< ماتتا 25 >

ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. 1
Tedaj bo nebeško kraljestvo podobno desetim devicam, ktere so vzele svetilnice svoje in so šle ženinu naproti.
بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. 2
Pet od njih je bilo modrih, in pet trapastih.
پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. 3
Tiste, ktere so bile trapaste, vzele so svetilnice svoje, in olja niso vzele s seboj.
پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. 4
Modre so pa vzele olje v posodah svojih s svetilnicami svojimi vred.
يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. 5
Ko se je pa ženin mudil, podremale so vse in pospale.
يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. 6
O polnoči pa nastane hrup: Glej, ženin gre; izidite mu naproti.
بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. 7
Tedaj vstanejo vse te device, in olepšajo svetilnice svoje.
پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. 8
Trapaste pa rekó modrim: Dajte nam od olja svojega, ker naše svetilnice gasnejo.
بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار [ماي] ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. 9
Modre jim pa odgovoré in rekó: Da zmanjka nam in vam: Pa pojdite rajše k prodajavcem in si kupite.
لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. 10
Ko so pa odšle kupovat, pride ženin; in tiste, ktere so bile pripravljene, vnidejo ž njim na svatovščino: in vrata se zapró.
كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. 11
Poslej pa pridejo tudi druge device, govoreč: Gospod, gospod, odpri nam:
بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 12
On pa odgovorí in reče: Resnično vam pravim, ne poznam vas.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر. 13
Čujte torej, ker ne véste ne dneva ne ure, obklej pride sin človečji.
[ئەرش پادىشاھلىقى] خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئۆز چاكارلىرىنى چاقىرىپ دۇنياسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. 14
Kakor je namreč človek, odpravljajoč se na pot, poklical hlapce svoje, in jim je izročil premoženje svoje,
ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، ياقا يۇرتقا يول ئاپتۇ. 15
In dal enemu pet talentov, enemu pa dva, a enemu enega, vsakemu po njegovej moči, in precej odpotoval.
بەش تالانت تەڭگە ئالغان چاكار بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا تېپىپتۇ. 16
Tisti pa, ki je prejel pet talentov, šel je in je ž njimi gospodaril, in napravil je pet drugih talentov.
شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 17
Tako je tudi tisti, ki je prejel dva, tudi on dva druga pridobil.
لېكىن بىر تالانت تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. 18
Tisti pa, ki je prejel enega, šel je in ga je zakopal v zemljo, in skril srebro gospodarja svojega.
ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ غوجىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ. 19
Črez mnogo časa pa pride gospodar teh hlapcev, in začne ž njimi računiti.
بەش تالانت تەڭگە ئالغىنى يەنە بەش تالانت تەڭگىنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا بەش تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 20
Pa pristopi tisti, ki je prejel pet talentov, in prinese pet drugih talentov, govoreč: Gospod! pet talentov si mi dal; glej, pridobil sem ž njimi pet drugih talentov.
خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. 21
Gospod njegov mu pa reče; Dobro, vrli in zvesti hlapec! v majhnem si bil zvest, postavil te bom nad veliko; vnidi v veselje gospodarja svojega.
ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا ئىككى تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 22
Pristopi pa tudi tisti, ki je prejel dva talenta, in reče: Gospod! dva talenta si mi dal; glej, pridobil sem ž njima dva druga talenta.
خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. 23
Gospodar njegov mu reče: Dobro, vrli in zvesti hlapec! v majhnem si bil zvest, postavil te bom nad veliko; vnidi v veselje gospodarja svojega.
ئاندىن، بىر تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلىنىڭ چىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزلىرى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇلنى ئورۇۋالالايلا، ھەمدە ئۇرۇق چاچمىغان يەردىنمۇ خامان ئالىلا. 24
Pristopi pa tudi tisti, ki je prejel eden talent, in reče: Gospod! vedel sem te, da si trd človek, in žanješ, kjer nisi posejal, in pobiraš, kjer nisi raztresel.
شۇڭا قورقۇپ، سىلىنىڭ بەرگەن بىر تالانت تەڭگىلىرىنى يەرگە كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويغانىدىم. مانا پۇللىرىنى ئالسىلا» دەپتۇ. 25
Pa sem se zbal, in šel sem, in skril sem talent tvoj v zemljo; glej, tu imaš svoje.
غوجىسى ئۇنىڭغا: «ئەي، رەزىل، ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ بىلىپ، 26
Gospodar njegov mu pa odgovorí in reče: Hudobni in leni hlapec! vedel si, da žanjem, kjer nisem posejal, in pobiram, kjer nisem raztresel;
ھېچ بولمىغاندا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ! شۇنداق قىلغان بولساڭ مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالغان بولمامتىم؟! 27
Torej bi bil moral ti dati srebro moje menjalcem: in kedar bi bil jaz prišel, vzel bi bil svoje z dobičkom.
شۇڭا، ئۇنىڭ قولىدىكى تالانت تەڭگىنى ئېلىپ، ئون تالانت تەڭگە بار بولغانغا بېرىڭلار! 28
Vzemite mu torej talent, in dajte tistemu, kteri ima deset talentov.
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 29
Kajti vsakemu, kdor ima, dalo se bo, in preveč mu bo; kdor pa nima, odvzelo mu se bo tudi to, kar ima.
بۇ يارامسىز چاكارنى تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. 30
In nepridnega hlapca vrzite v najkrajnjo temo: tam bo jok in škripanje z zobmí.
ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 31
Kedar pa pride sin človečji v slavi svojej, in vsi sveti angelji ž njim, tedaj se bo usedel na prestol svoje slave.
بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛ 32
In pred njim se bodo zbrali vsi narodi; in ločil jih bo enega od drugega, kakor odločuje pastir ovce od kozlov.
ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. 33
In postavil bo ovce sebi na desno, a kozle na levo.
ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار! 34
Tedaj poreče kralj tistim na desnici svojej: Pridite, blagoslovljeni očeta mojega! prejmite kraljestvo, ktero vam je pripravljeno od začetka sveta.
چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، 35
Kajti lačen sem bil, in dali ste mi jesti; žejen, in napojili ste me; gost sem bil, in sprejeli ste me;
يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ دەيدۇ. 36
Nag, in oblekli ste me; bolen, in obiskali ste me; v ječi sem bil, in prišli ste k meni.
ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ 37
Tedaj mu bodo odgovorili pravični, govoreč: Gospod! kedaj smo te videli lačnega, in smo te nasitili? ali žejnega, in smo te napojili?
سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ 38
Kedaj smo te pa videli gosta, in smo te sprejeli? ali nagega, in smo te oblekli?
سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 39
Kedaj smo te pa videli bolnega, ali v ječi, in smo prišli k tebi?
ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 40
In kralj bo odgovoril in jim poreče: Resnično vam pravim, karkoli ste storili enemu teh najmanjih mojih bratov, storili ste meni.
ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! (aiōnios g166) 41
Tedaj poreče tudi tistim na levici: Pojdite od mene, prekleti! v večni ogenj, kteri je pripravljen hudiču in angeljem njegovim. (aiōnios g166)
چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ 42
Kajti lačen sem bil, in niste mi dali jesti; žejen, in niste me napojili; gost sem bil, in niste me sprejeli;
مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. 43
Nag, in niste me oblekli; bolen, in v ječi, in niste me obiskali.
ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 44
Tedaj mu bodo odgovorili tudi oni, govoreč: Gospod! kedaj smo te videli lačnega, ali žejnega, ali gosta, ali nagega, ali bolnega, ali v ječi, in ti nismo postregli?
ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 45
Tedaj jim bo odgovoril, govoreč: Resnično vam pravim, karkoli niste storili enemu teh najmanjih, niste meni storili.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ. (aiōnios g166) 46
In ti pojdejo v večno trpljenje; pravični pa v večno življenje. (aiōnios g166)

< ماتتا 25 >