< ماتتا 26 >

ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرىغا: 1
Now it happened, when Jesus had finished all these words, that He said to His disciples,
ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. 2
“You know that after two days the Passover takes place, and the Son of the Man will be handed over to be crucified.”
باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. 3
Then the chief priests, the scribes and the elders of the people assembled at the palace of the high priest, the one called Caiaphas,
ئۇلار ئەيسانى قانداق قىلىپ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. 4
and they plotted to seize Jesus by trickery and kill Him.
بىراق ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشتى. 5
But they said, “Not during the feast, in order not to have an uproar among the people.”
ئەمدى ئەيسا بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە بولغىنىدا، 6
Now when Jesus was in Bethany at the house of Simon the leper,
بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ ئاق قاشتېشى شېشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. 7
a woman approached Him, having an alabaster flask of very expensive perfume, and she began to pour it on His head as He reclined at the table.
لېكىن مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: ــ زادى نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىنىدۇ؟ 8
But upon seeing it His disciples were indignant saying: “Why this waste?
چۈنكى بۇ ئەتىرنى كۆپ پۇلغا سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولاتتىغۇ! ــ دېيىشتى. 9
For this perfume could have been sold for a good deal and given to the poor.”
لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى نېمە دەپ ئاغرىتىسىلەر؟ چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئىشنى قىلدى. 10
But being aware Jesus said to them: “Why are you bothering the woman? She has done something beautiful to me.
چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! 11
You will always have the poor with you, but you will not always have me.
بۇ ئايالنىڭ بۇ ئەتىرنى بەدىنىمگە قۇيۇشى مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييار بولۇشۇم ئۈچۈن بولدى. 12
In putting this perfume on my body she did it with a view to my burial.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. 13
Assuredly I say to you, wherever this gospel may be proclaimed in the whole world, what this woman did will also be told in her memory.”
بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: 14
Then one of the twelve, the one called Judas Iscariot, went to the chief priests
ــ ئۇنى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە قويدى. 15
and said, “What are you willing to give me so that I deliver Him to you?” So they counted out to him thirty silver coins.
يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. 16
From then on he kept looking for an opportunity to betray Him.
پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 17
Now on the first day of Unleavened Bread the disciples came to Jesus saying to Him, “Where do you want us to prepare for You to eat the Passover?”
ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. 18
So He said: “Go into the city to ‘you know who’ and say to him, ‘The Teacher says, “My time is near, I will do the Passover with my disciples at your place.”’”
مۇخلىسلار ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلىدى. 19
And the disciples did as Jesus directed them and prepared the Passover.
كەچقۇرۇن، ئۇ ئون ئىككىيلەن بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. 20
When it was evening He was reclining at the table with the twelve.
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. 21
And as they were eating He said, “Assuredly I say to you that one of you will betray me.”
[بۇنى ئاڭلاپ] ئۇلار ئىنتايىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ يا رەب، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. 22
This really upset them and they each began to say to Him, “It isn't me, is it, Lord?”
ئۇ جاۋابەن: ــ قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگەن كىشى، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى شۇ بولىدۇ. 23
In answer He said: “It is the one who dipped his hand in the bowl with me, he will betray me.
ئىنسانئوغلى دەرۋەقە [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئۆزى توغرىسىدا پۈتۈلگىنىدەك [ئۆلۈمگە] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېدى. 24
The Son of the Man is really going just as it is written about Him, but woe to that man by whom the Son of the Man is betrayed! It would have been better for that man not to have been born.”
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا: ــ ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ، ــ دېدى. 25
Then Judas, who was betraying Him, answered and said, “It isn't me, is it, Rabbi?” He says to him, “You said it!”
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. 26
Now as they were eating, after taking the bread and blessing it, Jesus broke it, gave it to the disciples and said, “Take, eat; this is my body.”
ئاندىن، قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا تۇتۇپ: ــ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. 27
And taking the cup and giving thanks He gave it to them saying: “Drink of it, all of you;
بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 28
for this is my blood, that of the new covenant, that which is being shed on behalf of many for forgiveness of sins.
لېكىن مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن شارابتىن ئىچمىگۈچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. 29
Furthermore, I tell you that I will not drink of this fruit of the vine from now on until that day when I drink it new with you in my Father's kingdom.”
ئۇلار مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. 30
And after hymn-singing they went out to the Mount of Olives.
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. 31
Then Jesus says to them: “All of you will be caused to stumble because of me this night, for it is written: ‘I will strike the Shepherd and the sheep of the flock will be scattered.’
لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. 32
But after I am raised I will go before you to Galilee.”
پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. 33
Peter answered and said to Him, “Even if everyone else is caused to stumble because of you, I will never be caused to stumble.”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. 34
Jesus said to him, “Assuredly I say to you that this night, before any rooster crows, you will deny me three times.”
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈشۈم كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. 35
Peter says to Him, “Even if I have to die with you, I will not deny you!” And all the other disciples said the same.
ئاندىن ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن يەرگە كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېدى. 36
Then Jesus comes with them to a place called Gethsemane, and He says to the disciples, “Sit here while I go over there and pray.”
ئۇ پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. 37
And taking Peter and the two sons of Zebedee along He began to be troubled and distressed.
ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېۋىدى، 38
Then Jesus says to them: “My soul is in anguish, to the point of death. Stay here and watch with me.”
سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. 39
And going a little farther He fell on His face and prayed saying, “My Father, if it is possible, let this cup pass me by; nevertheless not as I wish, but as you do.”
ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! 40
Then He comes to the disciples and finds them sleeping, and He says to Peter: “So, you (pl.) were not able to watch with me one hour!
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. 41
Watch and pray, so that you do not enter into temptation. The spirit on its part is willing, but the flesh is weak.”
ئۇ ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، ئەگەر مەن بۇ قەدەھنى ئىچمىسەم ئۇ مەندىن كەتمىسە، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن، ــ دېدى. 42
And going away a second time He prayed saying, “My Father, if this cup cannot pass from me unless I drink it, let your will be done.”
ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا [قايتىپ] كەلگىنىدە، يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. 43
And coming He finds them sleeping again, because their eyes had been weighed down.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى. 44
So leaving them He went away and prayed a third time, saying the same thing.
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ مانا، ۋاقىت-سائىتى يېقىنلاشتى؛ ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. 45
Then He comes to His disciples and says to them: “Sleep some more and take your rest! Actually, the hour is here and the Son of the Man is being betrayed into sinners' hands.
قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. 46
Get up, let's go; see, the one who is betraying me has come!”
ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 47
And while He was still speaking, there was Judas, one of the twelve, and with him a large crowd with swords and clubs, sent from the chief priests and elders of the people.
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. 48
(Now His betrayer had given them a sign saying, “Whomever I kiss, it is He; take Him!”)
ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. 49
And he went right up to Jesus and said, “Greetings, Rabbi!” and kissed Him.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئاغىنەم، نېمە دەپ كەلدىڭ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 50
So Jesus said to him, “Friend, what brings you here?” Then approaching they laid hands on Jesus and took Him.
ۋە مانا، ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 51
And then, one of those with Jesus stretched out his hand and drew his sword, and striking the servant of the high priest he cut off his ear!
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. 52
But Jesus says to him: “Put your sword back into its place, for all who take the sword will die by the sword.
ياكى مېنى ئاتىسىغا نىدا قىلالمايدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! شۇنداق قىلساملا ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق پەرىشتە ماڭدۇرمامدۇ؟ 53
Do you actually suppose that I cannot call upon my Father right now and He will place beside me more than twelve legions of angels?
بىراق مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ دېگەن بېشارەتلەر قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن؟ ــ دېدى. 54
But how then would the Scriptures be fulfilled that it has to happen this way?”
شۇ پەيتتە ئەيسا توپلاشقان ئادەملەرگە قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. 55
At that time Jesus said to the crowd: “Have you come out with swords and clubs, as against a bandit, to arrest me? I used to sit daily with you in the temple, teaching, and you did not seize me.
لېكىن بۇ پۈتۈن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلىرىدا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. بۇ چاغدا، مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. 56
But all this has happened so that the Scriptures of the prophets should be fulfilled.” Then all the disciples forsook Him and ran away.
ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. 57
So those who had seized Jesus led Him away to Caiaphas the high priest, where the scribes and the elders were assembled.
پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارىيىنىڭ [ھويلىسىغىچە] يىراقتىن ئەگىشىپ كېلىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى. 58
Now Peter was following Him at a distance, up to the high priest's courtyard. And going inside he sat down with the attendants, to see the end.
باش كاھىنلار، ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدەيتتى. 59
The chief priests and the elders, in fact the whole Council, kept looking for false witnesses against Jesus so that they could put Him to death,
نۇرغۇن يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلار بۇلاردىن ھېچقانداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى يالغان گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ: 60
but did not find any. Even though many false witnesses came forward, they did not find any. But at last two false witnesses came forward
ــ بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقالايمەن» دېگەن، دېدى. 61
and said, “This fellow said, ‘I am able to destroy the temple of God and to rebuild it in three days.’”
باش كاھىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دېدى. 62
And standing up the high priest said to Him: “Do you answer nothing? What is it that these men are testifying against you?”
لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ [مەڭگۈ] ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى. 63
But Jesus kept silent. So reacting the high priest said to Him, “I put you under oath by the Living God so that you tell us if you are the Messiah, the Son of God!”
ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. 64
Jesus says to him: “You said it. Furthermore, I tell you, hereafter you will see the Son of the Man sitting at the Power's right, and coming on the clouds of heaven.”
شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! 65
Then the high priest tore his clothes saying: “He has blasphemed! Why do we still need witnesses? See, now you have heard His blasphemy!
بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا لايىقتۇر! ــ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. 66
What do you think?” So in answer they said, “He deserves death!”
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: 67
Then they spat in His face and punched Him, while others slapped Him
ــ ئەي مەسىھ، پەيغەمبەرچىلىك قىلمامسەن، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ ــ دېيىشتى. 68
saying, “Messiah, prophesy to us! Who is the one who hit you?”
ئەمدى پېترۇس ساراينىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ سەن گالىلىيەلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. 69
Now Peter sat outside in the courtyard. And a certain servant girl approached him saying, “You too were with Jesus the Galilean.”
لېكىن ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئىنكار قىلىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! ــ دېدى. 70
But he denied before them all saying, “I don't know what you are saying.”
ئاندىن ئۇ دالانغا چىققاندا، ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئادەممۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىرگە ئىدى، ــ دېدى. 71
And having gone out to the gateway, another girl saw him and says to those who were there, “This fellow also was with Jesus the Natsorean.”
ئۇ يەنە ئىنكار قىلىپ: ــ مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دەپ قەسەم ئىچتى. 72
And he denied again, with an oath, “I do not know the man!”
بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چۈنكى تەلەپپۇزۇڭ سېنى پاش قىلىدۇ، ــ دېيىشتى. 73
But a little later the bystanders came up and said to Peter, “Really, you too are one of them, because your very accent gives you away!”
[پېترۇس] قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ ئۇ ئادەمنى زادى تونۇمايمەن! ــ دېيىشىگىلا خوراز چىللىدى. 74
Then he began to curse and to swear, “I do not know the man!” And immediately a rooster crowed.
پېترۇس ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ، قاتتىق يىغا-زار كۆتۈردى. 75
And Peter remembered the word that Jesus had said to him, “Before any rooster crows, you will deny me three times.” And going out he cried bitterly.

< ماتتا 26 >