< ناھۇم 2 >
بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛ ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت! | 1 |
ascendit qui dispergat coram te qui custodit obsidionem contemplare viam conforta lumbos robora virtutem valde
(چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛ چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى). | 2 |
quia reddidit Dominus superbiam Iacob sicut superbiam Israhel quia vastatores dissipaverunt eos et propagines eorum corruperunt
[بىتچىت قىلغۇچىنىڭ] پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛ تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ، نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛ | 3 |
clypeus fortium eius ignitus viri exercitus in coccineis igneae habenae currus in die praeparationis eius et agitatores consopiti sunt
جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛ كەڭ يوللاردا بىر-بىرىگە سوقۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ، ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ. | 4 |
in itineribus conturbati sunt quadrigae conlisae sunt in plateis aspectus eorum quasi lampades quasi fulgura discurrentia
[سەردار] ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛ نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ، [باشلىرىغا] بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ. | 5 |
recordabitur fortium suorum ruent in itineribus suis velociter ascendent muros eius et praeparabitur umbraculum
«دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، [پادىشاھنىڭ] ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ. | 6 |
portae fluviorum apertae sunt et templum ad solum dirutum
خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ [دۈشمەن] تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ، دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ-ئۇھ تارتىپ، مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ. | 7 |
et miles captivus abductus est et ancillae eius minabantur gementes ut columbae murmurantes in cordibus suis
نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك [تىنچ] بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ... ئەي توختا! ئەي توختا! ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ. | 8 |
et Nineve quasi piscina aquarum aquae eius ipsi vero fugerunt state state et non est qui revertatur
كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا-قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. | 9 |
diripite argentum diripite aurum et non est finis divitiarum ex omnibus vasis desiderabilibus
ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان! يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ، تىزلىرى بىر-بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛ بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ، بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ. | 10 |
dissipata et scissa et dilacerata et cor tabescens et dissolutio geniculorum et defectio in cunctis renibus et facies omnium sicut nigredo ollae
قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟ | 11 |
ubi est habitaculum leonum et pascua catulorum leonum ad quam ivit leo ut ingrederetur illuc catulus leonis et non est qui exterreat
شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى. | 12 |
leo cepit sufficienter catulis suis et necavit leaenis suis et implevit praeda speluncas suas et cubile suum rapina
مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛ قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ، ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ. | 13 |
ecce ego ad te dicit Dominus exercituum et succendam usque ad fumum quadrigas eius et leunculos tuos comedet gladius et exterminabo de terra praedam tuam et non audietur ultra vox nuntiorum tuorum