< نەھەمىيا 10 >
بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ مۆھۈر باسقانلار ھاقالىيانىڭ ئوغلى، ۋالىي نەھەمىيا بىلەن زەدەكىيا ئىدى؛ | 1 |
And [were] on the sealed [documents] Nehemiah the governor [the] son of Hacaliah and Zedekiah.
ئاندىن [كاھىنلاردىن] سېرايا، ئازارىيا، يەرەمىيا، | 2 |
Seraiah Azariah Jeremiah.
پاشخۇر، ئامارىيا، مالكىيا، | 3 |
Pashhur Amariah Malkijah.
ھاتتۇش، شەبانىيا، ماللۇق، | 4 |
Hattush Shebaniah Malluch.
ھارىم، مەرەموت، ئوبادىيا، | 5 |
Harim Meremoth Obadiah.
دانىيال، گىننىتون، بارۇق، | 6 |
Daniel Ginnethon Baruch.
مەشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، | 7 |
Meshullam Abijah Mijamin.
مائازىياھ، بىلگاي، شېمايالار؛ ئۇلار كاھىنلار ئىدى. | 8 |
Maaziah Bilgai Shemaiah these [were] the priests.
لاۋىيلاردىن: ــ ئازانىيانىڭ ئوغلى يەشۇئا، ھېنادادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىننۇئى بىلەن كادمىيەل | 9 |
And the Levites and Jeshua [the] son of Azaniah Binnui one of [the] sons of Henadad Kadmiel.
ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شەبانىيا، خودىيا، كېلىتا، پېلايا، ھانان، | 10 |
And brothers their Shebaniah Hodiah Kelita Pelaiah Hanan.
مىكا، رەخوب، ھاشابىيا، | 11 |
Mica Rehob Hashabiah.
زاككور، شەرەبىيا، شەبانىيا، | 12 |
Zaccur Sherebiah Shebaniah.
خودىيا، بانى، بېنىنۇ ئىدى. | 13 |
Hodiah Bani Beninu.
جامائەت باشلىقلىرىدىن: پاروش، پاھات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، | 14 |
[the] leaders of The people Parosh Pahath-Moab Elam Zattu Bani.
ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، | 16 |
Adonijah Bigvai Adin.
ئاتېر، ھەزەكىيا، ئاززۇر، | 17 |
Ater Hezekiah Azzur.
ھارىف، ئاناتوت، نېباي، | 19 |
Hariph Anathoth (Nebai. *Q(K)*)
ماگپىياش، مەشۇللام، ھېزىر، | 20 |
Magpiash Meshullam Hezir.
مەشەزابەل، زادوك، ياددۇئا، | 21 |
Meshezabel Zadok Jaddua.
پىلاتىيا، ھانان، ئانايا، | 22 |
Pelatiah Hanan Anaiah.
ھوشىيا، ھانانىيا، ھاششۇب، | 23 |
Hoshea Hananiah Hasshub.
ھاللوخەش، پىلخا، شوبەك، | 24 |
Hallohesh Pilha Shobek.
رەھۇم، ھاشابناھ، مائاسېياھ، | 25 |
Rehum Hashabnah Maaseiah.
ئاخىياھ، ھانان، ئانان، | 26 |
And Ahiah Hanan Anan.
ماللۇق، ھارىم، بائاناھلار ئىدى. | 27 |
Malluch Harim Baanah.
قالغان خەلق: ــ كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر، ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن ئايرىپ چىقىپ، خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا قايتقانلارنىڭ ھەربىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى قاتارلىق ھىدايەت تېپىپ يورۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى | 28 |
And [the] rest of the people the priests the Levites the gatekeepers the singers the temple servants and every [one who] has separated himself from [the] peoples of the lands to [the] law of God wives their sons their and daughters their every [one who] knows [one who] understands.
ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۆتىۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ: «ئۆزىمىزنى قارغىش قەسىمى بىلەن ئەھدىگە باغلاپ، خۇدانىڭ قۇلى مۇسا ئارقىلىق جاكارلىغان تەۋرات قانۇنىدا مېڭىپ، رەببىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى، ھۆكۈم-بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىمىز؛ | 29 |
[are] holding On countrymen their noble [ones] their and [are] going in a curse and in an oath to walk in [the] law of God which it was given by [the] hand of Moses [the] servant of God and to take care and to do all [the] commandments of Yahweh lord our and judgments his and statutes his.
قىزلىرىمىزنى بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەرگە ياتلىق قىلمايمىز ھەم ئوغۇللىرىمىزغىمۇ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەيمىز؛ | 30 |
And that not we will give daughters our to [the] peoples of the land and daughters their not we will take for sons our.
بۇ يۇرتتىكى يات ئەللىكلەر شابات كۈنىدە مال-تاۋار ۋە ئاشلىقلىرىنى ئەكىلىپ ساتماقچى بولسا، شابات كۈنلىرى ياكى ھەرقايسى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردىمۇ ئۇلاردىن قەتئىي ھېچنېمە سېتىۋالمايمىز؛ ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى تېرىقسىز ئاق قالدۇرىمىز ھەم بارلىق قەرزلەرنى كەچۈرۈم قىلىمىز» ــ دېيىشتى. | 31 |
And [the] peoples of the land who will bring wares and any grain on [the] day of the sabbath to sell not we will take from them on the sabbath and on a day of holiness so we may leave the year seventh and usury of every hand.
بىز يەنە ئۆزىمىزگە ھەربىر ئادەم ھەر يىلى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەل كۈمۈش بېرىشكە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتۇق؛ | 32 |
And we establish on ourselves commandments to put on ourselves [the] third of the shekel in the year for [the] service of [the] house of God our.
بۇ پۇل «تىزىلىدىغان تەقدىم نان»لار، دائىمىي ئاشلىق ھەدىيەلەر، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى بىلەن يېڭى ئايلاردىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، قەرەلى بېكىتىلگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن، ھەرخىل مۇقەددەس بۇيۇملار ئۈچۈن، ئىسرائىلغا كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسۇن دەپ بەلگىلەندى. | 33 |
For [the] bread of the row and [the] grain offering of regularity and for [the] burnt offering of regularity the sabbaths the new moons for the appointed feasts and for the holy offerings and for the sin offerings to make atonement on Israel and all [the] work of [the] house of God our.
بىز يەنە ئاتا جەمەتلىرىمىز بويىچە كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە خەلق ئارىسىدا چەك تاشلاپ، ھەر يىلى بەلگىلەنگەن قەرەلدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدا قالاش ئۈچۈن ئوتۇن يەتكۈزۈپ بېرىش نۆۋەتلىرىنى بېكىتتۇق؛ | 34 |
And the lots we have cast on [the] offering of the wood the priests the Levites and the people to bring [it] to [the] house of God our to [the] house of ancestors our to times appointed a year in a year to burn [it] on [the] altar Yahweh God our according to [what] is written in the law.
يەنە ھەر يىلى ئېتىزىمىزدىكى تۇنجى پىشقان ھوسۇلنى، ھەممە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۇنجى پىشقان مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى، | 35 |
And to bring [the] first-fruits of ground our and [the] first-fruits of all [the] fruit of every tree a year in a year to [the] house of Yahweh.
شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك، تۇنجى ئوغلىمىزنى ۋە كالا، قوي-ئوغلاق پادىلىرىدىن تۇنجى چارپىيىمىزنى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇ ئۆيدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاھىنلارغا ئەپكېلىشنى، | 36 |
And [the] firstborn of sons our and cattle our according to [what] is written in the law and [the] firstborn of herds our and flocks our to bring to [the] house of God our to the priests who serve in [the] house of God our.
ھەربىر يېڭى خېمىرنىڭ دەسلەپ پىشقان نانلىرىدىن بىرنى، شۇنداقلا بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىمىزنى تەقدىم قىلىشنى، ھەرخىل دەرەخلەردىن دەسلەپكى پىشقان مېۋىلەرنى، يېڭى شاراب، يېڭى زەيتۇن مېيىنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى، يەنى كاھىنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇنىڭدەك ئېتىزلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى لاۋىيلارغا بېرىشنى بېكىتتۇق؛ لاۋىيلار بىزنىڭ تېرىقچىلىققا تايىنىدىغان شەھەرلىرىمىزدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىنى تاپشۇرۇۋالسۇن دەپ بېكىتتۇق؛ | 37 |
And [the] choicest of dough our and contributions our and [the] fruit of every tree new wine and fresh oil we will bring to the priests to [the] store-rooms of [the] house of God our and [the] tithe of ground our to the Levites and they the Levites [are] the [ones who] collect tithes in all [the] cities of labor our.
شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق. | 38 |
And he will be the priest [the] descendant of Aaron with the Levites when collect [the] tithes the Levites and the Levites they will bring up [the] tenth of the tithe to [the] house of God our into the store-rooms of [the] house of the treasury.
ئىسرائىللار بىلەن لاۋىيلار ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، يېڭى زەيتۇن مېيىدىن «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ مۇقەددەس جايدىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر ساقلىنىدىغان خەزىنە-ئامبارلارغا، يەنى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كاھىن، دەرۋازىۋەن ۋە غەزەلكەشلەر تۇرىدىغان جايغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىز خۇدايمىنىزنىڭ ئۆيىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ھەرگىز ئۆزىمىزنى تارتمايمىز! | 39 |
For to the store-rooms they will bring [the] people of Israel and [the] descendants of the Levites [the] contribution of grain the new wine and the fresh oil and [will be] there [the] utensils of the sanctuary and the priests who serve and the gatekeepers and the singers and not we will neglect [the] house of God our.