< ماتتا 25 >
ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. | 1 |
“उस वक़्त आसमान की बादशाही उन दस कुँवारियों की तरह होगी जो अपनी मशा'लें लेकर दुल्हा के इस्तक़बाल को निकलीं।
بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. | 2 |
उन में पाँच बेवक़ूफ़ और पाँच अक़्लमन्द थीं।
پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. | 3 |
जो बेवक़ूफ़ थीं उन्होंने अपनी मशा'लें तो ले लीं मगर तेल अपने साथ न लिया।
پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. | 4 |
मगर अक़्लमन्दों ने अपनी मशा'लों के साथ अपनी कुप्पियों में तेल भी ले लिया।
يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. | 5 |
और जब दुल्हा ने देर लगाई तो सब ऊँघने लगीं और सो गई।”
يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. | 6 |
“आधी रात को धूम मची, देखो! दुल्हा आ गया, उसके इस्तक़बाल को निकलो!
بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. | 7 |
उस वक़्त वो सब कुँवारियाँ उठकर अपनी — अपनी मशा'लों को दुरुस्त करने लगीं।
پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. | 8 |
और बेवक़ूफ़ों ने अक़्लमन्दों से कहा, ‘अपने तेल में से कुछ हम को भी दे दो, क्यूँकि हमारी मशा'लें बुझी जाती हैं।’
بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار [ماي] ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. | 9 |
'अक़्लमन्दों ने जवाब दिया, शायद हमारे तुम्हारे दोनों के लिए काफ़ी न हो बेहतर; ये है कि बेचने वालों के पास जाकर, अपने लिए मोल ले लो।
لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. | 10 |
जब वो मोल लेने जा रही थी, तो दुल्हा आ पहुँचा और जो तैयार थीं, वो उस के साथ शादी के जश्न में अन्दर चली गईं, और दरवाज़ा बन्द हो गया।
كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. | 11 |
फिर वो बाक़ी कुँवारियाँ भी आईं और कहने लगीं ‘ऐ ख़ुदावन्द ऐ ख़ुदावन्द। हमारे लिए दरवाज़ा खोल दे।’
بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. | 12 |
उसने जवाब में कहा ‘मैं तुम से सच कहता हूँ कि मैं तुम को नहीं जानता।’
شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر. | 13 |
पस जागते रहो, क्यूँकि तुम न उस दिन को जानते हो न उस वक़्त को।”
[ئەرش پادىشاھلىقى] خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئۆز چاكارلىرىنى چاقىرىپ دۇنياسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. | 14 |
“क्यूँकि ये उस आदमी जैसा हाल है, जिसने परदेस जाते वक़्त अपने घर के नौकरों को बुला कर अपना माल उनके सुपुर्द किया।
ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، ياقا يۇرتقا يول ئاپتۇ. | 15 |
एक को पाँच चाँदी के सिक्के दिए, दूसरे को दो, और तीसरे को एक या'नी हर एक को उसकी काबलियत के मुताबिक़ दिया और परदेस चला गया।
بەش تالانت تەڭگە ئالغان چاكار بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا تېپىپتۇ. | 16 |
जिसको पाँच सिक्के मिले थे, उसने फ़ौरन जाकर उनसे लेन देन किया, और पाँच तोड़े और पैदा कर लिए।
شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ. | 17 |
इसी तरह जिसे दो मिले थे, उसने भी दो और कमाए।
لېكىن بىر تالانت تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. | 18 |
मगर जिसको एक मिला था, उसने जाकर ज़मीन खोदी और अपने मालिक का रुपऐ छिपा दिया।”
ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ غوجىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ. | 19 |
“बड़ी मुद्दत के बाद उन नौकरों का मालिक आया और उनसे हिसाब लेने लगा।
بەش تالانت تەڭگە ئالغىنى يەنە بەش تالانت تەڭگىنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا بەش تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. | 20 |
जिसको पाँच तोड़े मिले थे, वो पाँच सिक्के और लेकर आया, और कहा, ‘ऐ ख़ुदावन्द! तूने पाँच सिक्के मुझे सुपुर्द किए थे; देख, मैंने पाँच सिक्के और कमाए।’
خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. | 21 |
उसके मालिक ने उससे कहा, ‘ऐ अच्छे और ईमानदार नौकर शाबाश; तू थोड़े में ईमानदार रहा मैं तुझे बहुत चीज़ों का मुख़्तार बनाऊँगा; अपने मालिक की ख़ुशी में शरीक हो।’”
ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا ئىككى تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. | 22 |
“और जिस को दो सिक्के मिले थे, उस ने भी पास आकर कहा, ‘तूने दो सिक्के मुझे सुपुर्द किए थे, देख मैंने दो सिक्के और कमाए।’
خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. | 23 |
उसके मालिक ने उससे कहा, ‘ऐ अच्छे और दियानतदार नौकर शाबाश; तू थोड़े में ईमानदार रहा मैं तुझे बहुत चीज़ों का मुख़्तार बनाऊँगा; अपने मालिक की ख़ुशी में शरीक हो।’”
ئاندىن، بىر تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلىنىڭ چىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزلىرى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇلنى ئورۇۋالالايلا، ھەمدە ئۇرۇق چاچمىغان يەردىنمۇ خامان ئالىلا. | 24 |
“और जिसको एक तोड़ा मिला था, वो भी पास आकर कहने लगा, ऐ ख़ुदावन्द! मैं तुझे जानता था, कि तू सख़्त आदमी है, और जहाँ नहीं बोया वहाँ से काटता है, और जहाँ नहीं बिखेरा वहाँ से जमा करता है।
شۇڭا قورقۇپ، سىلىنىڭ بەرگەن بىر تالانت تەڭگىلىرىنى يەرگە كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويغانىدىم. مانا پۇللىرىنى ئالسىلا» دەپتۇ. | 25 |
पस मैं डरा और जाकर तेरा तोड़ा ज़मीन में छिपा दिया देख, ‘जो तेरा है वो मौजूद है।’
غوجىسى ئۇنىڭغا: «ئەي، رەزىل، ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ بىلىپ، | 26 |
उसके मालिक ने जवाब में उससे कहा, 'ऐ शरीर और सुस्त नौकर तू जानता था कि जहाँ मैंने नहीं बोया वहाँ से काटता हूँ, और जहाँ मैंने नहीं बिखेरा वहाँ से जमा करता हूँ;
ھېچ بولمىغاندا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ! شۇنداق قىلغان بولساڭ مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالغان بولمامتىم؟! | 27 |
पस तुझे लाज़िम था, कि मेरा रुपऐ साहूकारों को देता, तो मैं आकर अपना माल सूद समेत ले लेता।
شۇڭا، ئۇنىڭ قولىدىكى تالانت تەڭگىنى ئېلىپ، ئون تالانت تەڭگە بار بولغانغا بېرىڭلار! | 28 |
पस इससे वो सिक्का ले लो और जिस के पास दस सिक्के हैं‘उसे दे दो।
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. | 29 |
क्यूँकि जिस के पास है उसे दिया जाएगा और उस के पास ज़्यादा हो जाएगा, मगर जिस के पास नहीं है उससे वो भी जो उसके पास है, ले लिया जाएगा।
بۇ يارامسىز چاكارنى تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. | 30 |
और इस निकम्मे नौकर को बाहर अंधेरे में डाल दो, और वहाँ रोना और दाँत पीसना होगा।’”
ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. | 31 |
“जब इबने आदम अपने जलाल में आएगा, और सब फ़रिश्ते उसके साथ आएँगे; तब वो अपने जलाल के तख़्त पर बैठेगा।
بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ | 32 |
और सब क़ौमें उस के सामने जमा की जाएँगी। और वो एक को दूसरे से जुदा करेगा।
ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. | 33 |
और भेड़ों को अपने दाहिने और बकरियों को बाएँ जमा करेगा।
ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! | 34 |
उस वक़्त बादशाह अपनी तरफ़ वालों से कहेगा ‘आओ, मेरे बाप के मुबारिक़ लोगो, जो बादशाही दुनिया बनाने से पहले से तुम्हारे लिए तैयार की गई है उसे मीरास में ले लो।
چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، | 35 |
क्यूँकि मैं भूखा था, तुमने मुझे खाना खिलाया; मैं प्यासा था, तुमने मुझे पानी पिलाया; मैं परदेसी था तूने मुझे अपने घर में उतारा।
يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ دەيدۇ. | 36 |
नंगा था तुमने मुझे कपड़ा पहनाया, बीमार था तुमने मेरी ख़बर ली, मैं क़ैद में था, तुम मेरे पास आए।’”
ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ | 37 |
“तब रास्तबाज़ जवाब में उससे कहेंगे, ऐ ख़ुदावन्द, हम ने कब तुझे भूखा देख कर खाना खिलाया, या प्यासा देख कर पानी पिलाया?
سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ | 38 |
हम ने कब तुझे मुसाफ़िर देख कर अपने घर में उतारा? या नंगा देख कर कपड़ा पहनाया।
سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. | 39 |
हम कब तुझे बीमार या क़ैद में देख कर तेरे पास आए।
ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. | 40 |
बादशाह जवाब में उन से कहेगा, ‘मैं तुम से सच कहता हूँ कि तुम ने मेरे सब से छोटे भाइयों में से किसी के साथ ये सुलूक किया, तो मेरे ही साथ किया।’
ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! (aiōnios ) | 41 |
फिर वो बाएँ तरफ़ वालों से कहेगा, ‘मला'ऊनो मेरे सामने से उस हमेशा की आग में चले जाओ, जो इब्लीस और उसके फ़रिश्तों के लिए तैयार की गई है। (aiōnios )
چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ | 42 |
क्यूँकि, मैं भूखा था, तुमने मुझे खाना न खिलाया, प्यासा था, तुमने मुझे पानी न पिलाया।
مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. | 43 |
मुसाफ़िर था, तुम ने मुझे घर में न उतारा नंगा था, तुम ने मुझे कपड़ा न पहनाया, बीमार और क़ैद में था, तुम ने मेरी ख़बर न ली।’”
ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. | 44 |
“तब वो भी जवाब में कहेंगे, ऐ ख़ुदावन्द हम ने कब तुझे भूखा, या प्यासा, या मुसाफ़िर, या नंगा, या बीमार या क़ैद में देखकर तेरी ख़िदमत न की?
ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. | 45 |
उस वक़्त वो उनसे जवाब में कहेगा, ‘मैं तुम से सच कहता हूँ कि जब तुम ने इन सब से छोटों में से किसी के साथ ये सुलूक न किया, तो मेरे साथ न किया।’
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ. (aiōnios ) | 46 |
और ये हमेशा की सज़ा पाएँगे, मगर रास्तबाज़ हमेशा की ज़िन्दगी।” (aiōnios )