< نەھەمىيا 12 >
شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەشۇئا بىلەن بىرلىكتە [سۈرگۈنلۈكتىن] چىققان كاھىن ۋە لاۋىيلار تۆۋەندىكىلەر: ــ [كاھىنلار] سېرايا، يەرەمىيا، ئەزرا، | 1 |
Desse äro de Prester och Leviter, som uppdrogo med Serubbabel, Sealthiels son, och Jesua: Seraja, Jeremia, Esra,
ئامارىيا، ماللۇق، ھاتتۇش، | 2 |
Amaria, Malluch, Hattus,
شېكانىيا، رەھۇم، مەرەموت، | 3 |
Sechania, Rehum, Meremoth,
ئىددو، گىننىتوي، ئابىيا، | 4 |
Iddo, Ginnethoi, Abia,
مىيامىن، مائادىيا، بىلگاھ، | 5 |
Mijamin, Maadia, Bilga,
شېمايا، يوئارىب، يەدايا، | 6 |
Semaja, Jojarib, Jedaja,
ساللو، ئاموك، ھىلقىيا ۋە يەدايا. بۇلار بولسا يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدە كاھىن بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. | 7 |
Sallu, Amok, Hilkia och Jedaja. Desse voro hufvuden ibland Presterna, och deras bröder i Jesua tid.
لاۋىيلاردىن بولسا يەشۇئا، بىننۇئىي، كادمىيەل، شەرەبىيا، يەھۇدا، ماتتانىيالار؛ ماتتانىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا مەسئۇل بولدى. | 8 |
Men Leviterna voro desse: Jesua, Binnui, Kadmiel, Serebia, Juda och Mattania, öfver tackämbetet, han och hans bröder.
ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى باكبۇكىيا بىلەن ئۇننى نۆۋىتى بويىچە ئۇلار بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل خىزمەتتە تۇراتتى. | 9 |
Bakbukia och Unni, deras bröder, voro omkring dem i vakt.
يەشۇئادىن يوياكىم تۆرەلدى، يوياكىمدىن ئەلىياشىب تۆرەلدى، ئەلىياشىبتىن يويادا تۆرەلدى، | 10 |
Jesua födde Jojakim. Jojakim födde Eljasib. Eljasib födde Jojada.
يويادادىن يوناتان تۆرەلدى، يوناتاندىن ياددۇئا تۆرەلدى. | 11 |
Jojada födde Jonathan. Jonathan födde Jaddua.
يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە كاھىنلاردىن جەمەت باشلىقى بولغانلار مۇنۇلار: ــ سېرايا جەمەتىگە مېرايا؛ يەرەمىيا جەمەتىگە ھانانىيا؛ | 12 |
Och i Jojakims tid voro desse öfverste fäder ibland Presterna, nämliga af Seraja var Meraja; af Jeremia var Hanania;
ئەزرا جەمەتىگە مەشۇللام؛ ئامارىيا جەمەتىگە يەھوھانان؛ | 13 |
Af Esra var Mesullam; af Amaria var Johanan;
مېلىكۇ جەمەتىگە يوناتان؛ شەبانىيا جەمەتىگە يۈسۈپ؛ | 14 |
Af Malluch var Jonathan; af Sebania var Joseph;
ھارىم جەمەتىگە ئادنا؛ مېرايوت جەمەتىگە ھەلكاي؛ | 15 |
Af Harim var Adna; af Merajoth var Helkai;
ئىددو جەمەتىگە زەكەرىيا؛ گىننىتون جەمەتىگە مەشۇللام؛ | 16 |
Af Iddo var Zacharia; af Ginnethon var Mesullam;
ئابىيا جەمەتىگە زىكرى؛ مىنيامىن بىلەن موئادىيالارنىڭ جەمەتىگە پىلتاي؛ | 17 |
Af Abia var Sichri; af MinjaminMoadia var Piltai;
بىلگاھ جەمەتىگە شاممۇئا؛ شېمايا جەمەتىگە يەھوناتان؛ | 18 |
Af Bilga var Sammua; af Semaja var Jonathan;
يوئارىب جەمەتىگە ماتتىناي؛ يەدايا جەمەتىگە ئۇززى؛ | 19 |
Af Jojarib var Mattenai; af Jedaja var Ussi;
ساللاي جەمەتىگە كاللاي؛ ئاموك جەمەتىگە ئېبەر؛ | 20 |
Af Sallai var Kallai; af Amok var Eber;
ھىلقىيا جەمەتىگە ھاسابىيا؛ يەدايا جەمەتىگە نەتانەل. | 21 |
Af Hilkia var Hasabia; af Jedaja var Nethaneel.
ئەلىياشىب، يويادا، يوھانان ۋە ياددۇئانىڭ كۈنلىرىدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تىزىملانغان ۋە ئوخشاشلا، پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختتىكى چاغلارغىچە كاھىنلارمۇ تىزىملىنىپ كەلگەن. | 22 |
Och i Eljasibs tid, Jojada, Johanan och Jaddua, vordo öfverste fäderna ibland Leviterna och Presterna beskrifne, under Darios, den Persens rike.
جەمەت باشلىقى بولغان لاۋىيلار تاكى ئەلىياشىبنىڭ نەۋرىسى يوھاناننىڭ ۋاقتىغىچە تەزكىرىنامىدە تىزىملىنىپ كەلگەن. | 23 |
Men Levi barn, öfverste fäderna vordo beskrifne i Chrönicon, allt intill Johanans tid, Eljasibs sons.
لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان ھاسابىيا، شەرەبىيا، كادمىيەلنىڭ ئوغلى يەشۇئالار قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ ئەمرى بويىچە نۆۋەتلىشىپ مەدھىيە-مۇناجات، تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىپ تۇراتتى. | 24 |
Och desse voro öfverstarne i Leviterna: Hasabia, Serebia och Jesua, Kadmiels son; och deras bröder jemte dem, till att lofva och tacka, såsom den Guds mannen David det budit hade, den ena vakten vid den andra.
ماتتانىيا، باكبۇكىيا، ئوبادىيا، مەشۇللام، تالمون بىلەن ئاككۇبلار دەرۋازىۋەنلەر بولۇپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنىڭ ئامبارلىرىغا قارايتتى. | 25 |
Mattania, Bakbukia, Obadja, Mesullam, Talmon och Akkub, voro dörravaktare i vaktene vid dörrena i portomen.
بۇ كىشىلەر يوزاداكنىڭ نەۋرىسى، يەشۇئانىڭ ئوغلى يوياكىمنىڭ كۈنلىرىدە، شۇنىڭدەك ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرانىڭ كۈنلىرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. | 26 |
Desse voro i Jojakims tid, Jesua sons, Jozadaks sons; och i Nehemia den landshöfdingans, och Prestens Esra den Skriftlärdas tid.
يېرۇسالېم سېپىلىنى [خۇداغا] ئاتاپ تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، جامائەت لاۋىيلارنى تۇرغان ھەرقايسى جايلاردىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنى تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىش، غەزەل ئوقۇش، چاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلارنى چېلىشقا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئاتاپ تاپشۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. | 27 |
Och uti murens vigning i Jerusalem sökte man Leviterna utur all deras rum, att man skulle hafva dem till Jerusalem, till att hålla vigning med glädje, med tacksägelse, med sång, med cymbaler, psaltare och harpor.
غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتىن، نىتوفاتلىقلارنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىن، | 28 |
Och sig församlade sångarenas barn, och af den ängden omkring Jerusalem, och af Netophati byar,
بەيت-گىلگالدىن، گېبا بىلەن ئازماۋەت ئېتىزلىقلىرىدىن يىغىلغانىدى؛ چۈنكى غەزەلكەشلار يېرۇسالېمنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرىگە مەھەللە-قىشلاقلار قۇرۇۋالغانىدى. | 29 |
Och af Gilgals hus, och af den mark i Geba, och Asmaveth; förty sångarena hade byggt sig byar omkring Jerusalem.
كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى، ئاندىن خەلقنى ۋە سېپىل دەرۋازىلىرىنى ھەم سېپىلنىڭ ئۆزىنىمۇ پاكلىدى. | 30 |
Och Presterna och Leviterna renade sig, och renade folket, portarna och muren.
مەن [نەھەمىيا] يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى باشلاپ سېپىلغا چىقىپ، تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى چوڭ ئەترەت ئادەمنى ئۇيۇشتۇردۇم، بىر ئەترەت سېپىلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «تېزەك قوۋۇقى»غا قاراپ ماڭدى، | 31 |
Och jag lät Juda Förstar stiga upp på muren, och beställde två stora tackchorar; de gingo åstad, den ene på högra sidone ofvan uppå murenom, åt dyngoporten;
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھوشايا بىلەن يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېرىمى ماڭدى؛ | 32 |
Och efter dem gick Hosaja, och hälften af Juda Förstar,
يەنە ئازارىيا، ئەزرا، مەشۇللام، | 33 |
Och Asaria, Esra, Mesullam,
يەھۇدا، بىنيامىن، شېمايا، يەرەمىيامۇ ماڭدى؛ | 34 |
Juda, BenJamin, Semaja och Jeremia;
شۇنىڭدەك كاھىنلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى قوللىرىغا كاناي ئالغان ھالدا ماڭدى: ــ ئۇلاردىن يوناتاننىڭ ئوغلى زەكەرىيا بار ئىدى (يوناتان شېمايانىڭ ئوغلى، شېمايا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى). | 35 |
Och någre af Prestabarnen med trummeter, nämliga Zacharia, Jonathans son, Semaja sons, Mattania sons, Michaja sons, Saccurs sons, Assaphs sons;
ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شېمايا، ئازارەل، مىلالاي، جىلالاي، مائايى، نەتانەل، يەھۇدا، ھانانىيالار بار ئىدى؛ ئۇلار قوللىرىغا خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ سازلىرىنى ئېلىشقانىدى؛ تەۋراتشۇناس ئەزرا ئۇلارنىڭ بېشىدا ماڭغانىدى. | 36 |
Och hans bröder, Semaja, Asareel, Milalai, Gilalai, Maai, Nethaneel och Juda, Hanani med den Guds mansens Davids strängaspel; men Esra den Skriftlärde för dem.
ئۇلار «بۇلاق قوۋۇقى»غا كېلىپ «داۋۇتنىڭ شەھىرى»نىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ، «داۋۇتنىڭ ئوردىسى»دىن ئۆتۈپ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى «سۇ قوۋۇقى»غا كەلدى. | 37 |
Och vid brunnporten, gentöfver dem, gingo de på trappomen åt Davids stad, uppåt muren om Davids hus, allt intill vattuporten östantill.
تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككىنچى ئەترەت سول تەرەپ بىلەن ماڭدى، مەن ۋە جامائەتنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن مېڭىپ، سېپىل ئۈستىدە «خۇمدانلار مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «كەڭ سېپىل»غىچە مېڭىپ، | 38 |
Den andre tackchoren gick tvärsifrå dem, och jag efter honom, och hälften af folket, utåt murenom uppåt ugnatornet, allt intill den breda muren;
«ئەفرائىم قوۋۇقى»، «كونا قوۋۇق»، «بېلىق قوۋۇقى» ئۈستىدىن ئۆتۈپ، «ھانانىيەل مۇنارى» ۋە «يۈزنىڭ مۇنارى»دىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «قوي قوۋۇقى»غا كېلىپ، ئاندىن «قاراۋۇللار قوۋۇقى»دا توختىدۇق. | 39 |
Och uppåt Ephraims port, och till gamla porten, och till fiskaporten, och till Hananeels torn, och till Mea torn, allt intill fåraporten; och blefvo ståndande i fängelseportenom.
ئاندىن تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇيدىغان ئىككى ئەترەت ئادەم خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇردى؛ مەن بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ يېرىمىمۇ شۇ يەردە تۇردۇق؛ | 40 |
Och stodo alltså de två tackchorer uti Guds huse, och jag, och hälften af öfverstarna med mig;
كاھىنلاردىن ئېلىئاكىم، مائاسېياھ، مىنيامىن، مىگايا، ئەليويىناي، زەكەرىيا بىلەن ھانانىيالار كارنايلىرىنى ئېلىپ تۇرۇشتى؛ | 41 |
Och Presterna, nämliga Eljakim, Maaseja, Minjamin, Michaja, Eljoenai, Zacharia, Hanania, med trummeter;
يەنە مائاسېياھ، شېمايا، ئەلىئازار، ئۇززى، يەھوھانان، مالكىيا، ئېلام بىلەن ئېزەرمۇ تۇرۇشتى؛ غەزەلكەشلەر يىزراقىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە جاراڭلىق غەزەل ئوقۇشتى. | 42 |
Och Maaseja, Semaja, Eleasar, Ussi, Johanan, Malchija, Elam och Eser; och sångarena söngo högt; och Jisrahja var föreståndaren.
شۇ كۈنى جامائەت ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك قۇربانلىقلارنى سۇندى ھەم بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتى، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى زور شادلىق بىلەن شادلاندۇرغانىدى؛ ئاياللار بىلەن بالىلارمۇ شۇنداق شادلاندى؛ يېرۇسالېمدىكى بۇ خۇشاللىق سادالىرى يىراق-يىراقلارغا ئاڭلاندى. | 43 |
Och stor offer vordo offrad på den samma dagen, och de voro glade; ty Gud hade gjort dem en stor glädje, så att både qvinnor och barn fröjdade sig; och Jerusalems glädje hördes långan väg.
ئۇ چاغدا بىر قىسىم كىشىلەر كۆتۈرمە قۇربانلىقلار، دەسلەپكى پىشقان ھوسۇللار ۋە ئۆشرىلەرنى ساقلايدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلەندى؛ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىزلىقلاردىن، تەۋرات قانۇنىدا كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بېرىشكە بەلگىلەنگەن ئۈلۈشلەر شۇ يەردە ساقلىناتتى. چۈنكى يەھۇدا خەلقى ئۆز خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلاردىن خۇشال ئىدى. | 44 |
På den tiden vordo män förskickade öfver skattkistona, der häfoffer, förstling och tiond uti var, att de skulle samka tillhopa af åkromen omkring städerna, till att utdela efter lagen för Prester och Leviter; ty Juda hade en glädje af Presterna och Leviterna, att de stodo.
[كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار]، غەزەلكەشلەر بىلەن دەرۋازىۋەنلەرمۇ، ئۆز خۇداسىنىڭ تاپىلىغان ۋەزىپىسىنى ۋە شۇنىڭدەك پاكلاش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە ئۆتەيتتى. | 45 |
Och de höllo sins Guds vakt, och reningenes vakt; och sångarena och dörravaktarena stodo efter Davids och hans sons Salomos bud.
چۈنكى قەدىمدە، داۋۇتنىڭ ۋە ئاسافنىڭ كۈنلىرىدە، غەزەلكەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ھەم خۇداغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا كۈيلىرىنى ئوقۇشقا يېتەكچىلەر بولغانىدى. | 46 |
Förty i Davids och Assaphs tid vordo stiktade öfverste sångare, och lofsånger, och tacksägningar till Gud.
زەرۇببابەلنىڭ كۈنلىرىدە ۋە نەھەمىيانىڭ كۈنلىرىدە غەزەلكەشلەرنىڭ ۋە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ ئۈلۈشلىرىنى، ھەر كۈنلۈك تەمىناتىنى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بېرەتتى؛ ئۇلار يەنە لاۋىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى؛ لاۋىيلارمۇ مۇقەددەس ھىسابلانغان نەرسىلەردىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىپ تۇراتتى. | 47 |
Men hele Israel gaf sångarena och dörravaktarena delar uti Serubbabels och Nehemia tid, hvar dagen sin del. Och de gåfvo af det helgada Levitomen; och Leviterna gåfvo Aarons barnom af det helgada.