< مىكاھ 5 >
ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛ | 1 |
被圍困的女子,現在妳要抓傷身,他們己圍困住我們,用棍杖搫打以色列民長的面頰。
(سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان [شەھەر-يېزىلار] ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ [ھۇزۇرۇمدىن] چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى) | 2 |
厄弗辣大白冷! 你在猶大群邑中雖是最小的,但是將由你從我生出一位統治以色列的人,他的來歷源自亙古,遠自永遠的時代。
شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ قويىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. | 3 |
因此,上主必將遺棄他們,直到孕婦生產之時,那時他 弟兄中的遺民必將歸來,與以色列子民團聚。
ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ. | 4 |
他必卓然屹立,以上主的能力及上主他們的天主之名的權威,牧放自己的羊群。他們將獲得安居,因為他必大有權勢,直達地極。
ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛ | 5 |
他本人將是和平! 當亞述人侵入我們地域,蹂躪我們領土時,必有七個牧者,八個人民首領奮起對抗。
ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛ ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. | 6 |
他們必用刀統治亞述,用劍管轄默洛得地。當亞述侵入我們地域,蹂躪我們的境域時,他必救援我們。
ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ [ئەجرىنى] كۈتۈپ تۇرمايدۇ. | 7 |
那時,雅各伯的遺民,在許多民族中,必如由上主而來的朝露,必如落在青草上的甘霖,不再期待於人,也不寄望於人子。
ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا، يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ، قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛ شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ. | 8 |
那時,雅各伯的遺民,在異民中,在許多民族中,必如獅子在森林百獸中,必如幼童在羊群中,所經之處,必加以蹂躪摧殘,無人能夠搶救。
قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 9 |
你的手臂將高舉在你敵人之上,你的一切仇敵必要滅絕。
شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن. | 10 |
到那一日──上主的斷語──我必由你中間毀滅你的戰馬,破壞你的車輛,
زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن. | 11 |
毀壞你境內的城市,傾覆你的一切堡壘,
سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ. | 12 |
滅絕你手中的巫術,使你不再有人占卜;
مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى، «بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن. | 13 |
我必由你們中間消滅你的彫像和石柱,使你不再膜拜你手製的作品;
ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن، ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛ | 14 |
我必由你們中間根除你的神柱,毀壞你的神像;
ۋە [ماڭا] قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن. | 15 |
對那不順服的異民,我必在憤怒激憤之下施以報復。