< مىكاھ 4 >
بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ. | 1 |
Lakini katika siku za mwisho itakuja kuhusu kwamba mlima wa nyumba ya Yahwe utawekwa imare juu ya milima mingine. Utainuliwa juu ya milima, na watu watautakabisha.
نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. | 2 |
Mataifa mengi yataenda na kusema, “Njoni, twendeni juu kwenye mlima wa Yahwe, kwenye nyumba ya Mungu wa Yakobo. Atatufundisha njia zake, na tutembea katika njia zake.” Kwa kuwa kutoka Sayuni sheria itatoka, na neno la Yahwe kutoka Yerusalemu.
ئۇ بولسا كۆپ خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇ كۈچلۈك ئەللەر، يىراقتا تۇرغان ئەللەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛ بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ؛ | 3 |
Atahukumu miongoni mwa watu na kuamua kuhusiana na mataifa mengi ya mbali. Watapoga mapanga yao kuwa plau na mikuki yao kuwa miuundu ya kupogolea. Taifa halitainua upanga dhidi ya taifa, wala kutawala kwa vita tena.
بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛ چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى. | 4 |
Badala yake, wataketi kila mtu chini ya mzabibu wake na chini ya mtini wake. Hakuna mtu atakayewafanya waogope, kwa kuwa mdomo wa Yahwe wa majeshi umesema.
بارلىق خەلقلەر ئۆز «ئىلاھ»ىنىڭ نامىدا ماڭسىمۇ، بىراق بىز خۇدايىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئەبەدىلئەبەدگىچە ماڭىمىز. | 5 |
Kwa kuwa watu wote wataenenda, kila mmoja, katika jina la mungu wake. Lakini sisi tutaenenda katika jina la Yahwe Mungu wetu milele na milele.
شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن مېيىپ بولغۇچىلارنى، ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى ۋە ئۆزۈم ئازار بەرگەنلەرنى يىغىمەن؛ | 6 |
“Katika siku hiyo,” aseme Yahwe, “Nitamkusanya achechemeaye na kumkusanya aliyefukuzwa, wale ambao nimewatesa.
ۋە مېيىپ بولغۇچىنى بىر «قالدى»، ھەيدىۋېتىلگەننى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار زىئون تېغىدا ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، شۇ كۈندىن باشلاپ مەڭگۈگىچە. | 7 |
Nitamrudisha aliyechechemea kwenye mabaki, na yeye aliyetupwa kwenye taifa imara, na mimi, Yahwe, nitatawala juu yao katika Milima Sayuni, sasa na milele.
ۋە سەن، ئى پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار، ــ زىئون قىزىنىڭ ئېگىزلىكى، [پادىشاھلىق] ساڭا كېلىدۇ: ــ ــ بەرھەق، ساڭا ئەسلىدىكى ھوقۇق-ھۆكۈمرانلىق كېلىدۇ؛ پادىشاھلىق يېرۇسالېم قىزىغا كېلىدۇ. | 8 |
Kama kwako, mnara wa saa kwa ajili ya kundi, mlima wa binti wa Sayuni-utakuja kwenu, utawala wenu wa zamani utarudishwa, ufalme ambao unaomilikiwa na binti wa Yerusalemu.
ئەمدى سەن ھازىر نېمىشقا نىدا قىلىپ نالە كۆتۈرىسەن؟ سەندە پادىشاھ يوقمىدى؟ سېنىڭ مۇشاۋىرىڭمۇ ھالاك بولغانمىدى، ئايالنى تولغاق تۇتقاندەك ئازابلار سېنى تۇتۇۋالغانمىدى؟ | 9 |
Sasa, kwa nini unapiga kelele kwa sauti kuu? Je hakuna mfalme miongoni mwenu? Je mshauri wako amekufa? Kwa nini uchungu umekushika kama yule mwanamke akiwa anazaa?
ئازابقا چۈش، تولغاق تۇتقان ئايالدەك تۇغۇشقا تولغىنىپ تىرىشقىن، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى سەن ھازىر شەھەردىن چىقىسەن، ھازىر دالادا تۇرىسەن، سەن ھەتتا بابىلغىمۇ چىقىسەن. سەن ئاشۇ يەردە قۇتقۇزۇلىسەن؛ ئاشۇ يەردە پەرۋەردىگار ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەنلىرىڭدىن قۇتقۇزىدۇ. | 10 |
Kuwa katika uchungu wa kuzaa ili uzae, binti Sayuni, kama mwanamke mwenye uchungu. Kwa sasa utatoka nje ya mji, kuishi kwenye shamba, na kwenda Babeli. Huko utaokolewa. Huko Yahwe atakuokoa kutoka kwenye mikono ya maadui.
ۋە ھازىر نۇرغۇن ئەللەر: ــ «ئۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىپ بۇلغانسۇن! كۆزىمىز زىئوننىڭ [ئىزاسىنى] كۆرسۈن!» ــ دەپ ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ؛ | 11 |
Sasa mataifa mengi yamekusanyika juu yako; wakisema; 'Atiwe unajisi; macho yenu yaangalie Sayuni.”'
بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ نىشانىنى چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۆنچىلەرنى خامانغا يىغقاندەك ئۇ ئۇلارنى يىغىپ قويدى. | 12 |
Nabii asema, “Hawayajui mawazo ya Yahwe, wala hawaelewi mpango wake, kwa kuwa wamewakusanaya kama miganda kupura sakafuni.”
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ خاماننى تەپ، ئى زىئون قىزى، چۈنكى مەن مۈڭگۈزۈڭنى تۆمۈر، تۇياقلىرىڭنى مىس قىلىمەن؛ نۇرغۇن ئەللەرنى سوقۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ غەنىمىتىنى پەرۋەردىگارغا، ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئىگىسىگە بېغىشلايمەن. | 13 |
Yahwe asema, “siamama na upure, binti Sayuni, kwa kuwa nitaifanya pembe yako kuwa chuma, na nitazifanya kwato zako kuwa shaba. Utaponda watu wengi. Nitaweka wakfu udhalimu wao kwangu mwenyewe, Yahwe, miliki zao kwangu, Bwana wa dunia nzima.”