< ماتتا 26 >
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا: | 1 |
Lorsque Jésus eut achevé tous ces discours, il dit à ses disciples:
ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. | 2 |
«Vous savez que la Pâque se fait dans deux jours, et que le Fils de l'homme sera livré pour être crucifié.»
باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. | 3 |
Alors les principaux sacrificateurs et les anciens du peuple s'assemblèrent dans le palais du souverain sacrificateur appelé Caïphe;
ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. | 4 |
et ils tinrent conseil pour arrêter Jésus par ruse et le mettre à mort.
بىراق ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى. | 5 |
«Mais, disaient-ils, il ne faut pas que ce soit pendant la fête, de peur qu'il n'y ait du tumulte parmi le peuple.»
ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا، | 6 |
Comme Jésus était à Béthanie, dans la maison de Simon le lépreux,
بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. | 7 |
une femme s'approcha de lui, avec un flacon d'albâtre contenant un parfum de grand prix, et elle le lui versa sur la tête, pendant qu'il était à table.
لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟ | 8 |
Les disciples, voyant cela, en témoignèrent leur mécontentement,
چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى. | 9 |
et dirent: «A quoi bon cette perte? On aurait pu vendre ce parfum très cher, et en donner le prix aux pauvres.»
لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى. | 10 |
Jésus, s'en étant aperçu, leur dit: «Pourquoi faites-vous de la peine à cette femme? car elle a fait une bonne action à mon égard.
چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! | 11 |
Vous aurez toujours des pauvres avec vous, mais vous ne m'aurez pas toujours.
بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى. | 12 |
En répandant ce parfum sur mon corps, elle l'a fait pour ma sépulture.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. | 13 |
En vérité, je vous dis que partout où cet évangile sera prêché, dans le monde entier, ce qu'elle a fait sera aussi raconté en mémoire d'elle.»
بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: | 14 |
Alors l'un des Douze, qui s'appelait Judas Iscarïot, alla trouver les principaux sacrificateurs, et leur dit:
ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى. | 15 |
«Que voulez-vous me donner, et je vous le livrerai?» Ils lui comptèrent trente pièces d'argent.
يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. | 16 |
Depuis ce moment, Judas cherchait une occasion favorable pour livrer Jésus.
پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 17 |
Le premier jour des pains sans levain, les disciples dirent à Jésus: «où veux-tu que nous te préparions le repas de la Pâque?»
ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. | 18 |
Il leur dit: «Allez à la ville chez un tel, et dites-lui: «Le Maître te fait dire, mon temps est pioche: c'est chez toi que je veux faire la Pâque avec mes disciples.
مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى. | 19 |
Les disciples firent ce que Jésus leur avait commandé, et ils préparèrent la Pâque.
كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. | 20 |
Le soir étant venu, Jésus se mit à table avec ses douze disciples,
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. | 21 |
et pendant le repas, il dit: «En vérité, je vous dis que l'un de vous me livrera.»
[بۇنى ئاڭلاپ] ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. | 22 |
Ils en furent extrêmement affligés, et chacun se mit à lui dire: «Est-ce moi, Seigneur?»
ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ. | 23 |
Il répondit: «Celui qui a mangé au même plat que moi, oui, cet homme-là me livrera!
ئىنسانئوغلى دەرۋەقە [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك [ئۆلۈمگە] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى. | 24 |
Le Fils de l'homme s'en va selon ce qui est écrit de lui; mais malheur à l'homme par qui le Fils de l'homme est livré! Mieux vaudrait pour cet homme-là n'être point né.»
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى. | 25 |
Judas, qui le livrait, prit la parole et dit: «Rabbi, est-ce moi?» — «C'est toi-même, » lui repartit Jésus.
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. | 26 |
Pendant le repas, Jésus prit le pain, et, après avoir prononcé la bénédiction, il le rompit, et le donna à ses disciples en disant: «Prenez, mangez, ceci est mon corps.»
ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. | 27 |
Puis, il prit une coupe, et, ayant rendu grâces, il la leur donna en disant: «Buvez-en tous;
بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. | 28 |
car ceci est mon sang, le sang de l'alliance, qui sera répandu pour beaucoup de gens, en vue du pardon des péchés.
لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. | 29 |
Je vous dis que désormais je ne boirai plus de ce fruit de la vigne, jusqu'au jour où j'en boirai du nouveau avec vous dans le royaume de mon Père.»
ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. | 30 |
Puis ils chantèrent les cantiques, et s'en allèrent à la montagne des Oliviers.
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. | 31 |
Alors Jésus leur dit: «Je serai pour vous tous, cette nuit, une occasion de chute; car il est écrit: - Je frapperai le berger, et les brebis du troupeau seront dispersées.»
لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. | 32 |
Mais, après que je serai ressuscité, je vous précéderai en Galilée.
پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. | 33 |
Pierre prit la parole, et lui dit: «Quand tu serais pour tous une occasion de chute, tu ne le seras jamais pour moi.»
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. | 34 |
Jésus lui répondit: «En vérité, je te dis que, cette nuit même, avant que le coq chante, tu me renieras trois fois.»
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. | 35 |
Pierre lui dit: «Quand je devrais mourir avec toi, non, je ne te renierai point.» Et tous les disciples protestèrent de même.
ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. | 36 |
Jésus arriva avec eux dans un lieu appelé Gethsémané, et leur dit: «Asseyez-vous ici, pendant que j'irai là pour prier.»
ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. | 37 |
Il prit avec lui Pierre et les deux fils de Zébédée, et commença à être fort triste et fort angoissé.
ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى، | 38 |
Il leur dit alors: «Mon âme est saisie d'une tristesse mortelle; restez ici et veillez avec moi.»
سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. | 39 |
Puis, ayant fait quelques pas en avant, il tomba la face contre terre, et pria, disant: «Mon Père, s'il est possible, que ce calice passe loin de moi; toutefois que ta volonté soit faite, et non pas la mienne.»
ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! | 40 |
Ensuite il vint vers ses disciples, et les trouvant endormis, il dit à Pierre: «Ainsi, vous n'avez pu veiller une heure avec moi!
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. | 41 |
Veillez et priez, de peur que vous ne tombiez en tentation: l'esprit est plein d'ardeur, mais la chair est faible.»
ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى. | 42 |
Il s'éloigna de nouveau, pour la seconde fois, et pria, disant: «Mon Père, si ce calice ne peut passer sans que je le boive, que ta volonté soit faite.»
ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. | 43 |
Puis il revint et les trouva endormis; car leurs yeux étaient appesantis.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى. | 44 |
Il les laissa, et, s'en étant allé, il pria de nouveau, pour la troisième fois, en répétant la même parole.
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. | 45 |
Alors il vint vers ses disciples, et leur dit: «C'est trop dormir et vous reposer. L'heure approche; le Fils de l'homme va être livré entre les mains des pécheurs.
قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. | 46 |
Levez-vous, allons! voici celui qui me livre est proche.»
ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. | 47 |
Il parlait encore, quand Judas, l'un des Douze, arriva, et avec lui une troupe nombreuse, année d'épées et de bâtons, qui avait été envoyée par les principaux sacrificateurs et par les anciens du peuple.
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. | 48 |
Le traître leur donna ce signe «Celui que je baiserai, leur dit-il, c'est lui; saisissez-le.»
ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. | 49 |
Et aussitôt, s'approchant de Jésus, il lui dit: «Salut, Rabbi, » et il le baisa.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. | 50 |
Jésus lui dit: «Mon ami, pourquoi es-tu ici?» Alors ces gens s'avancèrent, mirent la main sur Jésus et l'arrêtèrent.
ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. | 51 |
Tout à coup un de ceux qui étaient avec Jésus, mettant l'épée à la main, frappa le serviteur du souverain sacrificateur et lui emporta l'oreille.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. | 52 |
Jésus lui dit alors: «Remets ton épée à sa place: tous ceux qui se serviront de l'épée, périront par l'épée.
ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ | 53 |
Crois-tu que je ne puisse pas sur l'heure prier mon Père, qui me donnerait plus de douze légions d'anges?
بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى. | 54 |
Comment donc s'accompliraient les Ecritures, d'après lesquelles il en doit être ainsi.»
شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. | 55 |
En même temps Jésus dit à cette troupe: «Vous êtes venus me prendre avec des épées et des bâtons, comme si vous poursuiviez un brigand. Tous les jours j'étais assis dans le temple, y enseignant, et vous ne m'avez pas arrêté;
لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. | 56 |
mais tout cela est arrivé, afin que les écrits des prophètes s'accomplissent.» Alors tous ses disciples l'abandonnèrent et s'enfuirent.
ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. | 57 |
Ceux qui avaient arrêté Jésus, l'emmenèrent chez le souverain sacrificateur Caïphe, où les scribes et les anciens s'étaient réunis.
پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ [ھويلىسىغىچە] يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى. | 58 |
Pierre le suivit de loin, jusqu'au palais du souverain sacrificateur; il y entra, et s'assit avec les agents, pour voir comment cela finirait.
باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى. | 59 |
Les principaux sacrificateurs et tout le sanhédrin cherchaient quelque fausse déposition contre Jésus, afin de le mettre à mort,
نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ: | 60 |
et, quoique plusieurs faux témoins se fussent présentés, ils n'en trouvèrent point qui fût suffisante. Enfin, il vint deux faux témoins qui dirent:
ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى. | 61 |
Il a dit: «Je puis détruire le temple de Dieu, et le rebâtir en trois jours.»
باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. | 62 |
Alors le souverain sacrificateur se leva, et dit à Jésus: «Ne réponds-tu rien? Qu'est-ce que ces gens déposent contre toi?» Mais Jésus garda le silence.
لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ [مەڭگۈ] ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى. | 63 |
Le souverain sacrificateur reprit: «Je t'adjure par le Dieu vivant de nous dire si tu es le Messie, le Fils de Dieu?»
ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. | 64 |
Jésus lui répondit: Tu l’as dit: et même je vous déclare que désormais vous verrez le Fils de l'homme siéger à la droite du Tout-Puissant, et venir sur les nuées du ciel.»
شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! | 65 |
Alors le souverain sacrificateur déchira ses vêtements, disant: «Il a blasphémé: qu’avons-nous encore besoin de témoins? Vous venez d'entendre son blasphème:
بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. | 66 |
que vous en semble?» Les sénateurs répondirent: Il mérite la mort.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: | 67 |
Alors ils lui crachèrent au visage et lui donnèrent des coups de poing; quelques-uns le souffletèrent,
ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى. | 68 |
disant: «Messie, devine qui t'a frappé.»
ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. | 69 |
Cependant Pierre était assis dehors, dans la cour, et une servante l'aborda, et lui dit: «Toi aussi, tu étais avec Jésus, le galiléen.»
لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى. | 70 |
Mais il le nia devant tout le monde, disant: «Je ne sais ce que tu veux dire.»
ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى. | 71 |
Comme il se dirigeait vers le porche, pour s'en aller, une autre servante le vit, et dit aux gens qui étaient là: «Celui-là aussi était avec Jésus de Nazareth.»
ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى. | 72 |
Et Pierre le nia encore une fois, jurant qu'il ne connaissait pas cet homme.
بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى. | 73 |
Un instant après, ceux qui étaient là, s'étant approchés, dirent à Pierre: «Certainement, toi aussi, tu es des leurs; on le reconnaît bien à ton langage.»
[پېترۇس] قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى. | 74 |
Alors il se mit à faire des imprécations et à jurer qu'il ne connaissait point cet homme. Aussitôt un coq chanta;
پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى. | 75 |
et Pierre se souvint de la parole que Jésus lui avait dite: «Avant que le coq chante, tu me renieras trois fois.» Et étant sorti du palais, il pleura amèrement.