< ماتتا 4 >
ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. | 1 |
Alors Jésus fut emmené par l’Esprit dans le désert, pour être tenté par le diable.
ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. | 2 |
Après avoir jeûné quarante jours et quarante nuits, il eut faim.
ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى. | 3 |
Le tentateur, s’étant approché, lui dit: Si tu es Fils de Dieu, ordonne que ces pierres deviennent des pains.
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. | 4 |
Jésus répondit: Il est écrit: L’homme ne vivra pas de pain seulement, mais de toute parole qui sort de la bouche de Dieu.
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا: | 5 |
Le diable le transporta dans la ville sainte, le plaça sur le haut du temple,
ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى. | 6 |
et lui dit: Si tu es Fils de Dieu, jette-toi en bas; car il est écrit: Il donnera des ordres à ses anges à ton sujet; Et ils te porteront sur les mains, De peur que ton pied ne heurte contre une pierre.
ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى. | 7 |
Jésus lui dit: Il est aussi écrit: Tu ne tenteras point le Seigneur, ton Dieu.
ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ: | 8 |
Le diable le transporta encore sur une montagne très élevée, lui montra tous les royaumes du monde et leur gloire,
يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى. | 9 |
et lui dit: Je te donnerai toutes ces choses, si tu te prosternes et m’adores.
ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى. | 10 |
Jésus lui dit: Retire-toi, Satan! Car il est écrit: Tu adoreras le Seigneur, ton Dieu, et tu le serviras lui seul.
بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. | 11 |
Alors le diable le laissa. Et voici, des anges vinrent auprès de Jésus, et le servaient.
ئەمدى [ئەيسا] يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى. | 12 |
Jésus, ayant appris que Jean avait été livré, se retira dans la Galilée.
ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى [گالىلىيە] دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. | 13 |
Il quitta Nazareth, et vint demeurer à Capernaüm, située près de la mer, dans le territoire de Zabulon et de Nephthali,
شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ | 14 |
afin que s’accomplît ce qui avait été annoncé par Ésaïe, le prophète:
«زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا، «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە، | 15 |
Le peuple de Zabulon et de Nephthali, De la contrée voisine de la mer, du pays au delà du Jourdain, Et de la Galilée des Gentils,
قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى». | 16 |
Ce peuple, assis dans les ténèbres, A vu une grande lumière; Et sur ceux qui étaient assis dans la région et l’ombre de la mort La lumière s’est levée.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى. | 17 |
Dès ce moment Jésus commença à prêcher, et à dire: Repentez-vous, car le royaume des cieux est proche.
[بىر كۈنى]، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛ | 18 |
Comme il marchait le long de la mer de Galilée, il vit deux frères, Simon, appelé Pierre, et André, son frère, qui jetaient un filet dans la mer; car ils étaient pêcheurs.
ئۇ ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار ــ مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. | 19 |
Il leur dit: Suivez-moi, et je vous ferai pêcheurs d’hommes.
ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 20 |
Aussitôt, ils laissèrent les filets, et le suivirent.
ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى. | 21 |
De là étant allé plus loin, il vit deux autres frères, Jacques, fils de Zébédée, et Jean, son frère, qui étaient dans une barque avec Zébédée, leur père, et qui réparaient leurs filets.
ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 22 |
Il les appela, et aussitôt ils laissèrent la barque et leur père, et le suivirent.
ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. | 23 |
Jésus parcourait toute la Galilée, enseignant dans les synagogues, prêchant la bonne nouvelle du royaume, et guérissant toute maladie et toute infirmité parmi le peuple.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. | 24 |
Sa renommée se répandit dans toute la Syrie, et on lui amenait tous ceux qui souffraient de maladies et de douleurs de divers genres, des démoniaques, des lunatiques, des paralytiques; et il les guérissait.
گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 25 |
Une grande foule le suivit, de la Galilée, de la Décapole, de Jérusalem, de la Judée, et d’au delà du Jourdain.