< ماتتا 1 >
بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ | 1 |
アブラハムの子であるダビデの子、イエス・キリストの系図。
ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛ | 2 |
アブラハムはイサクの父であり、イサクはヤコブの父、ヤコブはユダとその兄弟たちとの父、
يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى، | 3 |
ユダはタマルによるパレスとザラとの父、パレスはエスロンの父、エスロンはアラムの父、
رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، | 4 |
アラムはアミナダブの父、アミナダブはナアソンの父、ナアソンはサルモンの父、
سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى، | 5 |
サルモンはラハブによるボアズの父、ボアズはルツによるオベデの父、オベデはエッサイの父、
يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى، | 6 |
エッサイはダビデ王の父であった。ダビデはウリヤの妻によるソロモンの父であり、
سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى، | 7 |
ソロモンはレハベアムの父、レハベアムはアビヤの父、アビヤはアサの父、
ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى، | 8 |
アサはヨサパテの父、ヨサパテはヨラムの父、ヨラムはウジヤの父、
ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، | 9 |
ウジヤはヨタムの父、ヨタムはアハズの父、アハズはヒゼキヤの父、
ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ | 10 |
ヒゼキヤはマナセの父、マナセはアモンの父、アモンはヨシヤの父、
بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. | 11 |
ヨシヤはバビロンへ移されたころ、エコニヤとその兄弟たちとの父となった。
بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، | 12 |
バビロンへ移されたのち、エコニヤはサラテルの父となった。サラテルはゾロバベルの父、
زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، | 13 |
ゾロバベルはアビウデの父、アビウデはエリヤキムの父、エリヤキムはアゾルの父、
ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، | 14 |
アゾルはサドクの父、サドクはアキムの父、アキムはエリウデの父、
ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، | 15 |
エリウデはエレアザルの父、エレアザルはマタンの父、マタンはヤコブの父、
ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى. | 16 |
ヤコブはマリヤの夫ヨセフの父であった。このマリヤからキリストといわれるイエスがお生れになった。
شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان. | 17 |
だから、アブラハムからダビデまでの代は合わせて十四代、ダビデからバビロンへ移されるまでは十四代、そして、バビロンへ移されてからキリストまでは十四代である。
ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ــ ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. | 18 |
イエス・キリストの誕生の次第はこうであった。母マリヤはヨセフと婚約していたが、まだ一緒にならない前に、聖霊によって身重になった。
لېكىن ئۇنىڭ [بولغۇسى] ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى. | 19 |
夫ヨセフは正しい人であったので、彼女のことが公けになることを好まず、ひそかに離縁しようと決心した。
ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. | 20 |
彼がこのことを思いめぐらしていたとき、主の使が夢に現れて言った、「ダビデの子ヨセフよ、心配しないでマリヤを妻として迎えるがよい。その胎内に宿っているものは聖霊によるのである。
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېدى. | 21 |
彼女は男の子を産むであろう。その名をイエスと名づけなさい。彼は、おのれの民をそのもろもろの罪から救う者となるからである」。
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ | 22 |
すべてこれらのことが起ったのは、主が預言者によって言われたことの成就するためである。すなわち、
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ». | 23 |
「見よ、おとめがみごもって男の子を産むであろう。その名はインマヌエルと呼ばれるであろう」。これは、「神われらと共にいます」という意味である。
يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. | 24 |
ヨセフは眠りからさめた後に、主の使が命じたとおりに、マリヤを妻に迎えた。
لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى. | 25 |
しかし、子が生れるまでは、彼女を知ることはなかった。そして、その子をイエスと名づけた。