ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي! پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛ | 1 |
הֹ֧וי חֹֽשְׁבֵי־אָ֛וֶן וּפֹ֥עֲלֵי רָ֖ע עַל־מִשְׁכְּבֹותָ֑ם בְּאֹ֤ור הַבֹּ֙קֶר֙ יַעֲשׂ֔וּהָ כִּ֥י יֶשׁ־לְאֵ֖ל יָדָֽם׃ |
ئۇلارنىڭ ئاچكۆز كۆزى ئېتىزلارغا چۈشسىلا، ئۇلار زوراۋانلىق قىلىپ بۇلىۋالىدۇ؛ ئۆيلەرگىمۇ قىزىقىپلا قالسا، بۇلارنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار باتۇر كىشىنىمۇ جەمەتى بىلەن بۇلايدۇ، ئادەمنى ئۆز مىراسلىرى بىلەن قوشۇپ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالىدۇ. | 2 |
וְחָמְד֤וּ שָׂדֹות֙ וְגָזָ֔לוּ וּבָתִּ֖ים וְנָשָׂ֑אוּ וְעָֽשְׁקוּ֙ גֶּ֣בֶר וּבֵיתֹ֔ו וְאִ֖ישׁ וְנַחֲלָתֹֽו׃ פ |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ ئائىلىگە قاراپ، بويۇنلىرىڭلاردىن چىقىرالمايدىغان يامان بىر [بويۇنتۇرۇرقنى] ئويلاپ تەييارلىۋاتىمەن؛ سىلەر ئەمدى گىدىيىپ ماڭمايسىلەر؛ چۈنكى شۇ كۈنلەر يامان كۈنلەر بولىدۇ. | 3 |
לָכֵ֗ן כֹּ֚ה אָמַ֣ר יְהוָ֔ה הִנְנִ֥י חֹשֵׁ֛ב עַל־הַמִּשְׁפָּחָ֥ה הַזֹּ֖את רָעָ֑ה אֲ֠שֶׁר לֹֽא־תָמִ֨ישׁוּ מִשָּׁ֜ם צַוְּארֹֽתֵיכֶ֗ם וְלֹ֤א תֵֽלְכוּ֙ רֹומָ֔ה כִּ֛י עֵ֥ת רָעָ֖ה הִֽיא׃ |
شۇ كۈنى ئۇلار سىلەر توغراڭلاردا تەمسىلنى تىلغا ئېلىپ، ئېچىنىشلىق بىر زار بىلەن زارلايدۇ: ــ «بىز پۈتۈنلەي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق!؛ ئۇ خەلقىمنىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلارغا بۆلۈۋەتتى؛ ئۇنى مەندىن شۇنچە دەھشەتلىك مەھرۇم قىلدى! ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى مۇناپىققا تەقسىم قىلىپ بەردى! | 4 |
בַּיֹּ֨ום הַה֜וּא יִשָּׂ֧א עֲלֵיכֶ֣ם מָשָׁ֗ל וְנָהָ֨ה נְהִ֤י נִֽהְיָה֙ אָמַר֙ שָׁדֹ֣וד נְשַׁדֻּ֔נוּ חֵ֥לֶק עַמִּ֖י יָמִ֑יר אֵ֚יךְ יָמִ֣ישׁ לִ֔י לְשֹׁובֵ֥ב שָׂדֵ֖ינוּ יְחַלֵּֽק׃ |
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئارىسىدىن، سىلەردە چەك تاشلاپ زېمىن ئۈستىگە تانا تارتىپ نېسىۋە بۆلگۈچىدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ. | 5 |
לָכֵן֙ לֹֽא־יִֽהְיֶ֣ה לְךָ֔ מַשְׁלִ֥יךְ חֶ֖בֶל בְּגֹורָ֑ל בִּקְהַ֖ל יְהוָֽה׃ |
ئۇلار: «بېشارەت بەرمەڭلار!» ــ دەپ بېشارەت بېرىدۇ! ئەگەر [پەيغەمبەرلەر] بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بېشارەت بەرمىسە، ئەمدى بۇ ئار-نومۇس بىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ! | 6 |
אַל־תַּטִּ֖פוּ יַטִּיפ֑וּן לֹֽא־יַטִּ֣פוּ לָאֵ֔לֶּה לֹ֥א יִסַּ֖ג כְּלִמֹּֽות׃ |
ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟ | 7 |
הֶאָמ֣וּר בֵּֽית־יַעֲקֹ֗ב הֲקָצַר֙ ר֣וּחַ יְהוָ֔ה אִם־אֵ֖לֶּה מַעֲלָלָ֑יו הֲלֹ֤וא דְבָרַ֨י יֵיטִ֔יבוּ עִ֖ם הַיָּשָׁ֥ר הֹולֵֽךְ׃ |
بىراق تۈنۈگۈنلا مېنىڭ خەلقىم ھەتتا دۈشمەندەك ئورنىدىن قوزغالدى؛ سىلەر خاتىرجەملىكتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونىنى ئىچ كىيىملىرى بىلەن سالدۇرۇۋالىسىلەركى، ئۇلارنى خۇددى ئۇرۇشتىن قايتقانلاردەك [كىيىمسىز] قالدۇرىسىلەر. | 8 |
וְאֶתְמ֗וּל עַמִּי֙ לְאֹויֵ֣ב יְקֹומֵ֔ם מִמּ֣וּל שַׂלְמָ֔ה אֶ֖דֶר תַּפְשִׁט֑וּן מֵעֹבְרִ֣ים בֶּ֔טַח שׁוּבֵ֖י מִלְחָמָֽה׃ |
خەلقىم ئارىسىدىكى ئاياللارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئۆيلىرىدىن قوغلايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ ياش بالىلىرىنى سىلەر مېنىڭ گۈزەل گۆھىرىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر. | 9 |
נְשֵׁ֤י עַמִּי֙ תְּגָ֣רְשׁ֔וּן מִבֵּ֖ית תַּֽעֲנֻגֶ֑יהָ מֵעַל֙ עֹֽלָלֶ֔יהָ תִּקְח֥וּ הֲדָרִ֖י לְעֹולָֽם׃ |
ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ نېرى كېتىڭلار؛ چۈنكى ھالاكەتنى، يەنى ئازابلىق بىر ھالاكەتنى كەلتۈرىدىغان ناپاكلىق تۈپەيلىدىن، بۇ يەر سىلەرگە تەۋە ئارامگاھ بولمايدۇ. | 10 |
ק֣וּמוּ וּלְכ֔וּ כִּ֥י לֹא־זֹ֖את הַמְּנוּחָ֑ה בַּעֲב֥וּר טָמְאָ֛ה תְּחַבֵּ֖ל וְחֶ֥בֶל נִמְרָֽץ׃ |
ئەگەر بىھۇدىلىكتە، يالغانچىلىقتا يۈرگەن بىرسى يالغان گەپ قىلىپ: ــ «مەن شاراب ۋە ھاراققا تايىنىپ سىلەرگە بېشارەت بېرىمەن» ــ دېسە، مانا، ئۇ شۇ خەلققە پەيغەمبەر بولۇپ قالىدۇ! | 11 |
לוּ־אִ֞ישׁ הֹלֵ֥ךְ ר֙וּחַ֙ וָשֶׁ֣קֶר כִּזֵּ֔ב אַטִּ֣ף לְךָ֔ לַיַּ֖יִן וְלַשֵּׁכָ֑ר וְהָיָ֥ה מַטִּ֖יף הָעָ֥ם הַזֶּֽה׃ |
مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛ مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك، ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ. | 12 |
אָסֹ֨ף אֶאֱסֹ֜ף יַעֲקֹ֣ב כֻּלָּ֗ךְ קַבֵּ֤ץ אֲקַבֵּץ֙ שְׁאֵרִ֣ית יִשְׂרָאֵ֔ל יַ֥חַד אֲשִׂימֶ֖נּוּ כְּצֹ֣אן בָּצְרָ֑ה כְּעֵ֙דֶר֙ בְּתֹ֣וךְ הַדָּֽבְרֹ֔ו תְּהִימֶ֖נָה מֵאָדָֽם׃ |
بىر «بۆسۈپ ئۆتكۈچى» ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقىپ، قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلار بۆسۈپ چىقتى، يەنى قوۋۇققا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن چىقتى؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭىدۇ. | 13 |
עָלָ֤ה הַפֹּרֵץ֙ לִפְנֵיהֶ֔ם פָּֽרְצוּ֙ וַֽיַּעֲבֹ֔רוּ שַׁ֖עַר וַיֵּ֣צְאוּ בֹ֑ו וַיַּעֲבֹ֤ר מַלְכָּם֙ לִפְנֵיהֶ֔ם וַיהוָ֖ה בְּרֹאשָֽׁם׃ פ |