< مىكاھ 7 >
مېنىڭ ھالىمغا ۋاي! چۈنكى مەن خۇددى يازدىكى مېۋىلەر يىغىلىپ، ئۈزۈم ھوسۇلىدىن كېيىنكى ۋاساڭدىن كېيىن ئاچ قالغان بىرسىگە ئوخشايمەن، يېگۈدەك ساپاق يوقتۇر؛ جېنىم تەشنا بولغان تۇنجى ئەنجۈر يوقتۇر! | 1 |
Woe is me! for I am as when they have gathered the summer fruits, as the grapegleanings of the vintage: [there is] no cluster to eat: my soul desired the firstripe fruit.
ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى، ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ. | 2 |
The good [man] is perished out of the earth: and [there is] none upright among men: they all lie in wait for blood; they hunt every man his brother with a net.
رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا. | 3 |
That they may do evil with both hands earnestly, the prince asketh, and the judge [asketh] for a reward; and the great [man], he uttereth his mischievous desire: so they wrap it up.
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى خۇددى جىغاندەك، ئەڭ دۇرۇسى بولسا، شوخىلىق توسۇقتىن بەتتەردۇر. ئەمدى كۆزەتچىلىرىڭ [قورقۇپ] كۈتكەن كۈن، يەنى [خۇدا] ساڭا يېقىنلاپ جازالايدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقتى ھازىر كەلدى. | 4 |
The best of them [is] as a brier: the most upright [is sharper] than a thorn hedge: the day of thy watchmen [and] thy visitation cometh; now shall be their perplexity.
ئۈلپىتىڭگە ئىشەنمە، جان دوستۇڭغا تايانما؛ ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى قۇچىقىڭدا ياتقۇچىدىن يېپىپ يۈر. | 5 |
Trust ye not in a friend, put ye not confidence in a guide: keep the doors of thy mouth from her that lieth in thy bosom.
چۈنكى ئوغۇل ئاتىسىغا بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېين ئانىسىغا قارشى قوزغىلىدۇ؛ كىشىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئۆيىدىكى ئادەملىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. | 6 |
For the son dishonoureth the father, the daughter riseth up against her mother, the daughter in law against her mother in law; a man’s enemies [are] the men of his own house.
بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگارغا قاراپ ئۈمىد باغلايمەن؛ نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدانى كۈتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ. | 7 |
Therefore I will look unto the LORD; I will wait for the God of my salvation: my God will hear me.
ماڭا قاراپ خۇش بولۇپ كەتمە، ئى دۈشمىنىم؛ گەرچە مەن يىقىلىپ كەتسەممۇ، يەنە قوپىمەن؛ قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرسام، پەرۋەردىگار ماڭا يورۇقلۇق بولىدۇ. | 8 |
Rejoice not against me, O mine enemy: when I fall, I shall arise; when I sit in darkness, the LORD [shall be] a light unto me.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن ــ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدىم ــ ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ يۈرگۈزگۈچە كۈتىمەن؛ ئۇ مېنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمەن. | 9 |
I will bear the indignation of the LORD, because I have sinned against him, until he plead my cause, and execute judgment for me: he will bring me forth to the light, [and] I shall behold his righteousness.
ۋە مېنىڭ دۈشمىنىم بۇنى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى» دېگەن ئايالنى شەرمەندىلىك باسىدۇ؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭ [مەغلۇبىيىتىنى] كۆرىدۇ؛ ئۇ كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسەپ چەيلىنىدۇ. | 10 |
Then [she that is] mine enemy shall see [it], and shame shall cover her which said unto me, Where is the LORD thy God? mine eyes shall behold her: now shall she be trodden down as the mire of the streets.
ــ سېنىڭ تام-سېپىللىرىڭ قۇرۇلىدىغان كۈنىدە، شۇ كۈنىدە ساڭا بېكىتىلگەن پاسىلىڭ يىراقلارغا يۆتكىلىدۇ. | 11 |
[In] the day that thy walls are to be built, [in] that day shall the decree be far removed.
شۇ كۈنىدە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ؛ ــ ئاسۇرىيەدىن، مىسىر شەھەرلىرىدىن، مىسىردىن [ئەفرات] دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە ۋە تاغدىن تاغغىچە ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ. | 12 |
[In] that day [also] he shall come even to thee from Assyria, and [from] the fortified cities, and from the fortress even to the river, and from sea to sea, and [from] mountain to mountain.
بىراق يەر يۈزى بولسا ئۆزىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تۈپەيلىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن خارابە بولىدۇ. | 13 |
Notwithstanding the land shall be desolate because of them that dwell therein, for the fruit of their doings.
ــ ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ئورماندا، كارمەل ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى، تاياق-ھاساڭ بىلەن ئوزۇقلاندۇرغايسەن؛ قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك، ئۇلار باشان ھەم گىلېئاد چىمەنزارلىرىدا قايتىدىن ئوزۇقلانسۇن! | 14 |
Feed thy people with thy rod, the flock of thine heritage, which dwell solitarily [in] the wood, in the midst of Carmel: let them feed [in] Bashan and Gilead, as in the days of old.
ــ سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردە بولغاندەك، مەن ئۇلارغا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمەن. | 15 |
According to the days of thy coming out of the land of Egypt will I shew unto him marvellous [things].
ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛ قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ، قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛ | 16 |
The nations shall see and be confounded at all their might: they shall lay [their] hand upon [their] mouth, their ears shall be deaf.
ئۇلار يىلاندەك توپا-چاڭنى يالايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەردەك ئۆز تۆشۈكلىرىدىن تىترىگەن پېتى چىقىدۇ؛ ئۇلار قورقۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ۋە سېنىڭ تۈپەيلىڭدىنمۇ قورقىدۇ. | 17 |
They shall lick the dust like a serpent, they shall move out of their holes like worms of the earth: they shall be afraid of the LORD our God, and shall fear because of thee.
قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟ | 18 |
Who [is] a God like unto thee, that pardoneth iniquity, and passeth by the transgression of the remnant of his heritage? he retaineth not his anger for ever, because he delighteth [in] mercy.
ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن. | 19 |
He will turn again, he will have compassion upon us; he will subdue our iniquities; and thou wilt cast all their sins into the depths of the sea.
ــ سەن قەدىمكى كۈنلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان ھەقىقەت-ساداقەتنى ياقۇپقا، ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى ئىبراھىمغا يەتكۈزۈپ كۆرسىتىسەن. | 20 |
Thou wilt perform the truth to Jacob, [and] the mercy to Abraham, which thou hast sworn unto our fathers from the days of old.