< ماتتا 21 >
ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: | 1 |
In ko se približajo Jeruzalemu, in pridejo v Betfago k Oljskej gori, tedaj pošlje Jezus dva učenca,
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. بارساڭلارلا، باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. | 2 |
In reče jima: Pojdita v vas, ki vama je nasproti; in precej bosta našla oslico privezano, in žrebe ž njo: odvežita ji, in pripeljita k meni.
ئەگەر بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەبنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار، ئۇ دەرھال ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ. | 3 |
In če vama kdo kaj reče, porečeta: Gospod ji potrebuje; in precej ji bo poslal.
بۇ پۈتۈن ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولدى: ــ | 4 |
Vse to se je pa zgodilo, da se izpolni, kar je rečeno po preroku, kteri pravi;
«زىئون قىزىغا ئېيتىڭلار: ــ مانا، پادىشاھىڭ كېلىۋاتىدۇ، كەمتەر-مۆمىن بولۇپ، مىنىپ بىر ئېشەككە، بويۇنتۇرۇقلۇق ئېشەكنىڭ تەخىيىگە، كېلىۋاتىدۇ يېنىڭغا سېنىڭ». | 5 |
"Recite Sionskej hčeri: Glej, kralj tvoj gre k tebi, krotek, in sedí na oslici in žrebetu sinu oslice pod jarmom."
ئەمدى ھېلىقى ئىككى مۇخلىس بېرىپ ئەيسانىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. | 6 |
Učenca pa odideta in storita, kakor jima je Jezus ukazal.
ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە يېپىنچا-چاپانلىرىنى سالدى ۋە ئۇ ئۈستىگە مىندى. | 7 |
In pripeljeta oslico in žrebe, ter položé na nji oblačila svoja in ga posadé na nji.
ئەمدى توپ-توپ كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ يەنە بىر قىسمى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا ياياتتى. | 8 |
Mnogo ljudstva pa pogrne oblačila svoja po poti; a drugi so sekali veje z dreves, ter jih stlali po poti.
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن توپ-توپ خالايىق: ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا بولغاي! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. | 9 |
A ljudstvo, ktero je šlo pred njim in za njim, vpilo je, govoreč: Hosana sinu Davidovemu! Blagoslovljen, kteri gre v imenu Gospodovem! Hosana na višavah!
ئۇ يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتكۈل شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: ــ بۇ زادى كىمدۇ؟ ــ دېيىشەتتى. | 10 |
In ko vnide v Jeruzalem, zgane se vse mesto, govoreč: Kdo je ta?
خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. | 11 |
Ljudstvo je pa pravilo: Ta je prerok Jezus, iz Nazareta Galilejskega.
ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، | 12 |
In Jezus vnide v tempelj Božji, in izžene vse, kteri so v tempeljnu prodajali in kupovali, in prevrne mize menjalcem, in klopí tistim, kteri so prodajali golobe.
ئۇلارغا: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدانىڭ]: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن سۆزى پۈتۈلگەن؛ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! ــ دېدى. | 13 |
In reče jim: Pisano je: "Dom moj se imenuje dom molitve;" a vi ste naredili iž njega "jamo razbojniško."
ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا بولغاندا قارىغۇ ۋە توكۇرلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. | 14 |
Pa pristopijo k njemu v tempeljnu slepci in hromi; in uzdravi jih.
لېكىن باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ۋە بالىلارنىڭ ئىبادەتخانىدا: «داۋۇتنىڭ ئوغلىغا ھوساننا-تەشەككۈرلەر بولغاي!» دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى. | 15 |
Ko pa vidijo véliki duhovni in pismarji čudeže, ktere storí, in otroke, da vpijejo v tempeljnu, in govoré: Hosana sinu Davidovemu! razjezé se.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئاڭلاۋاتىمەن! سىلەر [مۇقەددەس يازمىلاردىن] شۇنى ئوقۇپ باقمىغانكى، «ئۆزۈڭگە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن مەدھىيە سۆزلىرىنى مۇكەممەل قىلدىڭ»» دېدى. | 16 |
In rekó mu: Slišiš li, kaj ti pravijo? Jezus jim pa reče: Dà! Niste li nikoli brali: "Iz ust nedoraslih in dojencev napravil si hvalo?"
ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيت-ئانىيا يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە قوندى. | 17 |
Ter jih pustí in odide iz mesta v Betanijo, in tu prenoči.
ئەمدى سەھەردە، شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانىدى. | 18 |
Zjutraj pa, vračajoč se v mesto, postane lačen.
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. لېكىن دەرەختىن يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، ئۇنىڭغا قاراپ: ــ ھازىردىن باشلاپ سەندىن مەڭگۈ مېۋە بولمىسۇن! ــ دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. (aiōn ) | 19 |
In ugledavši kraj poti eno smokvo, pride k njej, in ničesar ne najde na njej, razen samo listje; in reče jej: Nikoli več naj ne bo na tebi sadú na vekomaj! In usahnila je smokva precej. (aiōn )
مۇخلىسلار بۇنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ ئەنجۈر دەرىخى نېمانچە تېزلا قۇرۇپ كەتتى! ــ دېدى. | 20 |
In videvši to učenci, začudijo se, govoreč: Kako precej je usahnila smokva!
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ. | 21 |
Jezus pa odgovorí in jim reče: Resnično vam pravim: Če imate vero in ne dvomite, ne boste storili tega samo smokvi, nego če tudi rečete tej gori: Vzdigni se, in vrzi se v morje! zgodilo se bo.
دۇئا قىلىپ نېمىنى تىلىسەڭلار، ئىشەنچىڭلار بولسىلا، شۇلارغا ئېرىشىسىلەر. | 22 |
In vse, karkoli v molitvi prosite, če verujete, boste prejeli.
ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سوراشتى. | 23 |
In ko je prišel v tempelj in je učil, pristopijo k njemu véliki duhovni in ljudski pismarji, govoreč: S kakošno oblastjo delaš to? in kdo ti je dal to oblast?
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئاۋۋال سىلەرگە بىر سوئال قوياي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىمەن. | 24 |
Jezus pa odgovorí in jim reče: Vprašal vas bom tudi jaz eno besedo; in če mi jo poveste, povedal bom tudi jaz vam, s kakošno oblastjo to delam.
يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش نەدىن كەلگەن؟ ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. | 25 |
Odkod je bil krst Janezov? z neba, ali od ljudî?
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، خەلقتىن قورقىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەممىسى يەھيانى پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ ــ دېيىشتى. | 26 |
Oni so pa sami s seboj premišljevali, govoreč: Če rečemo: Z neba, poreče nam: Za kaj mu torej niste verovali? Če pa rečemo: Od ljudî, bojimo se ljudstva; kajti vsi imajo Janeza za preroka.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. | 27 |
Ter odgovoré Jezusu in rekó: Ne vémo. Tudi on jim reče: Tudi jaz vam ne povem, s kakošno oblastjo to delam.
ئەمدى بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ بىرىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. | 28 |
Kaj se vam pa zdí? Imel je človek dva sina. In pristopivši k prvemu, reče: Sin, pojdi, delaj danes v vinogradu mojem.
«بارمايمەن» دەپتۇ ئۇ، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. | 29 |
On pa odgovorí in reče: Ne čem. Potem se pa razkesá, in odide.
ئۇ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ ئەپەندىم، باراي» دەپتۇ-يۇ، لېكىن بارماپتۇ. | 30 |
In pristopivši k drugemu, reče ravno tako. On pa odgovorí in reče: Pojdem, gospod! In ni šel.
بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ؟ ــ بىرىنچى ئوغلى، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرمەكتە. | 31 |
Kteri teh dveh je očetu voljo izpolnil? Rekó mu: Prvi. Jezus jim reče: Resnično vam pravim, da pojdejo mitarji in kurbe pred vami v kraljestvo Božje.
چۈنكى گەرچە يەھيا [پەيغەمبەر] سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى ئايان قىلغىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلاردا يولۇڭلاردىن پۇشايمان قىلماي ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. | 32 |
Kajti prišel je k vam Janez po poti pravice, in niste mu verjeli; mitarji in kurbe so mu pa verjeli, in ko ste vi to videli, niste se potem razkesali, da bi mu bili verjeli.
يەنە بىر تەمسىلنى ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدا بىر شاراب كۆلچىكى قېزىپتۇ ۋە بىر كۆزەت مۇنارى ياساپتۇ. ئاندىن ئۇ ئۈزۈمزارلىقنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا كېتىپتۇ. | 33 |
Čujte drugo priliko! Bil je neki človek gospodar, kteri je zasadil vinograd, in ga ogradil s plotom, in izkopal v njem klet, in sezidal stolp, ter ga izročil vinogradnikom, in odpotoval.
ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. | 34 |
Ko se pa približa čas sadú, pošlje hlapce svoje k vinogradnikom, da prejmó sad njegov.
لېكىن باغۋەنلەر قۇللىرىنى تۇتۇپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىلىپتۇ. | 35 |
In vinogradniki zgrabijo hlapce, in enega pretepó, enega pa ubijejo, a enega kamenjajo.
ئۇ يەنە بىر قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق باغۋەنلەر ئۇلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپتۇ. | 36 |
Zopet pošlje druge hlapce, kterih je bilo več od prvih, in ž njimi storé ravno tako.
ئاخىردا، ئۇ «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. | 37 |
Potem pa pošlje k njim sina svojega, govoreč: Sina se bodo bali.
لېكىن باغۋەنلەر ئوغۇلنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىراسىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. | 38 |
Ko pa ugledajo vinogradniki sina, rekó med seboj: Ta je dedič. Pridite, ubijmo ga, in prilastimo si dedovino njegovo!
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. | 39 |
Ter ga zgrabijo in vržejo ven iz vinograda, in ubijejo.
ئەمدى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئىگىسى كەلگەندە، شۇ باغۋەنلەرنى قانداق قىلار؟ | 40 |
Kedar pride torej gospodar vinograda, kaj bo storil tem vinogradnikom?
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. | 41 |
Rekó mu: Hudobneže, njih bo hudo pogubil, in vinograd svoj bo izročil drugim vinogradnikom, kteri mu bodo dajali sad o svojem času.
ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ باقمىغانمۇسىلەر؟: ــ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى. بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر». | 42 |
Jezus jim reče: Niste li nikoli v pismu brali: "Kamen, kterega so zidarji zavrgli, on je postal glava oglu; od Gospoda se je zgodilo to, in čudno je v očéh naših."
شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەردىن تارتىۋېلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان باشقا بىر ئەلگە ئاتا قىلىنىدۇ. | 43 |
Za to vam pravim, da se bo vam kraljestvo Božje odvzelo, in dalo se bo narodu, kteri donaša njegove sadove.
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. | 44 |
In kdor na ta kamen pade, razbil se bo; a na kogar on pade, razdrobil ga bo.
باش كاھىنلار ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. | 45 |
In slišavši véliki duhovni in Farizeji prilike njegove, spoznajo, da o njih govorí.
ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى. | 46 |
In gledali so, da bi ga vjeli; ali zbojé se ljudstva, ker so ga imeli za preroka.