شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى. | 1 |
ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. | 2 |
ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى. | 3 |
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ | 4 |
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ | 5 |
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى. | 6 |
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. | 7 |
بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. | 8 |
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر [باجگىرنى] كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. | 9 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا [ماتتانىڭ] ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. | 10 |
بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى. | 11 |
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. | 12 |
سىلەر بېرىپ [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى. | 13 |
شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. | 14 |
ئەيسا جاۋابەن: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. | 15 |
ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. | 16 |
شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، [شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. | 17 |
ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا] بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ: ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى. | 18 |
ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. | 19 |
ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. | 20 |
چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. | 21 |
ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى. | 22 |
ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، | 23 |
ئۇلارغا: ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. [شۇنى ئاڭلاپ] كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. | 24 |
كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى. | 25 |
بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى. | 26 |
ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى. | 27 |
ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. | 28 |
ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، | 29 |
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى. | 30 |
لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى. | 31 |
ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. | 32 |
ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى. | 33 |
لېكىن پەرىسىيلەر: ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى. | 34 |
ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. | 35 |
لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. | 36 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق [ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن] ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. | 37 |
شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى. | 38 |