< ناھۇم 3 >
قانلىق شەھەرگە ۋاي! ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس! | 1 |
禍哉!這流人血的城, 充滿謊詐和強暴- 搶奪的事總不止息。
ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى! | 2 |
鞭聲響亮,車輪轟轟, 馬匹踢跳,車輛奔騰,
قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ. | 3 |
馬兵爭先,刀劍發光, 槍矛閃爍,被殺的甚多, 屍首成了大堆, 屍骸無數,人碰着而跌倒,
ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن، | 4 |
都因那美貌的妓女多有淫行, 慣行邪術,藉淫行誘惑列國, 用邪術誘惑多族。
مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن. | 5 |
萬軍之耶和華說:我與你為敵; 我必揭起你的衣襟,蒙在你臉上, 使列國看見你的赤體, 使列邦觀看你的醜陋。
ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن. | 6 |
我必將可憎污穢之物拋在你身上, 辱沒你,為眾目所觀。
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟ | 7 |
凡看見你的,都必逃跑離開你, 說:尼尼微荒涼了!有誰為你悲傷呢? 我何處尋得安慰你的人呢?
سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ئەتراپىدا سۇلار بولغان، ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟ | 8 |
你豈比挪亞們強呢? 挪亞們坐落在眾河之間,周圍有水; 海作她的濠溝, 又作她的城牆。
ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛ | 9 |
古實和埃及是她無窮的力量; 弗人和路比族是她的幫手。
ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى. | 10 |
但她被遷移,被擄去; 她的嬰孩在各市口上也被摔死。 人為她的尊貴人拈鬮; 她所有的大人都被鍊子鎖着。
سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛ | 11 |
你也必喝醉,必被埋藏, 並因仇敵的緣故尋求避難所。
سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. | 12 |
你一切保障必像無花果樹上初熟的無花果, 若一搖撼就落在想吃之人的口中。
مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ. | 13 |
你地上的人民如同婦女; 你國中的關口向仇敵敞開; 你的門閂被火焚燒。
ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، ھاك لاينى چەيلەپ قوي! خۇمداننى راسلاپ قوي! | 14 |
你要打水預備受困; 要堅固你的保障, 踹土和泥,修補磚窯。
ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل! | 15 |
在那裏,火必燒滅你; 刀必殺戮你, 吞滅你如同蝻子。 任你加增人數多如蝻子, 多如蝗蟲吧!
سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ! | 16 |
你增添商賈,多過天上的星; 蝻子吃盡而去。
سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. | 17 |
你的首領多如蝗蟲; 你的軍長彷彿成群的螞蚱, 天涼的時候齊落在籬笆上, 日頭一出便都飛去, 人不知道落在何處。
چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛ | 18 |
亞述王啊,你的牧人睡覺; 你的貴冑安歇; 你的人民散在山間,無人招聚。
سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟ | 19 |
你的損傷無法醫治; 你的傷痕極其重大。 凡聽你信息的必都因此向你拍掌。 你所行的惡誰沒有時常遭遇呢?