< نەھەمىيا 2 >
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يىگىرمىنچى يىلى نىسان ئېيى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا شاراب كەلتۈرۈلگەنىدى؛ مەن شارابنى ئېلىپ پادىشاھقا سۇندۇم. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھېچقاچان غەمكىن كۆرۈنگەن ئەمەس ئىدىم. | 1 |
El año 20 del rey Artajerjes, el mes de Nisán, aconteció que cuando estaba el vino delante de él, yo tomé el vino y se lo serví al rey. Y como yo nunca antes estuve triste en su presencia,
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ بىرەر كېسىلىڭ بولمىسا، چىرايىڭ نېمىشقا شۇنچە غەمكىن كۆرۈنىدۇ؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر دەرد بار، دېۋىدى، مەن ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم. | 2 |
el rey me dijo: Puesto que no estás enfermo, ¿por qué está triste tu semblante? ¿No es esto aflicción de corazón? Entonces temí muchísimo
مەن پادىشاھقا: ــ پادىشاھىم مەڭگۈ ياشىغايلا! ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەر خارابىلىككە ئايلانغان، دەرۋازا-قوۋۇقلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن تۇرسا، مەن قانداقمۇ غەمكىن كۆرۈنمەي؟ ــ دېدىم. | 3 |
y respondí al rey: ¡Viva el rey para siempre! ¿Cómo no debe estar triste mi semblante cuando la ciudad donde están los sepulcros de mis antepasados está en ruinas y sus puertas consumidas por el fuego?
پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ، | 4 |
Y el rey me preguntó: ¿Qué pides? Entonces oré al ʼElohim del cielo
ئاندىن پادىشاھقا: ــ ئەگەر پادىشاھىمنىڭ كۆڭلىگە مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسا، مېنى يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەن بولسىلا، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقسام، دېدىم. | 5 |
y contesté al rey: Si al rey le place y si tu esclavo halló gracia delante de ti, te ruego que me envíes a Judá, a la ciudad de los sepulcros de mis antepasados, para que la reedifique.
پادىشاھ (شۇ چاغدا خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى) مەندىن: ــ سەپىرىڭگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ مېنى ئەۋەتىشنى مۇۋاپىق كۆردى؛ مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدىغان بىر ۋاقىتنى بېكىتتىم. | 6 |
Y el rey me preguntó (y la reina estaba sentada junto a él): ¿Cuánto durará tu viaje y cuándo volverás? Como al rey le pareció bien enviarme, yo le definí el plazo.
مەن يەنە پادىشاھتىن: ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ماڭا [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارغا مېنى تاكى يەھۇدىيەگە بارغۇچە ئۆتكىلى قويۇش توغرۇلۇق يارلىق خەتلىرىنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا؛ | 7 |
Además dije al rey: Si al rey le parece bien, que se me den cartas para los gobernadores de Más Allá del Río Éufrates para que me dejen pasar hasta que llegue a Judá,
ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى. | 8 |
y también una carta para Asaf, guarda del bosque del rey, con el propósito de que me dé madera para enmaderar las puertas de la ciudadela que está junto al Templo, el muro de la ciudad y la casa en la cual yo estaré. El rey me lo concedió, de acuerdo con la benéfica mano de mi ʼElohim.
شۇنىڭ بىلەن مەن دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ۋالىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پادىشاھنىڭ يارلىقلىرىنى تاپشۇردۇم. پادىشاھ يەنە بىرنەچچە قوشۇن سەردارلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنىمۇ ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. | 9 |
El rey envió capitanes del ejército y jinetes conmigo. Cuando llegué a los gobernadores de Mas Allá del Río, les entregué las cartas reales.
ھورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونىي توبىيا دېگەن ئەمەلدار ئىسرائىللارنىڭ مەنپەئەتىنى ئىزدەپ ئادەم كەپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن نارازى بولدى. | 10 |
Pero cuando Sanbalat horonita y Tobías, el esclavo amonita, lo oyeron, se disgustaron muchísimo de que alguien llegara a procurar el bien de los hijos de Israel.
مەن يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۈچ كۈن تۇردۇم. | 11 |
Llegué a Jerusalén y estuve allí tres días.
ئاندىن كېچىسى مەن ۋە ماڭا ھەمراھ بولغان بىرنەچچە ئادەم ئورنىمىزدىن تۇردۇق (مەن خۇدايىمنىڭ كۆڭلۈمگە يېرۇسالېم ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى سالغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىمگە بىرەر نېمە دېمىگەنىدىم). ئۆزۈم مىنگەن ئۇلاغدىن باشقا ھېچقانداق ئۇلاغمۇ ئالماي، | 12 |
Me levanté de noche y tomé a unos pocos hombres. A nadie declaré lo que mi ʼElohim puso en mi corazón para hacer por Jerusalén. No había alguna bestia conmigo, excepto el animal en el cual cabalgaba.
كېچىسى «جىلغا قوۋۇقى»دىن چىقىپ «ئەجدىھا بۇلىقى»غا قاراپ مېڭىپ، «تېزەك قوۋۇقى»غا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ بۇزۇۋېتىلگەن سېپىللىرىنى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن قوۋۇق-دەرۋازىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۇم. | 13 |
Salí de noche por la puerta del Valle. Pasé por la fuente del Dragón y por la puerta del Muladar. Inspeccioné los muros de Jerusalén que estaban destruidos y sus puertas consumidas por el fuego.
يەنە ئالدىغا مېڭىپ «بۇلاق قوۋۇقى» بىلەن «شاھانە كۆل»گە كەلدىم؛ لېكىن شۇ يەردە مەن مىنگەن ئۇلاغنىڭ ئۆتۈشىكە يول بەك تار كەلگەچكە، | 14 |
Luego pasé a la puerta de la Fuente y fui hasta el estanque del Rey, pero no había espacio para que pasara la bestia en la cual iba.
كېچىدە مەن جىلغا بىلەن چىقىپ سېپىلنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن يېنىپ «جىلغا قوۋۇقى»دىن شەھەرگە كىرىپ، ئۆيگە قايتتىم. | 15 |
Subí de noche por el torrente e inspeccioné el muro. Cuando regresé, entré otra vez por la puerta del Valle.
ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ نەگە بارغانلىقىمنى ۋە نېمە قىلغانلىقىمنى بىلمەي قېلىشتى، چۈنكى مەن يا يەھۇدىيلارغا، كاھىنلارغا، يا ئەمىر-ھاكىملارغا ۋە ياكى باشقا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھېچنېمە ئېيتمىغانىدىم. | 16 |
Los oficiales no sabían a dónde fui, ni qué hice, pues hasta entonces no había informado a los judíos, los sacerdotes, los jefes, los oficiales ni a los demás que hacían el trabajo.
كېيىن مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر بېشىمىزغا كەلگەن بالايىئاپەتنى، يېرۇسالېمنىڭ خارابىگە ئايلانغانلىقىنى، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈڭلار؛ كېلىڭلار، ھەممىمىز ھاقارەتكە قېلىۋەرمەسلىكىمىز ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى قايتىدىن ياساپ چىقايلى، ــ دېدىم. | 17 |
Entonces les dije: Ustedes ven el mal en el cual estamos, cómo Jerusalén está destruida y sus puertas devastadas por el fuego. ¡Vengan y reedifiquemos el muro de Jerusalén, para que ya no estemos en oprobio!
مەن يەنە ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھنىڭ ماڭا قىلغان گەپلىرىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار: ــ ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ ئۇنى ياسايلى! ــ دېيىشىپ، بۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا ئۆز قوللىرىنى قۇۋۋەتلەندۈردى. | 18 |
Les declaré cómo la mano de mi ʼElohim fue buena sobre mí, y también las palabras que me dijo el rey. Entonces respondieron: ¡Levantémonos y reedifiquemos! De este modo dispusieron sus manos para lo bueno.
لېكىن ھورونلۇق سانباللات، خىزمەتكار ئاممونىي توبىيا ھەم ئەرەب بولغان گەشەم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىزنى زاڭلىق قىلىپ مەنسىتمەي: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار نېمە ئىش؟ سىلەر پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلماقچىمۇسىلەر؟ ــ دېيىشتى. | 19 |
Pero cuando Sanbalat horonita, Tobías, el esclavo amonita y Gesem, el árabe, lo oyeron y se burlaron de nosotros. Nos dijeron despectivamente: ¿Qué están haciendo ustedes? ¿Se rebelan contra el rey?
مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاسمانلاردىكى خۇدا بولسا بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ قۇللىرى بولغان بىزلەر قوپۇپ قۇرىمىز. لېكىن سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھېچقانداق نېسىۋەڭلار، ھوقۇقۇڭلار ياكى يادنامەڭلار يوق، ــ دېدىم. | 20 |
Y les respondí: El ʼElohim del cielo nos prosperará. Por tanto, nosotros, sus esclavos, nos levantamos y edificamos, pero ustedes no tienen parte, ni derecho, ni memoria en Jerusalén.