< ماتتا 20 >
ــ چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەملەرنى ياللاش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. | 1 |
“Kraljevstvo je nebesko kao kad domaćin rano ujutro izađe najmiti radnike u svoj vinograd.
ئۇ ئىشلەمچىلەر بىلەن كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر كۈمۈش دىناردىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. | 2 |
Pogodi se s radnicima po denar na dan i pošalje ih u svoj vinograd.
سائەت توققۇزلاردا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار تۇرغان باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. | 3 |
Izađe i o trećoj uri i vidje druge gdje stoje na trgu besposleni
ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىڭلار، ھەققىڭلارغا تېگىشلىكىنى بېرىمەن» ــ دەپتۇ. | 4 |
pa i njima reče: 'Idite i vi u moj vinograd pa što bude pravo, dat ću vam.'
ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈشتە ۋە سائەت ئۈچتىمۇ ئۇ يەنە چىقىپ يەنە شۇنداق قىلىپتۇ. | 5 |
I oni odoše. Izađe opet o šestoj i devetoj uri te učini isto tako.
لېكىن [كەچقۇرۇن] سائەت بەشلەردە چىققاندا ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار تۇرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. | 6 |
A kad izađe o jedanaestoj uri, nađe druge gdje stoje i reče im: 'Zašto ovdje stojite vazdan besposleni?'
ئۇلار: «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» ــ دەپتۇ. | 7 |
Kažu mu: 'Jer nas nitko ne najmi.' Reče im: 'Idite i vi u vinograd.'”
كەچ بولغاندا، ئۈزۈمزارلىق ئىگىسى غوجىدارىغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. | 8 |
“Uvečer kaže gospodar vinograda svojemu upravitelju: 'Pozovi radnike i podaj im plaću počevši od posljednjih pa sve do prvih.'
ئاۋۋال كەچقۇرۇن سائەت بەشتە ئىشقا كەلگەنلەر كېلىپ، ھەربىرى بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. | 9 |
Dođu tako oni od jedanaeste ure i prime po denar.
ئەڭ ئاۋۋال ياللاپ كېلىنگەنلەرنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇلار: تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ؛ بىراق ئۇلارمۇ بىر كۈمۈش دىناردىن ئېلىپتۇ. | 10 |
Pa kada dođu oni prvi, pomisle da će primiti više, ali i oni prime po denar.
ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغىنى بىلەن يەر ئىگىسىدىن ئاغرىنىپ: | 11 |
A kad primiše, počeše mrmljati protiv domaćina:
«بۇ ئاخىردا كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارنى كۈن بويى جاپالىق ۋە قاتتىق ئىسسىقنى چەككەن بىزلەر بىلەن باراۋەر ھېسابلىدىڭىزغۇ، دەپ غۇدۇرىشىپتۇ. | 12 |
'Ovi posljednji jednu su uru radili i izjednačio si ih s nama, koji smo podnosili svu tegobu dana i žegu.'”
لېكىن [يەر ئىگىسى] ئۇلارنىڭ بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش دىنارغا كېلىشمىگەنمىدۇق؟ | 13 |
“Nato on odgovori jednomu od njih: 'Prijatelju, ne činim ti krivo. Nisi li se pogodio sa mnom po denar?
ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. بۇ ئاخىردا كەلگەنگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرگۈم بار. | 14 |
Uzmi svoje pa idi. A ja hoću i ovomu posljednjemu dati kao i tebi.
ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىي بولغانلىقىمغا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟ | 15 |
Nije li mi slobodno činiti sa svojim što hoću? Ili zar je oko tvoje zlo što sam ja dobar?'”
شۇنداق قىلىپ «ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ»؛ چۈنكى چاقىرىلغانلار كۆپ، ئەمما تاللانغانلار ئاز بولىدۇ. | 16 |
“Tako će posljednji biti prvi, a prvi posljednji.”
ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى مۇخلىسىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: | 17 |
Dok je Isus uzlazio u Jeruzalem, uze dvanaestoricu nasamo te im putem reče:
ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ | 18 |
“Evo, uzlazimo u Jeruzalem i Sin Čovječji bit će predan glavarima svećeničkim i pismoznancima. Osudit će ga na smrt
ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ ۋە كرېستلەشكە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. لېكىن ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ. | 19 |
i predati poganima da ga izrugaju, izbičuju i razapnu, ali on će treći dan uskrsnuti.”
شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلماقچى بولۇپ سەجدە قىلدى. | 20 |
Tada mu pristupi mati sinova Zebedejevih zajedno sa sinovima, pade ničice da od njega nešto zaište.
نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئايال ئۇنىڭغا: ــ شۇنى ئەمر قىلغايسەنكى، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭدا، بىرى سول يېنىڭدا ئولتۇرسۇن، ــ دېدى. | 21 |
A on će joj: “Što želiš?” Kaže mu: “Reci da ova moja dva sina u tvome kraljevstvu sjednu uza te, jedan tebi zdesna, drugi slijeva.”
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر نېمە تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىشكە تەمشەلگەن قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ ئىچەلەيمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار. | 22 |
Isus odgovori: “Ne znate što ištete. Možete li piti čašu koju ću ja piti?” Kažu mu: “Možemo!”
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ قەدەھىمدىن ئورتاق ئىچىسىلەر. بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇش نېسىۋىسى مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، بەلكى ئاتام كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلارغا نېسىپ بولىدۇ. | 23 |
A on im reče: “Čašu ćete moju doduše piti, ali sjesti meni zdesna ili slijeva - to nisam ja vlastan dati, to je onih kojima je pripravio moj Otac.”
[قالغان] ئون مۇخلىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا، ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. | 24 |
Kada su to čula ostala desetorica, razgnjeve se na dva brata.
لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەر ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ. | 25 |
Zato ih Isus dozva i reče: “Znate da vladari gospoduju svojim narodima i velikaši njihovi drže ih pod vlašću.
بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ | 26 |
Neće tako biti među vama! Naprotiv, tko hoće da među vama bude najveći, neka vam bude poslužitelj.
ۋە كىم ئاراڭلاردىكىلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار بولسۇن. | 27 |
I tko god hoće da među vama bude prvi, neka vam bude sluga.”
ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى. | 28 |
“Tako i Sin Čovječji nije došao da bude služen, nego da služi i život svoj dade kao otkupninu za mnoge.”
ئۇلار يېرىخو شەھىرىدىن چىققاندا، زور بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 29 |
Kad su izlazili iz Jerihona, pođe za njim silan svijet.
ۋە مانا، يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى ئەما ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: ــ ئى رەب، داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ توۋلىدى. | 30 |
I gle, dva slijepca sjeđahu kraj puta. Čuvši da Isus prolazi, povikaše: “Gospodine, smiluj nam se, Sine Davidov!”
كۆپچىلىك ئۇلارنى «ئۈن چىقارماڭلار!» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن، ئۇلار: ــ يا رەب، ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. | 31 |
Mnoštvo ih ušutkivalo, ali oni još jače viknuše: “Gospodine, smiluj nam se, Sine Davidov!”
ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: ــ سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىمنى خالىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. | 32 |
Isus se zaustavi, dozove ih i reče: “Što hoćete da vam učinim?”
يا رەب، كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن! ــ دېيىشتى ئۇلار. | 33 |
Kažu mu: “Gospodine, da nam se otvore oči.”
ئەيسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزىۋىدى، كۆزلىرى شۇئان ئەسلىگە كېلىپ كۆرىدىغان بولدى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 34 |
Isus se ganut dotače njihovim očiju i oni odmah progledaše. I pođoše za njim.