< ماتتا 6 >
ھېزى بولۇڭلاركى، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر. | 1 |
“Be careful not to give to the needy in front of others to be seen by them, otherwise you have no reward from your Father in heaven.
شۇڭا خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا، داۋراڭ سالما. ساختىپەزلەرلا سىناگوگلاردا ۋە كوچىلاردا ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. | 2 |
So when yoʋ give to the needy, do not sound a trumpet before yoʋ, as the hypocrites do in the synagogues and in the streets, so that they may be praised by others. Truly I say to you, they have received their reward.
لېكىن سەن، خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭدا ئوڭ قولۇڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن. | 3 |
But when yoʋ give to the needy, do not let yoʋr left hand know what yoʋr right hand is doing,
شۇنىڭ بىلەن خەير-ساخاۋىتىڭ يوشۇرۇن بولىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرگۈچى ئاتاڭ ساڭا بۇنى قايتۇرىدۇ. | 4 |
so that yoʋr giving may be in secret. Then yoʋr Father who sees in secret will himself reward yoʋ openly.
دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ساختىپەزلەردەك بولما؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سىناگوگلار ياكى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىشقا ئامراقتۇر. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. | 5 |
“When yoʋ pray, do not be like the hypocrites. For they love to pray standing in the synagogues and at the street corners so that they may be seen by others. Truly I say to you, they have received their reward.
لېكىن سەن بولساڭ، دۇئا قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغا دۇئا قىلىڭلار؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ بۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. | 6 |
But when yoʋ pray, go into yoʋr inner room, shut yoʋr door, and pray to yoʋr Father who is in secret. Then yoʋr Father who sees in secret will reward yoʋ openly.
دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، [بۇتپەرەس] يات ئەللىكلەردىكىدەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. چۈنكى ئۇلار دېگەنلىرىمىز كۆپ بولسا [خۇدا] تىلىگىنىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. | 7 |
“And when you pray, do not babble on repetitiously like the Gentiles do, for they think they will be heard because of their use of many words.
شۇڭا، سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تىلىمەستىن بۇرۇنلا بىلىدۇ. | 8 |
Do not be like them, for your Father knows what you need before you ask him.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: ــ «ئى ئاسمانلاردا تۇرغۇچى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. | 9 |
Pray then like this: Our Father in heaven, hallowed be yoʋr name.
پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، ئىرادەڭ ئەرشتە ئادا قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىمۇ ئادا قىلىنغاي. | 10 |
Yoʋr kingdom come. Yoʋr will be done, on earth as it is in heaven.
بۈگۈنكى نېنىمىزنى بۈگۈن بىزگە بەرگەيسەن. | 11 |
Give us this day our daily bread.
بىزگە قەرزدار بولغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ قەرزلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. | 12 |
And forgive us our debts, as we forgive our debtors.
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن». | 13 |
And lead us not into temptation, but deliver us from evil. For yoʋrs is the kingdom and the power and the glory forever. Amen.
چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. | 14 |
For if you forgive others their trespasses, your heavenly Father will also forgive you.
بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. | 15 |
But if you do not forgive others their trespasses, neither will your Father forgive your trespasses.
روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن چىرايلىرىنى سولغۇن قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇلار كۆزلىگەن ئىنئامىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. | 16 |
“When you fast, do not be gloomy like the hypocrites, for they disfigure their faces so that others will see that they are fasting. Truly I say to you, they have received their reward.
ئەمدى سەن، روزا تۇتقىنىڭدا، چاچلىرىڭنى مايلاپ، يۈزۈڭنى يۇيۇپ يۈر. | 17 |
But when yoʋ fast, anoint yoʋr head and wash yoʋr face,
شۇ چاغدا، روزا تۇتقىنىڭ ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەقەت يوشۇرۇن تۇرغۇچى ئاتاڭغىلا كۆرۈنىدۇ؛ ۋە يوشۇرۇن كۆرگۈچى ئاتاڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرىدۇ. | 18 |
so that no one will see that yoʋ are fasting except yoʋr Father who is in secret. Then yoʋr Father who sees in secret will reward yoʋ.
يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ. | 19 |
“Do not store up treasures on earth, where moth and rust destroy, and where thieves break in and steal.
ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلار توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، دات باسمايدۇ، ئوغرىمۇ تام تېشىپ ئوغرىلىمايدۇ. | 20 |
But store up treasures in heaven, where neither moth nor rust destroys, and where thieves do not break in and steal.
چۈنكى بايلىقىڭ قەيەردە بولسا، قەلبىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. | 21 |
For where your treasure is, there will your heart be also.
تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. | 22 |
“The lamp of the body is the eye. If then yoʋr eye is clear, yoʋr whole body will be full of light.
لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! | 23 |
But if yoʋr eye is bad, yoʋr whole body will be full of darkness. If then the light within yoʋ is darkness, how great is the darkness!
ھېچكىم [بىرلا ۋاقىتتا] ئىككى خوجايىننىڭ قۇللۇقىدا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭ ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. | 24 |
“No one can serve two masters, for either he will hate one and love the other, or he will be devoted to one and despise the other. You cannot serve God and money.
شۇڭا مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھاياتىڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ھاياتلىق ئوزۇقتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىز ئەمەسمۇ؟ | 25 |
“Therefore I tell you, do not be anxious about your life, what you will eat and what you will drink, or about your body, what you will wear. Is not life more than food and the body more than clothing?
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورمايدۇ، ئامبارلارغا يىغمايدۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ | 26 |
Look at the birds of the sky: They do not sow or reap or gather into barns, yet your heavenly Father feeds them. Are you not of more value than they?
ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ | 27 |
Which of you by being anxious can add a single moment to yoʋr span of life?
سىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاق ئېگىرمەيدۇ؛ | 28 |
And why are you anxious about clothing? Consider the lilies of the field, how they grow: They do not toil or spin,
لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەرنىڭ بىر گۈلىچىلىكمۇ يوق ئىدى. | 29 |
yet I tell you that not even Solomon in all his glory was clothed like one of these.
ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ، ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! | 30 |
Now if God so clothes the grass of the field, which is alive today and tomorrow is thrown into the oven, will he not much more clothe you, O you of little faith?
شۇڭا «نېمە يەيمىز»، «نېمە ئىچىمىز»، «نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. | 31 |
Therefore do not be anxious, saying, ‘What will we eat?’ or, ‘What will we drink?’ or, ‘What will we wear?’
چۈنكى يات ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىگە ئىنتىلىدۇ، ئەمما ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ ھەممە نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ | 32 |
For the Gentiles seek after all these things, and your heavenly Father knows that you need them all.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. | 33 |
But seek first the kingdom of God and his righteousness, and all these things will be added to you.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە تۇشلۇق بولىدۇ. | 34 |
“Therefore do not be anxious about tomorrow, for tomorrow will be anxious about its own matters. Sufficient for the day is its own trouble.