< ماتتا 20 >

ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. 1
"For the Kingdom of the Heavens is like an employer who went out early in the morning to hire men to work in his vineyard,
ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. 2
and having made an agreement with them for a shilling a day, sent them into his vineyard.
سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. 3
About nine o'clock he went out and saw others loitering in the market-place.
ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ. 4
To these also he said, "'You also, go into the vineyard, and whatever is right I will give you.'
ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ. 5
"So they went. Again about twelve, and about three o'clock, he went out and did the same.
لېكىن [كەچقۇرۇن] سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. 6
And going out about five o'clock he found others loitering, and he asked them, "'Why have you been standing here all day long, doing nothing?'
ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ. 7
"'Because no one has hired us,' they replied. "'You also, go into the vineyard,' he said.
كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. 8
"When evening came, the master said to his steward, "'Call the men and pay them their wages. Begin with the last set and finish with the first.'
ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. 9
"When those came who had begun at five o'clock, they received a shilling apiece;
ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. 10
and when the first came, they expected to get more, but they also each got the shilling.
ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ: 11
So when they had received it, they grumbled against the employer, saying,
«بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ. 12
"'These who came last have done only one hour's work, and you have put them on a level with us who have worked the whole day and have borne the scorching heat.'
لېكىن [يەر ئىگىسى] ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟ 13
"'My friend,' he answered to one of them, 'I am doing you no injustice. Did you not agree with me for a shilling?
ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار. 14
Take your money and go. I choose to give this last comer just as much as I give you.
ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟ 15
Have I not a right to do what I choose with my own property? Or are you envious because I am generous?'
شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ. 16
"So the last shall be first, and the first last."
ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: 17
Jesus was now going up to Jerusalem, and He took the twelve disciples aside by themselves, and on the way He said to them,
ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ 18
"We are going up to Jerusalem, and there the Son of Man will be betrayed to the High Priests and Scribes. They will condemn Him to death,
ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ. 19
and hand Him over to the Gentiles to be made sport of and scourged and crucified; and on the third day He will be raised to life."
شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى. 20
Then the mother of the sons of Zabdi came to Him with her sons, and knelt before Him to make a request of Him.
نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئايال ئۇنىڭغا: ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى. 21
"What is it you desire?" He asked. "Command," she replied, "that these my two sons may sit one at your right hand and one at your left in your Kingdom."
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار. 22
"None of you know what you are asking for," said Jesus; "can you drink out of the cup from which I am about to drink?" "We can," they replied.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ. 23
"You shall drink out of my cup," He said, "but a seat at my right hand or at my left it is not for me to allot, but it belongs to those for whom it has been prepared by my Father."
[قالغان] ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. 24
The other ten heard of this, and their indignation was aroused against the two brothers.
لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. 25
But Jesus called them to Him, and said, "You know that the rulers of the Gentiles lord it over them, and their great men exercise authority over them.
بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ 26
Not so shall it be among you; but whoever desires to be great among you shall be your servant,
ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. 27
and whoever desires to be first among you shall be your bondservant;
ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى. 28
just as the Son of Man came not to be served but to serve, and to give His life as the redemption-price for many."
ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 29
As they were leaving Jericho, an immense crowd following Him,
ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى. 30
two blind men sitting by the roadside heard that it was Jesus who was passing by, and cried aloud, "Sir, Son of David, pity us."
كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. 31
The people angrily tried to silence them, but they cried all the louder. "O Sir, Son of David, pity us," they said.
ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. 32
So Jesus stood still and called to them. "What shall I do for you?" He asked.
يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار. 33
"Sir, let our eyes be opened," they replied.
ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 34
Moved with compassion, Jesus touched their eyes, and immediately they regained their sight and followed Him.

< ماتتا 20 >