< ماتتا 4 >

ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 1
Khona uJesu wakhokhelelwa nguMoya enkangala, ukuze alingwe ngudiyabhola.
ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 2
Esezile ukudla insuku ezingamatshumi amane lobusuku obungamatshumi amane, ekucineni walamba.
ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى. 3
Kwasekusiza kuye umlingi wathi: Uba uyiNdodana kaNkulunkulu, tshono ukuthi lamatshe abe yizinkwa.
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. 4
Kodwa yena waphendula wathi: Kulotshiwe ukuthi: Umuntu kayikuphila ngesinkwa sodwa, kodwa ngalo lonke ilizwi eliphuma emlonyeni kaNkulunkulu.
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا: 5
Udiyabhola wasemthatha wamusa emzini ongcwele, wasemmisa engqongeni yethempeli,
ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى. 6
wasesithi kuye: Uba uyiNdodana kaNkulunkulu, ziwisele phansi; ngoba kulotshiwe ukuthi: Uzalaya ingilosi zakhe ngawe, besezikuphatha ngezandla, hlezi loba nini ukhube unyawo lwakho elitsheni.
ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى. 7
UJesu wathi kuye: Kulotshiwe futhi ukuthi: Ungayilingi iNkosi uNkulunkulu wakho.
ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ: 8
Udiyabhola wabuya wamusa entabeni ende kakhulu, wamtshengisa imibuso yonke yomhlaba lokukhazimula kwayo,
يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى. 9
wathi kuye: Zonke lezizinto ngizakunika zona, uba uwela phansi ungikhonza.
ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. 10
UJesu wasesithi kuye: Suka, Sathane! Ngoba kulotshiwe ukuthi: Uzakhothamela eNkosini uNkulunkulu wakho, njalo uzakhonza yona yodwa.
بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 11
Udiyabhola wasemyekela; njalo khangela, kwafika ingilosi zasezimsebenzela.
ئەمدى [ئەيسا] يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى. 12
Kwathi uJesu esezwile ukuthi uJohane unikelwe entolongweni, wasuka waya eGalili;
ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى [گالىلىيە] دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 13
wasesuka eNazaretha, weza wahlala eKapenawume engaselwandle, emingceleni yakoZebuloni leyakoNafithali;
شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ 14
ukuze kugcwaliseke okwakhulunywa ngumprofethi uIsaya, ukuthi:
«زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا، «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە، 15
Ilizwe lakoZebuloni lelizwe lakoNafithali, endleleni yaselwandle, ngaphetsheya kweJordani, iGalili labezizwe,
قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى». 16
abantu ababehlezi emnyameni babonile ukukhanya okukhulu, lababehlezi elizweni lethunzini lokufa ukukhanya kuphumele kubo.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى. 17
Kusukela kulesosikhathi uJesu waqala ukutshumayela lokuthi: Phendukani; ngoba umbuso wamazulu ususondele.
[بىر كۈنى]، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛ 18
Kwathi uJesu ehambahamba elwandle lweGalili wabona izelamani ezimbili, uSimoni othiwa nguPetro, loAndreya umfowabo, bephosela imbule olwandle; ngoba babengabagoli benhlanzi.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار ــ مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. 19
Wasesithi kubo: Ngilandelani, njalo ngizalenza libe ngabagoli babantu.
ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 20
Bahle-ke batshiya amambule bamlandela.
ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى. 21
Eseqhubeke esuka lapho, wabona ezinye izelamani ezimbili, uJakobe okaZebediya loJohane umfowabo, besemkhunjini kanye loZebediya uyise, belungisa amambule abo; wasebabiza.
ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 22
Njalo bahle batshiya umkhumbi loyise bamlandela.
ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. 23
UJesu wasebhoda iGalili yonke, efundisa emasinagogeni abo, etshumayela ivangeli lombuso, eselapha sonke isifo lobuthakathaka bonke ebantwini.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 24
Indumela yakhe yasiphumela kuyo yonke iSiriya; basebeletha kuye bonke abagulayo, ababephethwe yizifo ngezifo lobuhlungu, lababengenwe ngamadimoni, lababelezithuthwane, lababewome umhlubulo; wasebasilisa.
گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 25
Amaxuku amakhulu asemlandela evela eGalili leDikapolisi leJerusalema leJudiya langaphetsheya kweJordani.

< ماتتا 4 >