھويلىسىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ياسىدى. 21
Nach ihm baute Meremoth, der Sohn Urias, des Sohnes Hakkoz, ein anderes Stück von der Haustür Eljasibs, bis an das Ende des Hauses Eljasibs,
بۇلاردىن كېيىنكى بىر قىسمىنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكىلەر، كاھىنلار ياسىدى. 22
Nach ihm bauten die Priester, die Männer aus der Gegend.
بۇلارنىڭ يېنىدا، بىنيامىن بىلەن ھاششۇب ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئانانىيانىڭ نەۋرىسى، مائاسېياھنىڭ ئوغلى ئازارىيا ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قىسىمنى ياسىدى. 23
Nach dem baute Benjamin und Hassub gegenüber ihrem Hause. Nach dem baute Asarja, der Sohn Maasejas, des Sohnes Ananjas, neben seinem Hause.
ئۇنىڭ يېنىدا، ئازارىيانىڭ ئۆيىدىن تاكى سېپىلنىڭ دوقمۇشىغىچە بولغان يەنە بىر بۆلىكىنى ھېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇئىي ياسىدى. 24
Nach ihm baute Binnui, der Sohn Henadads, ein anderes Stück vom Hause Asarjas bis an den Winkel und bis an die Ecke.
[ئۇنىڭ يېنىدا]، ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دوقمۇشى، شۇنىڭدەك ئوردىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان، زىندان ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر بۆلىكىنى پاروشنىڭ ئوغلى پىدايا ياسىدى. 25
Palal, der Sohn Usais, gegenüber dem Winkel und den Oberen Turm, der vom Königshause heraussieht bei dem Kerkerhofe. Nach ihm Pedaja, der Sohn Pareos.
ئەمدى ئوفەلدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋە چوقچىيىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىلنى ياسىدى. 26
Die Tempelknechte aber wohnten am Ophel bis an das Wassertor gegen Morgen, da der Turm heraussieht.
چوقچىيىپ تۇرغان چوڭ مۇنارنىڭ ئۇدۇلىدا تەكوئالىقلار تاكى ئوفەل سېپىلىغىچە بولغان ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. 27
Nach dem bauten die von Thekoa ein anderes Stück gegenüber dem großen Turm, der heraussieht, und bis an die Mauer des Ophel.
«ئات قوۋۇقى»نىڭ يۇقىرى بىر بۆلىكىنى كاھىنلار ھەربىرى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قىسمىنى ياسىدى. 28
Aber vom Roßtor an bauten die Priester, ein jeglicher gegenüber seinem Hause.
ئىممەرنىڭ ئوغلى زادوك ئۇلارنىڭ يېنىدا، كېيىنكى قىسمىنى، ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلىكىنى ياسىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تۇتاش قىسمىنى «شەرقىي دەرۋازا»نىڭ دەرۋازىۋەنى شېكانىيانىڭ ئوغلى شېمايا ياسىدى. 29
Nach dem baute Zadok, der Sohn Immers, gegenüber seinem Hause. Nach ihm baute Semaja, der Sohn Sechanjas, der Hüter des Tores gegen Morgen.
ئۇنىڭ يېنىدا، شەلەمىيانىڭ ئوغلى ھانانىيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ھانۇن ئىككىنچى بىر بۆلىكىنى ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ يېنىدا، بەرەكىيانىڭ ئوغلى مەشۇللام ئۆز قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر بۆلەكنى ياسىدى. 30
Nach ihm baute Hananja, der Sohn Selemjas, und Hanun, der Sohn Zalaphs, der sechste, ein anderes Stück. Nach ihm baute Mesullam, der Sohn Berechjas, gegenüber seiner Kammer.
ئۇنىڭ يېنىدا، شۇ يەردىن تارتىپ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قورۇلىرىدىن ئۆتۈپ، «تەكشۈرۈش قوۋۇقى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى سېپىل دوقمۇشىنىڭ بالىخانىسىغىچە بولغان بۆلىكىنى زەرگەرلەردىن بولغان مالكىيا ياسىدى. 31
Nach ihm baute Malchia, der Sohn des Goldschmieds, bis an das Haus der Tempelknechte und der Krämer, gegenüber dem Ratstor und bis an den Söller an der Ecke.
دوقمۇشنىڭ بالىخانىسى بىلەن «قوي قوۋۇقى»نىڭ ئارىلىقىدىكى بۆلەكنى زەرگەرلەر بىلەن سودىگەرلەر ياسىدى. 32
Und zwischen dem Söller und dem Schaftor bauten die Goldschmiede und die Krämer.

< نەھەمىيا 3 >