< ماتتا 5 >
مۇشۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇ بىر تاغقا چىقتى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغىنىدا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. | 1 |
Seeing the multitudes, he went up onto the mountain. When he had sat down, his disciples came to him.
ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: ــ | 2 |
He opened his mouth and taught them, saying,
مۇبارەك، روھتا نامرات بولغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. | 3 |
“Blessed are the poor in spirit, for theirs is the Kingdom of Heaven.
مۇبارەك، پىغان چەككەنلەر! چۈنكى ئۇلار تەسەللى تاپىدۇ. | 4 |
Blessed are those who mourn, for they shall be comforted.
مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر. | 5 |
Blessed are the gentle, for they shall inherit the earth.
مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ. | 6 |
Blessed are those who hunger and thirst for righteousness, for they shall be filled.
مۇبارەك، رەھىمدىللار! چۈنكى ئۇلار رەھىم كۆرىدۇ. | 7 |
Blessed are the merciful, for they shall obtain mercy.
مۇبارەك، قەلبى پاك بولغانلار! چۈنكى ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. | 8 |
Blessed are the pure in heart, for they shall see God.
مۇبارەك، تىنچلىق تەرەپدارلىرى! چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. | 9 |
Blessed are the peacemakers, for they shall be called children of God.
مۇبارەك، ھەققانىيلىق يولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەۋەدۇر. | 10 |
Blessed are those who have been persecuted for righteousness’ sake, for theirs is the Kingdom of Heaven.
مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛ | 11 |
“Blessed are you when people reproach you, persecute you, and say all kinds of evil against you falsely, for my sake.
شاد-خۇرام بولۇپ يايراڭلار! چۈنكى ئەرشلەردە كاتتا ئىنئام سىلەر ئۈچۈن ساقلانماقتا؛ چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان. | 12 |
Rejoice, and be exceedingly glad, for great is your reward in heaven. For that is how they persecuted the prophets who were before you.
سىلەر يەر يۈزىدىكى تۇزدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ، تاشلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. | 13 |
“You are the salt of the earth, but if the salt has lost its flavour, with what will it be salted? It is then good for nothing, but to be cast out and trodden under the feet of men.
سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. | 14 |
You are the light of the world. A city located on a hill can’t be hidden.
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ھەممە ئادەملەرگە يورۇقلۇق بېرىدۇ. | 15 |
Neither do you light a lamp and put it under a measuring basket, but on a stand; and it shines to all who are in the house.
شۇ تەرىقىدە، سىلەر نۇرۇڭلارنى ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىتىڭلاركى، ئۇلار ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن. | 16 |
Even so, let your light shine before men, that they may see your good works and glorify your Father who is in heaven.
مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. | 17 |
“Don’t think that I came to destroy the Torah or the Prophets. I didn’t come to destroy, but to fulfil.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. | 18 |
For most certainly, I tell you, until heaven and earth pass away, not even one smallest letter or one tiny pen stroke shall in any way pass away from the Torah, until all things are accomplished.
شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىنى بىكار قىلىپ، ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ھەركىم ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ كىچىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنى ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرش پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. | 19 |
Therefore, whoever shall break one of these least commandments and teach others to do so, shall be called least in the Kingdom of Heaven; but whoever shall do and teach them shall be called great in the Kingdom of Heaven.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەققانىيلىقىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن ئاشمىسا، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھېچقاچان كىرەلمەيسىلەر. | 20 |
For I tell you that unless your righteousness exceeds that of the scribes and Pharisees, there is no way you will enter into the Kingdom of Heaven.
بۇرۇنقىلارغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوراققا تارتىلىدۇ» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. | 21 |
“You have heard that it was said to the ancient ones, ‘You shall not murder;’ and ‘Whoever murders will be in danger of the judgement.’
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۆز قېرىندىشىغا بىكاردىن-بىكار ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەربىرىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ. ئۆز قېرىندىشىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغان ھەركىم ئالىي كېڭەشمىدە سوراققا تارتىلىدۇ؛ ئەمما قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەن ھەركىم دوزاخنىڭ ئوتىغا لايىق بولىدۇ. (Geenna ) | 22 |
But I tell you that everyone who is angry with his brother without a cause will be in danger of the judgement. Whoever says to his brother, ‘You good-for-nothing!’ will be in danger of the council. Whoever says, ‘You fool!’ will be in danger of the fire of Gehinnom. (Geenna )
شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن قۇربانگاھ ئالدىغا كېلىپ [خۇداغا] ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭدا، قېرىندىشىڭنىڭ سېنىڭدىن ئاغرىنغان يېرى بارلىقى يادىڭغا كەلسە، | 23 |
“If therefore you are offering your gift at the altar, and there remember that your brother has anything against you,
ھەدىيەڭنى قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭنى ئاتا. | 24 |
leave your gift there before the altar, and go your way. First be reconciled to your brother, and then come and offer your gift.
ئەگەر ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلماقچى بولغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولدا بولغىنىڭدا ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىپ، دوست بولغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوراقچىغا، سوراقچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ، سەن زىندانغا سولىتىۋېتىلىسەن. | 25 |
Agree with your adversary quickly while you are with him on the way; lest perhaps the prosecutor deliver you to the judge, and the judge deliver you to the officer, and you be cast into prison.
مەن ساڭا شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن چىقالمايسەن. | 26 |
Most certainly I tell you, you shall by no means get out of there until you have paid the last penny.
سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. | 27 |
“You have heard that it was said, ‘You shall not commit adultery;’
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي نىيەت بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن ئاللىقاچان زىنا قىلغان بولىدۇ. | 28 |
but I tell you that everyone who gazes at a woman to lust after her has committed adultery with her already in his heart.
ئەگەر ئەمدى ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna ) | 29 |
If your right eye causes you to stumble, pluck it out and throw it away from you. For it is more profitable for you that one of your members should perish than for your whole body to be cast into Gehinnom. (Geenna )
ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزايىڭ يوق قىلىنغىنى كۆپ ئەۋزەل. (Geenna ) | 30 |
If your right hand causes you to stumble, cut it off, and throw it away from you. For it is more profitable for you that one of your members should perish, than for your whole body to be cast into Gehinnom. (Geenna )
يەنە: ــ «كىمدىكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بەرسۇن» دەپمۇ بۇيرۇلغان. | 31 |
“It was also said, ‘Whoever shall put away his wife, let him give her a writing of divorce,’
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمدىكىم ئۆز ئايالىنىڭ بۇزۇقلۇق قىلمىشىدىن باشقا [ھەرقانداق ئىشنى باھانە قىلىپ] ئۇنى تالاق قىلسا، ئەمدى ئۇنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ؛ تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. | 32 |
but I tell you that whoever puts away his wife, except for the cause of sexual immorality, makes her an adulteress; and whoever marries her when she is put away commits adultery.
سىلەر يەنە بۇرۇنقىلارغا «قەسىمىڭدىن يانما، پەرۋەردىگارغا قىلغان قەسىمىڭگە ئەمەل قىل» دەپ بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر. | 33 |
“Again you have heard that it was said to the ancient ones, ‘You shall not make false vows, but shall perform to the Lord your vows,’
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار؛ ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش خۇدانىڭ تەختىدۇر؛ | 34 |
but I tell you, don’t swear at all: neither by heaven, for it is the throne of God;
ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى يەر يۈزى خۇدانىڭ تەختىپەرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر. | 35 |
nor by the earth, for it is the footstool of his feet; nor by Jerusalem, for it is the city of the great King.
ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. | 36 |
Neither shall you swear by your head, for you can’t make one hair white or black.
پەقەت دېگىنىڭلار «بولىدۇ»، «بولىدۇ»، ياكى «ياق، ياق، بولمايدۇ» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى رەزىل بولغۇچىدىن كېلىدۇ. | 37 |
But let your ‘Yes’ be ‘Yes’ and your ‘No’ be ‘No.’ Whatever is more than these is of the evil one.
سىلەر «كۆزگە كۆز، چىشقا چىش» دەپ بۇيرۇلغىنىنى ئاڭلىغانسىلەر. | 38 |
“You have heard that it was said, ‘An eye for an eye, and a tooth for a tooth.’
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. كىمدەكىم ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ | 39 |
But I tell you, don’t resist him who is evil; but whoever strikes you on your right cheek, turn to him the other also.
ۋە بىرسى ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭنىمۇ بەر. | 40 |
If anyone sues you to take away your coat, let him have your cloak also.
بىرسى ساڭا [يۈك-تاقىنى يۈدكۈزۈپ] مىڭ قەدەم يول يۈرۈشكە زورلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ قەدەم ماڭ. | 41 |
Whoever compels you to go one mile, go with him two.
بىرسى سەندىن تىلىسە، ئۇنىڭغا بەر. بىرسى سەندىن ئۆتنە-يېرىم قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا بوينۇڭنى تولغىما. | 42 |
Give to him who asks you, and don’t turn away him who desires to borrow from you.
سىلەر «قوشناڭنى سۆيگىن، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دەپ ئېيتىلغاننى ئاڭلىغان. | 43 |
“You have heard that it was said, ‘You shall love your neighbour and hate your enemy.’
بىراق مەن ئۆزۈم شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە دۈشمەنلىك بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، سىلەردىن نەپرەتلەنگەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. | 44 |
But I tell you, love your enemies, bless those who curse you, do good to those who hate you, and pray for those who mistreat you and persecute you,
شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. | 45 |
that you may be children of your Father who is in heaven. For he makes his sun to rise on the evil and the good, and sends rain on the just and the unjust.
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا مۇھەببەت كۆرسەتكەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ | 46 |
For if you love those who love you, what reward do you have? Don’t even the tax collectors do the same?
ئەگەر سىلەر پەقەت قېرىنداشلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ نېمە پەزىلىتى بار؟ ھەتتا يات ئەللىكلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! | 47 |
If you only greet your friends, what more do you do than others? Don’t even the tax collectors do the same?
شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مۇكەممەل بولۇڭلار. | 48 |
Therefore you shall be perfect, just as your Father in heaven is perfect.