< ماتتا 22 >
ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: | 1 |
And Jesus answered again by similitudes, and said:
ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز ئوغلى ئۈچۈن توي زىياپىتىنى تەييارلىغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. | 2 |
The kingdom of heaven is like to a royal person, who made a feast for his son.
ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ. | 3 |
And he sent his servants to call those that had been invited, to the feast: and they would not come.
ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ. | 4 |
And again he sent other servants, and said: Tell those invited, Behold, my entertainment is prepared, my oxen and my fatlings are slain, and every thing is prepared; come ye to the feast.
بىراق ئۇلار تەكلىپىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرسى ئېتىزلىقىغا كەتسە، يەنە بىرى سودىسىغا كېتىپتۇ. | 5 |
But they showed contempt, and went away, one to his farm, and another to his merchandise;
قالغانلىرى بولسا [پادىشاھنىڭ] چاكارلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. | 6 |
and the rest seized his servants, and abused them, and slew them.
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەسكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. | 7 |
And when the king heard of it, he was angry; and he sent his military forces, and destroyed those murderers, and burned their city.
ئاندىن ئۇ چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار بولدى، لېكىن چاقىرىلغانلار [مېھمانلىققا] مۇناسىپ كەلمىدى. | 8 |
Then said he to his servants, The feast is prepared, but they who were invited were unworthy.
ئەمدى سىلەر ئاچا يوللارغا بېرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. | 9 |
Go ye therefore to the terminations of the streets; and as many as ye find, bid to the feast.
بۇنىڭ بىلەن چاكارلار يوللارغا چىقىپ، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، ئۇدۇل كەلگەنلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكەپتۇ. توي سورۇنى مېھمانلار بىلەن لىق تولۇپتۇ. | 10 |
And those servants went out into the streets, and collected all they found, both bad and good; and the place of feasting was filled with guests.
پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىرگەندە، ئۇ يەردە زىياپەت كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. | 11 |
And the king went in to see the guests: and he saw there a man who was not clad in the festal garments.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، زىياپەت كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى جاۋاب بېرەلمەي قاپتۇ. | 12 |
And he said to him: My friend, how camest thou here without the festal robes? But he was silent.
پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. | 13 |
Then said the king to the servitors: Bind his hands and his feet, and cast him into the outer darkness: there will be weeping and gnashing of teeth.
چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئازدۇر. | 14 |
For the called are many, and the chosen are few.
بۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن چىقىپ، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز سۆزى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. | 15 |
Then went the Pharisees and took counsel, how they might ensnare him in discourse.
ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز. | 16 |
And they sent to him their disciples, with domestics of Herod, and said to him: Teacher, we know that thou art veracious, and teachest the way of God with truth, regardless of man, for thou hast no respect of persons.
قېنى، قانداق ئويلايلا؟ [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى. | 17 |
Tell us, therefore, how doth it appear to thee: is it lawful to pay capitation money to Caesar, or not?
لېكىن ئەيسا ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلىپ: ــ ئەي ساختىپەزلەر، مېنى نېمىشقا سىنىماقچىسىلەر؟ | 18 |
But Jesus knew their wickedness, and said: Why tempt ye me, ye hypocrites?
قېنى، باجغا تاپشۇرۇلىدىغان بىر تەڭگە ماڭا كۆرسىتىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار بىر دىنار پۇلىنى ئەكەلدى. | 19 |
Show me a denarius of the capitation money. And they brought to him a denarius.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. | 20 |
And Jesus said to them: Whose is this image and inscription?
قەيسەرنىڭ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. | 21 |
They say, Caesar's. He saith to them: Give then Caesar's things to Caesar, and God's things to God.
ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ قېلىشتى-دە، ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى. | 22 |
And when they heard it they were surprised: and they left him, and went away.
شۇ كۈنى، «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەيدىغان سادۇقىيلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىستاپ سوئال قويدى: | 23 |
The same day came Sadducees, and said to him: There is no life of the dead. And they questioned him,
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا]: «بىر كىشى پەرزەنتسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تاپىلىغان. | 24 |
and said to him: Teacher; Moses commanded us, that if a man should die childless, his brother must take his wife and raise up seed to his brother.
بۇرۇن ئارىمىزدا يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئايالىنى ئىككىنچى قېرىندىشىنىڭ ئەمرىگە قالدۇردى. | 25 |
Now there were with us seven brothers. The first took a wife, and deceased; and, as he had no children, he left his wife to his brother.
بىراق ئىككىنچىسىدىكى ئەھۋالمۇ ئۇنىڭكىگە ئوخشاش بولدى، ئاندىن بۇ ئىش ئۈچىنچىسىدە تاكى يەتتىنچى قېرىنداشقىچە ئوخشاش داۋاملاشتى. | 26 |
In like manner also the second, and the third, and up to the whole seven.
ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئۆلۈپ كەتتى. | 27 |
And after them all, the woman also herself died.
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە! | 28 |
In the resurrection, therefore, to which of those seven will she be the wife? For they all had taken her?
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر. | 29 |
Jesus answered, and said to them: Ye do err, from not knowing the scriptures, nor the power of God.
چۈنكى ئۆلۈمدىن تىرىلگەندە ئىنسانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرىگە ئوخشاش بولىدۇ. | 30 |
For in the resurrection of the dead, they do not take wives, nor are wives given to husbands; but they are as the angels of God in heaven.
ئەمدى ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە ئېيتقان: | 31 |
But as to the resurrection of the dead: have ye not read what was spoken to you by God, who said:
«مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!». | 32 |
I am the God of Abraham, the God of Isaac, the God of Jacob? Now he is not the God of the dead, but of the living.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن ھەيرانۇھەس قېلىشتى. | 33 |
And when the multitude heard it they were astonished at his doctrine.
پەرىسىيلەر ئۇنىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. | 34 |
And when the Pharisees heard that he had put the Sadducees to silence, they assembled together;
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: | 35 |
and one of them, who was expert in the law, to tempt him, inquired:
ــ ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ ــ دەپ قىستاپ سورىدى. | 36 |
Teacher, which is the great command in the law?
ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» | 37 |
Jesus said to him: Thou shalt love the Lord thy God, with all thy heart, and with all thy soul, and with all thy might, and with all thy mind.
ــ ئەڭ ئۇلۇغ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەمر مانا شۇ. | 38 |
This is the great and first command.
ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي». | 39 |
And the second, which is like it, is, Thou shalt love thy neighbor as thyself.
پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرى بۇ ئىككى ئەمرگە ئېسىلغان ھالدا ماڭىدۇ. | 40 |
On these two commands hang the law and the prophets.
پەرىسىيلەر جەم بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەيسا ئۇلاردىن: | 41 |
And while the Pharisees were assembled, Jesus questioned them,
ــ مەسىھ توغرىسىدا قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئوغلى؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى، ــ دېيىشتى ئۇلار. | 42 |
and said: What say ye respecting, the Messiah? Whose son is he? They say to him; The son of David.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن [زەبۇردا] داۋۇت مەسىھنى روھتا «رەببىم» دەپ ئاتاپ، ــ | 43 |
He saith to them: How then doth David, by the Spirit, call him Lord? for he said:
«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دەيدۇ؟ | 44 |
The Lord said to my Lord, Seat thyself at my right hand, until I place thy enemies under thy feet.
داۋۇت [مەسىھنى] شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى مەسىھ قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ | 45 |
If David then call him Lord, how is he his son?
ۋە ھېچكىم ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرالمىدى؛ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. | 46 |
And no one was able to give him an answer? And from that day, no one dared to question him.