< ماتتا 9 >

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى. 1
So getting into the boat He crossed over and came into His own city.
ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. 2
And then, they came to Him carrying a paralytic lying on a pallet. And seeing their faith Jesus said to the paralytic, “Courage, son; your sins are forgiven you!”
ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى. 3
But then, some of the scribes said within themselves, “This man blasphemes!”
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ 4
So Jesus, knowing their thoughts, said: “Why do you think evil in your hearts?
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ 5
So which is easier, to say ‘Your sins are forgiven’, or to say ‘Get up and walk’?
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى. 6
But so that you may know that the Son of the Man has authority on the earth to forgive sins”—then He says to the paralytic, “On your feet, pick up your pallet and go to your house!”
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. 7
So he got up and went off to his house.
بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. 8
And seeing it the crowds marveled and glorified God, the one giving such authority to the people.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر [باجگىرنى] كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 9
And going on from there Jesus saw a man named Matthew sitting at the tax office, and He says to him, “Follow me.” So getting up he followed Him.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا [ماتتانىڭ] ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 10
Now it happened, as He was reclining at the table in the house, that many tax collectors and sinners had also come and were reclining at the table with Jesus and His disciples!
بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى. 11
Upon seeing this the Pharisees said to His disciples, “Why does your teacher eat and drink with the tax collectors and sinners?”
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. 12
But Jesus heard it, so He said to them: “Those who are strong do not need a physician, but those who are sick.
سىلەر بېرىپ [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى. 13
But go and learn what this means, ‘I desire mercy and not sacrifice.’ For I did not come to call the righteous, but sinners to repentance.”
شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا [پەيغەمبەرنىڭ] مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 14
Then the disciples of John come to Him saying, “Why is it that we and the Pharisees fast about many things, but your disciples do not fast?”
ئەيسا جاۋابەن: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. 15
So Jesus said to them: “Can the friends of the bridegroom mourn as long as the bridegroom is with them? But the days will come when the bridegroom will be taken away from them, and then they will fast.
ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 16
“And no one puts a patch of unshrunk cloth on an old garment; for the patch pulls away from the garment and the tear becomes worse.
شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، [شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. 17
Nor do they put new wine into old wineskins; otherwise the wineskins burst and the wine spills out, and the wineskins will be ruined. But they put new wine into new wineskins, and both are preserved.”
ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا] بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ: ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى. 18
While He was saying these things to them, there he was; a certain ruler came and worshiped Him, saying, “My daughter has just died, but come and lay your hand on her and she will live.”
ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 19
So Jesus got up and followed him, with His disciples.
ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. 20
And then—a woman who had been hemorrhaging for twelve years came from behind and touched the hem of His garment.
چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 21
For she kept saying to herself, “If only I may touch His garment I will be healed.”
ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ: ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى. 22
But Jesus, turning around and seeing her, said, “Take courage, daughter; your faith has made you well.” And the woman was healed from that very hour.
ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، 23
When Jesus came into the ruler's house and saw the flutists and the crowd making a commotion,
ئۇلارغا: ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى. [شۇنى ئاڭلاپ] كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. 24
He says to them, “Go away, for the girl is not dead, but sleeping.” So they began to ridicule Him.
كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى. 25
But when the crowd had been put outside, He went in and grasped her hand, and the girl got up.
بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى. 26
And the report of this went out into all that land.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى. 27
As Jesus went on from there two blind men followed Him, crying out and saying, “Have mercy on us, Son of David!”
ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 28
And arriving in the house, the blind men approached Him; so He says to them, “Do you believe that I am able to do this?” They say to Him, “Yes, Lord.”
ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، 29
Then He touched their eyes saying, “According to your faith let it be to you.”
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا: بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى. 30
And their eyes were opened. And Jesus sternly warned them saying, “See to it that no one knows!”
لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى. 31
But going out they spread the news about Him in all that country.
ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 32
As they were going out, well, they brought to Him a mute man, demonized.
ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى. 33
And when the demon was cast out, the mute spoke. And the crowds marveled saying, “Never was it seen like this in Israel!”
لېكىن پەرىسىيلەر: ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى. 34
But the Pharisees said, “He casts out demons by the ruler of the demons.”
ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. 35
Then Jesus went around to all the cities and villages, teaching in their synagogues and preaching the Gospel of the kingdom, and healing every disease and every illness among the people.
لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. 36
Seeing the crowds He was moved with compassion for them, because they were harassed and prostrated, like sheep without a shepherd.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق [ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن] ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. 37
Then He says to His disciples: “The harvest truly is plentiful, but the workers are few.
شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى. 38
Therefore pray to the Lord of the harvest that He may send out workers into His harvest.”

< ماتتا 9 >