< مىكاھ 2 >

ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي! پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛ 1
その牀にありて不義を圖り惡事を工夫る者等には禍あるべし 彼らはその手に力あるが故に天亮におよべばこれを行ふ
ئۇلارنىڭ ئاچكۆز كۆزى ئېتىزلارغا چۈشسىلا، ئۇلار زوراۋانلىق قىلىپ بۇلىۋالىدۇ؛ ئۆيلەرگىمۇ قىزىقىپلا قالسا، بۇلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى بىلەن بۇلايدۇ، ئادەمنى ئۆز مىراسلىرى بىلەن قوشۇپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالىدۇ. 2
彼らは田圃を貪りてこれを奪ひ家を貪りて是を取りまた人を虐げてその家を掠め人を虐げてその産業をかすむ
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ ئائىلىگە قاراپ، بويۇنلىرىڭلاردىن چىقىرالمايدىغان يامان بىر [بويۇنتۇرۇرقنى] ئويلاپ تەييارلىۋاتىمەن؛ سىلەر ئەمدى گىدىيىپ ماڭمايسىلەر؛ چۈنكى شۇ كۈنلەر يامان كۈنلەر بولىدۇ. 3
是故にヱホバかく言たまふ 視よ我此族にむかひて災禍を降さんと謀る 汝らはその頸を是より脱すること能はじ また首をあげて歩くこと能はざるべし 其時は災禍の時なればなり
شۇ كۈنى ئۇلار سىلەر توغراڭلاردا تەمسىلنى تىلغا ئېلىپ، ئېچىنىشلىق بىر زار بىلەن زارلايدۇ: ــ «بىز پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق!؛ ئۇ خەلقىمنىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلارغا بۆلۈۋەتتى؛ ئۇنى مەندىن شۇنچە دەھشەتلىك مەھرۇم قىلدى! ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى! 4
その日には人汝らにつきて詩を作り悲哀の歌をもて悲哀て言ん 事既にいたれり 我等は悉く滅さる 彼わが民の産業を人に與ふ 如何なれば我よりこれを離すや 我儕の田圃を違逆者に分ち與ふ
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىدىن، سىلەردە چەك تاشلاپ زېمىن ئۈستىگە تانا تارتىپ نېسىۋە بۆلگۈچىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ. 5
然ば汝らヱホバの會衆の中には籤によりて繩をうつ者一人も有じ
ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! ئەگەر [پەيغەمبەرلەر] بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ! 6
預言する勿れ 彼らは預言す 彼らは是等の者等にむかひて預言せじ 恥辱彼らを離れざるべし
ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟ 7
汝ヤコブの家と稱へらるる者よ ヱホバの氣短からんや ヱホバの行爲是のごとくならんや 我言は品行正直者の益とならざらんや
بىراق تۈنۈگۈنلا مېنىڭ خەلقىم ھەتتا دۈشمەندەك ئورنىدىن قوزغالدى؛ سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك [كىيىمسىز] قالدۇرىسىلەر. 8
然るに我民は近頃起りて敵となれり 汝らは夫の戰爭を避て心配なく過るところの者等に就てその衣服の外衣を奪ひ
خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر. 9
我民の婦女をその悦ぶところの家より逐いだしその子等より我の妝飾を永く奪ふ
ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نېرى كېتىڭلار؛ چۈنكى ھالاكەتنى، يەنى ئازابلىق بىر ھالاكەتنى كەلتۈرىدىغان ناپاكلىق تۈپەيلىدىن، بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئارامگاھ بولمايدۇ. 10
起て去れ 是は汝らの安息の地にあらず 是は已に汚れたれば必ず汝らを滅さん 其滅亡は劇かるべし
ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ: ــ «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» ــ دېسە، مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ! 11
人もし風に歩み謊言を宣べ我葡萄酒と濃酒の事につきて汝に預言せんと言ことあらば其人はこの民の預言者とならん
مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛ مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك، ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ. 12
ヤコブよ我かならず汝をことごとく集へ 必ずイスラエルの遺餘者を聚めん 而して我之を同一に置てボヅラの羊のごとく成しめん 彼らは人數衆きによりて牧塲の中なる群のごとくにその聲をたてん
بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، يەنى قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ. 13
打破者かれらに先だちて登り彼ら遂に門を打敗り之を通りて出ゆかん 彼らの王その前にたちて進みヱホバその首に立たまふべし

< مىكاھ 2 >