< ناھۇم 1 >
نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب. | 1 |
Breme Nineviji; knjiga od utvare Nauma Elkošanina.
پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ. | 2 |
Bog je revnitelj i Gospod je osvetnik; osvetnik je Gospod i gnjevi se; Gospod se sveti protivnicima svojim, i drži gnjev prema neprijateljima svojim.
پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر. | 3 |
Gospod je spor na gnjev i velike je moæi; ali nikako ne pravda krivca; put je Gospodnji u vihoru i buri, i oblaci su prah od nogu njegovijeh.
ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ. | 4 |
Zapreæuje moru i isušuje ga, i sve rijeke isušuje, vene Vasan i Karmil, i cvijet Vasanski vene.
تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ، دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ، يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. | 5 |
Gore se tresu od njega, i humovi se rastapaju, a zemlja gori pred njim i vasiljena i sve što živi u njoj.
كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟ ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ. | 6 |
Pred gnjevom njegovijem ko æe se održati? i ko æe se oprijeti jarosti gnjeva njegova? jarost se njegova izlijeva kao oganj, i stijene se raspadaju pred njim.
پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ. | 7 |
Dobar je Gospod, grad je u nevolji, i poznaje one koji se uzdaju u nj.
بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ. | 8 |
Ali æe silnom poplavom uèiniti kraj mjestu njezinu, i tama æe goniti neprijatelje njegove.
سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛ يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ. | 9 |
Šta smišljate Gospodu? on æe uèiniti kraj; neæe se dva puta podignuti pogibao.
ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ. | 10 |
Jer kao trnje spleteni i kao od vina pijani proždrijeæe se kao suha slama.
سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى، ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر. | 11 |
Iz tebe je izašao koji smišlja zlo Gospodu, savjetnik nevaljao.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛ مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، [ئى خەلقىم]، قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن. | 12 |
Ovako veli Gospod: ako i jesu u sili i mnogo ih ima, opet æe se isjeæi i proæi. Muèio sam te, neæu te više muèiti.
ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن. | 13 |
Nego æu sada slomiti jaram njegov s tebe, i pokidaæu tvoje okove.
پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛ مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن. | 14 |
Ali za tebe zapovjedi Gospod da se ne sije više ime tvoje; iz doma bogova tvojih istrijebiæu likove rezane i livene; naèiniæu ti od njega grob kad budeš prezren.
مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا! ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ. | 15 |
Eto, na gorama noge onoga koji nosi dobre glase, koji oglašuje mir. Praznuj, Juda, svoje praznike, ispunjaj zavjete svoje, jer zlikovac neæe više prolaziti po tebi; sasvijem se zatro.