< مىكاھ 5 >

ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛ 1
Riv nu Sår i din Hud! De bar opkastet en Vold imod os; med Stokken slår de Israels Hersker på Kinden.
(سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان [شەھەر-يېزىلار] ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ [ھۇزۇرۇمدىن] چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى) 2
Og du du Betlehems-Efrata, liden til at være blandt Judas Tusinder! Af dig skal udgå mig een til at være Hersker i Israel. Hans Udspring er fra fordum, fra Evigheds Dage.
شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ قويىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. 3
Derfor giver han dem hen, så længe til hun, som skal føde, føder, og Resten af hans Brødre vender hjem til Israeliterne.
ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ. 4
Han skal stå og vogte i HERRENs Kraft, i HERREN sin Guds høje Navn. De skal bo trygt, thi nu skal hans Storhed nå Jordens Grænser.
ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛ 5
Og han skal være Fred. Når Assur trænger ind i vort Land, og når han træder ind i vore Borge, stiller vi syv Hyrder imod ham og otte fyrstelige Mænd,
ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛ ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. 6
som skal vogte Assurs Land med Sværd og Nimrods Land med Klinge. Og han skal fri os fra Assur, når han trænger ind i vort Land, træder ind på vore Enemærker.
ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ [ئەجرىنى] كۈتۈپ تۇرمايدۇ. 7
Da bliver Jakobs Rest i de mange Folkeslags Midte som Dug, der kommer fra HERREN, som Regnens Dråber på Græs, der ikke venter på nogen eller bier på Menneskens Børn.
ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا، يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ، قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛ شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ. 8
Da bliver Jakobs Rest blandt Folkene i de mange Folkeslags Midte som en Løve blandt Skovens Dyr, en Ungløve blandt Fårehjorde, der nedtramper, når den går frem, og sønderriver redningsløst.
قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 9
Din Hånd skal være over dine Uvenner, alle dine Fjender ryddes bort.
شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن. 10
På hin Dag, lyder det fra HERREN, udrydder jeg Hestene af dig, dine Stridsvogne gør jeg til intet.
زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن. 11
rydder Byerne bort i dit Land, river alle dine Fæstninger ned,
سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ. 12
rydder Trolddommen bort af din Hånd, Tegntydere får du ej mer;
مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى، «بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن. 13
jeg rydder dine Billeder bort, Stenstøtterne bort af din Midte og du skal ikke mer tilbede dine Hænders Værk.
ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن، ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛ 14
Jeg udrydder dine Asjerer og lægger dine Afguder øde;
ۋە [ماڭا] قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن. 15
i Vrede og Harme tager jeg Hævn over Folk, som ikke vil høre.

< مىكاھ 5 >