< نەھەمىيا 13 >
شۇ كۈندە مۇسانىڭ كىتابى جامائەت ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى، كىتابتا: ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار مەڭگۈ خۇدانىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن، | 1 |
Ngalolosuku babala egwalweni lukaMozisi endlebeni zabantu; kwasekutholwa kubhaliwe kulo ukuthi umAmoni lomMowabi kabasoze bangene ebandleni likaNkulunkulu phakade;
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللارنى ئوزۇقلۇق ۋە سۇ ئەكىلىپ قارشى ئالماي، ئەكسىچە ئۇلارنى قارغاشقا بالائامنى ياللىۋالغان؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز ئۇ قارغاشلارنى بەخت-بەرىكەتكە ئايلاندۇرىۋەتكەن، دەپ يېزىلغان سۆزلەر چىقتى. | 2 |
ngoba bengahlangabezanga abantwana bakoIsrayeli ngesinkwa langamanzi, kodwa baqhatsha bemelene labo uBalami, ukubaqalekisa; kodwa uNkulunkulu wethu waphendula isiqalekiso saba yisibusiso.
شۇنداق بولدىكى، جامائەت بۇ قانۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارلىق شالغۇت كىشىلەرنى ئىلغاپ چىقىرىۋەتتى. | 3 |
Kwasekusithi sebewuzwile umlayo behlukanisa koIsrayeli yonke ingxube yezizwe.
بۇ ئىشتىن ئاۋۋال، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كاھىن ئەلىياشىب توبىيانىڭ تۇغقىنى بولۇپ، | 4 |
Ngaphambi kwalokho-ke uEliyashibi umpristi owayemiswe phezu kwekamelo likaNkulunkulu wethu, wayeyisihlobo sikaTobiya.
ئۇنىڭغا كەڭرى بىر ئۆينى تەييارلاپ بەرگەنىدى. شۇ ئۆيدە ئىلگىرى ئاشلىق ھەدىيەلەر، مەستىكى، قاچا-قۇچا، شۇنىڭدەك لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر ۋە دەرۋازىۋەنلەرگە بېرىشكە بۇيرۇلغان ئاشلىق ئۆشرىلەر، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيى، شۇنداقلا كاھىنلارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە قۇربانلىق»لار ساقلىناتتى. | 5 |
Wayemlungisele ikamelo elikhulu lapho ababekade befaka khona umnikelo wokudla, impepha, lezitsha, lokwetshumi kwamabele, iwayini elitsha, lamafutha, okwakulayelwe amaLevi labahlabeleli labalindimasango, lomnikelo wabapristi.
بۇ ۋاقىتلاردا مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى ئارتاخشاشتانىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەنىدىم؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن يەنە پادىشاھتىن رۇخسەت ئېلىپ | 6 |
Kodwa kukho konke lokhu ngangingekho eJerusalema, ngoba ngomnyaka wamatshumi amathathu lambili kaAthakisekisi inkosi yeBhabhiloni ngeza enkosini; lekupheleni kwezinsuku ngacela imvumo enkosini,
يېرۇسالېمغا قايتىپ بارسام، ئەلىياشىبنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا توبىياغا ئۆي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدەك رەزىل ئىشنى ئۇقتۇم. | 7 |
ngeza eJerusalema, ngaqedisisa ngokubi uEliyashibi ayekwenzele uTobiya ngokumlungisela ikamelo emagumeni endlu kaNkulunkulu.
بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئازابلىدى، مەن توبىيانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى قويماي تالاغا تاشلاتقۇزىۋەتتىم. | 8 |
Kwasekusiba kubi kakhulu kimi; ngakho ngaphosela phandle zonke impahla zendlu kaTobiya phandle kwekamelo.
مەن يەنە ئەمر قىلىپ، ئۇ ئۆيلەرنى پاكلاتقۇزۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچا، ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن مەستىكنى ئۇ يەرگە ئەكىرگۈزۈپ قويدۇم. | 9 |
Ngasengilaya, bahlambulula amakamelo; ngabuyisela khona izitsha zendlu kaNkulunkulu lomnikelo wokudla lempepha.
مەن يەنە خەقلەرنىڭ لاۋىيلارنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشلىرىنى بەرمىگەنلىكىنى، ھەتتا ۋەزىپىگە قويۇلغان لاۋىيلار بىلەن غەزەلكەشلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز يەر-ئېتىزلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم؛ | 10 |
Ngasengisazi ukuthi izabelo zamaLevi zazinganikwanga, lokuthi amaLevi labahlabeleli ababesenza umsebenzi babalekela ngulowo ensimini yakhe.
شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، [لاۋىيلارنى] يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم. | 11 |
Ngasengiphikisana lababusi ngathi: Kungani indlu kaNkulunkulu itshiyiwe? Ngababuthanisa, ngabamisa endaweni yabo.
ئاندىن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى ئاشلىق ئۆشرىسىنى، يېڭى شاراب ۋە يېڭى زەيتۇن مېيىنى خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇردى. | 12 |
Khona wonke uJuda waletha okwetshumi kwamabele lewayini elitsha lamafutha eziphaleni.
مەن خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا خەزىنىچى-ئامبارچىلارنى تەيىنلىدىم؛ ئۇلار كاھىن شەلەمىيا، تەۋراتشۇناس زادوك بىلەن لاۋىيلاردىن بولغان پىدايا ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ماتتانىيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى ھانان بار ئىدى؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى سادىق، ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىناتتى؛ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قېرىنداشلىرىغا تېگىشلىك ئۈلۈشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش ئىدى. | 13 |
Ngasengibeka abagciniziphala phezu kweziphala, oShelemiya umpristi, loZadoki umbhali, loPhedaya kumaLevi, leceleni kwabo uHanani indodana kaZakuri indodana kaMathaniya, ngoba kwathiwa bathembekile; njalo kwakuphezu kwabo ukwabela abafowabo.
ــ «ئاھ خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، خۇدايىمنىڭ ئۆيى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت خىزمەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھرىمنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن!» | 14 |
Ngikhumbule, Nkulunkulu wami, mayelana lalokho, ungayicitshi imisebenzi yami yomusa engiyenzele indlu kaNkulunkulu wami lezinkonzo zayo.
شۇ كۈنلەردىمۇ مەن يەھۇدىيەدە بەزىلەرنىڭ شابات كۈنلىرىدە شاراب كۆلچەكلىرىنى چەيلەۋاتقىنىنى، ئۆنچىلەرنى باغلاپ، بۇلارنى ۋە شۇنىڭدەك شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەرخىل يۈكلەرنى ئېشەكلەرگە ئارتىپ، توشۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم؛ ئۇلار بۇلارنى يېرۇسالېمغا شابات كۈنىدە ئېلىپ كىردى؛ ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئاش-تۈلۈكلەرنى سېتىپ يۈرگەن كۈنى مەن ئۇلارنى گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. | 15 |
Ngalezonsuku ngabona koJuda abanyathela izikhamelo zewayini ngesabatha, labangenisa izithungo, abathwalisa obabhemi, lewayini futhi, izithelo zesivini, lemikhiwa, lawo wonke umthwalo, abakungenisa eJerusalema ngosuku lwesabatha. Ngafakaza mhla bethengisa ukudla.
يەنە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان بەزى تۇرلۇقلار بېلىق ۋە ھەرخىل مال-تاۋارلارنى توشۇپ كېلىپ شابات كۈنى يەھۇدىيەلىكلەرگە ساتىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇلارنى يېرۇسالېمدا ساتىدىكەن! | 16 |
LabeTire bahlala kuyo, beletha inhlanzi lempahla yonke ethengiswayo, bakuthengisa ngesabatha kubantwana bakoJuda laseJerusalema.
شۇ سەۋەبتىن مەن يەھۇدىيە ئەمىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەرنىڭ شابات كۈنىنى بۇلغاپ، رەزىل ئىش قىلغىنىڭلار نېمىسى؟ | 17 |
Khona ngaphikisana lezikhulu zakoJuda, ngathi kuzo: Iyini le into embi eliyenzayo lingcolisa usuku lwesabatha?
ئىلگىرى ئاتا-بوۋاڭلار ئوخشاش ئىشنى قىلغان ئەمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا ۋە بۇ شەھەرگە ھازىرقى بۇ بالايىئاپەتنى ياغدۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدى سىلەر شابات كۈنىنى بۇلغاپ، ئىسرائىلنىڭ بېشىغا خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ياغدۇرىدىغان بولدۇڭلار، دېدىم. | 18 |
Kabenzanga njalo yini oyihlo, loNkulunkulu wethu wehlisela phezu kwethu bonke lobububi laphezu kwalumuzi? Kanti lina landisa ulaka phezu kukaIsrayeli ngokungcolisa isabatha.
شۇڭا، شۇنداق بولدىكى، شابات كۈنىدىن ئىلگىرى، گۇگۇم سايىسى يېرۇسالېم قوۋۇقلىرىغا چۈشكەن ۋاقتىدا، مەن شەھەر قوۋۇقلىرىنى ئېتىشنى بۇيرۇدۇم ۋە شۇنىڭدەك شابات كۈنى ئۆتۈپ كەتكۈچە قوۋۇقلارنى ئاچماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردۇم. مەن يەنە ھېچقانداق يۈكنىڭ توشۇلۇپ قوۋۇقلاردىن كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى شەھەر قوۋۇقلىرىغا كۆزەتچى قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. | 19 |
Kwasekusithi lapho amasango eJerusalema eseqala ukuba mnyama mandulo kwesabatha, ngalaya ukuthi iminyango kayivalwe, njalo ngalaya ukuthi bangayivuli kuze kube ngemva kwesabatha. Ngabeka ezinye zenceku zami emasangweni ukuze kungangeni mthwalo ngosuku lwesabatha.
شۇنداق بولسىمۇ سودىگەرلەر ۋە ھەرخىل مال-تاۋار ساتىدىغانلار بىر-ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا تۈنىدى. | 20 |
Ngakho abathengi labathengisi bempahla yonke balala ngaphandle kweJerusalema kanye loba kabili.
مەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ سىلەر نېمىشقا سېپىلنىڭ ئالدىدا تۈنەيسىلەر؟ يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا قول سالىمەن، دېۋىدىم، ئۇلار شۇنىڭدىن باشلاپ شابات كۈنىدە كەلمىدى. | 21 |
Khona ngafakaza ngimelene labo ngathi kibo: Lilalelani maqondana lomduli? Uba likwenza futhi, ngizalidumela ngesandla. Kusukela kulesosikhathi kababuyanga ngesabatha.
ئاندىن شابات كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەن لاۋىيلارغا: ــ ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار؛ ئاندىن كېلىپ سېپىل دەرۋازىلىرىنى بېقىڭلار، دېدىم. ــ «ئى خۇدايىم، مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىنمۇ مېنى ياد ئەيلىگەيسەن، ئۆزۈڭنىڭ زور ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى ئايىغايسەن!» | 22 |
Ngasengitshela amaLevi ukuthi azihlambulule, eze alinde amasango, ukungcwelisa usuku lwesabatha. Langalokho ungikhumbule, Nkulunkulu wami, ungihawukele ngokobunengi bomusa wakho.
شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئاشدود، ئاممون ۋە موئاب قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغان بەزى يەھۇدالارنى بايقىدىم. | 23 |
Futhi, ngalezonsuku ngabona amaJuda ayethethe abafazi, abangamaAshidodikazi, amaAmoni, amaMowabi.
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ يېرىمى ئاشدودچە سۆزلەيدىكەن (ۋە ياكى يۇقىرىقى ئەللەرنىڭ بىرىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان) ۋە يەھۇدىي تىلىدا شۆزلىيەلمەيدىكەن. | 24 |
Labantwana babo, ingxenye babekhuluma isiAshidodi njalo bengelakukhuluma isiJuda, kodwa ngokolimi lwezizwe ngezizwe.
مەن ئۇلارنى [سوقۇشۇپ] ئەيىبلىدىم، ئۇلارنى قارغىدىم، بىر نەچچىسىنى ئۇرۇپ چاچ-ساقاللىرىنى يۇلدۇم، خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەيسىلەر، ئوغۇللىرىڭلارغىمۇ، ئۆزۈڭلارغىمۇ ئۇلاردىن قىز ئالمايسىلەر! | 25 |
Ngasengiphikisana lawo, ngawaqalekisa, ngatshaya amanye awo, ngawangcothula inwele; ngawafungisa ngoNkulunkulu: Kaliyikunika amadodakazi enu kumadodana abo, njalo kaliyikuthathela amadodana enu emadodakazini abo, kumbe lina ngokwenu.
ئىسرائىل پادىشاھى سۇلايمان مۇشۇنداق ئىشلاردا گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق پادىشاھ يوق ئىدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، خۇدا ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەتتا ئۇنىمۇ يات ئەللىك ئاياللار ئازدۇرۇپ گۇناھقا پاتقۇزغان. | 26 |
USolomoni inkosi yakoIsrayeli konanga yini ngalezozinto? Kube kanti phakathi kwezizwe ezinengi kwakungelankosi enjengaye, owayethandeka kuNkulunkulu wakhe, loNkulunkulu wamenza inkosi phezu kukaIsrayeli wonke; laye abafazi bezizweni bamenza ukuthi one.
ئەمدى سىلەرنىڭ گېپىڭلارغا كىرىپ بۇنداق چوڭ رەزىللىك قىلىپ، يات ئەللىك قىزلارنى ئېلىپ خۇدايىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدىم. | 27 |
Pho, sizalilalela yini ukwenza bonke lobobubi obukhulu, ngokona kuNkulunkulu wethu ngokuthatha abafazi bezizweni?
باش كاھىن ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى، يويادانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھورونلۇق سانباللاتنىڭ كۈيئوغلى ئىدى؛ مەن ئۇنى يېنىمدىن قوغلىۋەتتىم. | 28 |
Lenye yamadodana kaJehoyada indodana kaEliyashibi umpristi omkhulu, yayingumkhwenyana kaSanibhalathi umHoroni; ngakho ngayixotsha yasuka kimi.
ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!». | 29 |
Bakhumbule, Nkulunkulu wami, ngoba bangcolisile ubupristi lesivumelwano sobupristi lesamaLevi.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن نېرى قىلىپ پاكلاندۇردۇم ۋە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىمۇ [يېڭىۋاشتىن] بەلگىلەپ، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىگە قىلدىم. | 30 |
Ngokunjalo ngabahlambulula kubo bonke abezizweni, ngamisa imfanelo kubapristi lakumaLevi, ngulowo lalowo emsebenzini wakhe,
مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!». | 31 |
leyomnikelo wenkuni ngezikhathi ezimisiweyo, leyezithelo zokuqala. Ngikhumbule, Nkulunkulu wami, ngokuhle.