< ماتتا 18 >
بۇ چاغدا، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ ــ دەپ سورىدى. | 1 |
tadānīṁ śiṣyā yīśoḥ samīpamāgatya pṛṣṭavantaḥ svargarājye kaḥ śreṣṭhaḥ?
ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى: | 2 |
tato yīśuḥ kṣudramekaṁ bālakaṁ svasamīpamānīya teṣāṁ madhye nidhāya jagāda,
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. | 3 |
yuṣmānahaṁ satyaṁ bravīmi, yūyaṁ manovinimayena kṣudrabālavat na santaḥ svargarājyaṁ praveṣṭuṁ na śaknutha|
ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. | 4 |
yaḥ kaścid etasya kṣudrabālakasya samamātmānaṁ namrīkaroti, saeva svargarājaye śreṣṭhaḥ|
بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. | 5 |
yaḥ kaścid etādṛśaṁ kṣudrabālakamekaṁ mama nāmni gṛhlāti, sa māmeva gṛhlāti|
لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. | 6 |
kintu yo jano mayi kṛtaviśvāsānāmeteṣāṁ kṣudraprāṇinām ekasyāpi vidhniṁ janayati, kaṇṭhabaddhapeṣaṇīkasya tasya sāgarāgādhajale majjanaṁ śreyaḥ|
ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! | 7 |
vighnāt jagataḥ santāpo bhaviṣyati, vighno'vaśyaṁ janayiṣyate, kintu yena manujena vighno janiṣyate tasyaiva santāpo bhaviṣyati|
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (aiōnios ) | 8 |
tasmāt tava karaścaraṇo vā yadi tvāṁ bādhate, tarhi taṁ chittvā nikṣipa, dvikarasya dvipadasya vā tavānaptavahnau nikṣepāt, khañjasya vā chinnahastasya tava jīvane praveśo varaṁ| (aiōnios )
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna ) | 9 |
aparaṁ tava netraṁ yadi tvāṁ bādhate, tarhi tadapyutpāvya nikṣipa, dvinetrasya narakāgnau nikṣepāt kāṇasya tava jīvane praveśo varaṁ| (Geenna )
ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. | 10 |
tasmādavadhaddhaṁ, eteṣāṁ kṣudraprāṇinām ekamapi mā tucchīkuruta,
چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى. | 11 |
yato yuṣmānahaṁ tathyaṁ bravīmi, svarge teṣāṁ dūtā mama svargasthasya piturāsyaṁ nityaṁ paśyanti| evaṁ ye ye hāritāstān rakṣituṁ manujaputra āgacchat|
قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ | 12 |
yūyamatra kiṁ viviṁgghve? kasyacid yadi śataṁ meṣāḥ santi, teṣāmeko hāryyate ca, tarhi sa ekonaśataṁ meṣān vihāya parvvataṁ gatvā taṁ hāritamekaṁ kiṁ na mṛgayate?
ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ. | 13 |
yadi ca kadācit tanmeṣoddeśaṁ lamate, tarhi yuṣmānahaṁ satyaṁ kathayāmi, so'vipathagāmibhya ekonaśatameṣebhyopi tadekahetoradhikam āhlādate|
شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر. | 14 |
tadvad eteṣāṁ kṣudraprāenām ekopi naśyatīti yuṣmākaṁ svargasthapitu rnābhimatam|
ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. | 15 |
yadyapi tava bhrātā tvayi kimapyaparādhyati, tarhi gatvā yuvayordvayoḥ sthitayostasyāparādhaṁ taṁ jñāpaya| tatra sa yadi tava vākyaṁ śṛṇoti, tarhi tvaṁ svabhrātaraṁ prāptavān,
لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى [گۇۋاھچىنى] ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. | 16 |
kintu yadi na śṛṇoti, tarhi dvābhyāṁ tribhi rvā sākṣībhiḥ sarvvaṁ vākyaṁ yathā niścitaṁ jāyate, tadartham ekaṁ dvau vā sākṣiṇau gṛhītvā yāhi|
لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار. | 17 |
tena sa yadi tayo rvākyaṁ na mānyate, tarhi samājaṁ tajjñāpaya, kintu yadi samājasyāpi vākyaṁ na mānyate, tarhi sa tava samīpe devapūjaka̮iva caṇḍāla̮iva ca bhaviṣyati|
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ. | 18 |
ahaṁ yuṣmān satyaṁ vadāmi, yuṣmābhiḥ pṛthivyāṁ yad badhyate tat svarge bhaṁtsyate; medinyāṁ yat bhocyate, svarge'pi tat mokṣyate|
مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. | 19 |
punarahaṁ yuṣmān vadāmi, medinyāṁ yuṣmākaṁ yadi dvāvekavākyībhūya kiñcit prārthayete, tarhi mama svargasthapitrā tat tayoḥ kṛte sampannaṁ bhaviṣyati|
چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن. | 20 |
yato yatra dvau trayo vā mama nānni milanti, tatraivāhaṁ teṣāṁ madhye'smi|
ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ ــ دېدى. | 21 |
tadānīṁ pitarastatsamīpamāgatya kathitavān he prabho, mama bhrātā mama yadyaparādhyati, tarhi taṁ katikṛtvaḥ kṣamiṣye?
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم! | 22 |
kiṁ saptakṛtvaḥ? yīśustaṁ jagāda, tvāṁ kevalaṁ saptakṛtvo yāvat na vadāmi, kintu saptatyā guṇitaṁ saptakṛtvo yāvat|
ئەرش پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. | 23 |
aparaṁ nijadāsaiḥ saha jigaṇayiṣuḥ kaścid rājeva svargarājayaṁ|
ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تالانت پۇل قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. | 24 |
ārabdhe tasmin gaṇane sārddhasahasramudrāpūritānāṁ daśasahasrapuṭakānām eko'ghamarṇastatsamakṣamānāyi|
چاكارنىڭ تۆلىگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، خوجىسى چاكارنىڭ ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشىنى بۇيرۇپتۇ. | 25 |
tasya pariśodhanāya dravyābhāvāt pariśodhanārthaṁ sa tadīyabhāryyāputrādisarvvasvañca vikrīyatāmiti tatprabhurādideśa|
شۇڭا چاكار ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ: «خوجام، ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، مەن پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. | 26 |
tena sa dāsastasya pādayoḥ patan praṇamya kathitavān, he prabho bhavatā ghairyye kṛte mayā sarvvaṁ pariśodhiṣyate|
چاكارنىڭ خوجىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ. | 27 |
tadānīṁ dāsasya prabhuḥ sakaruṇaḥ san sakalarṇaṁ kṣamitvā taṁ tatyāja|
لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ. | 28 |
kintu tasmin dāse bahi ryāte, tasya śataṁ mudrācaturthāṁśān yo dhārayati, taṁ sahadāsaṁ dṛṣdvā tasya kaṇṭhaṁ niṣpīḍya gaditavān, mama yat prāpyaṁ tat pariśodhaya|
بۇنىڭ بىلەن بۇ چاكار بۇرادىرى يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭدىن: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. | 29 |
tadā tasya sahadāsastatpādayoḥ patitvā vinīya babhāṣe, tvayā dhairyye kṛte mayā sarvvaṁ pariśodhiṣyate|
لېكىن ئۇ ئۇنىماپتۇ ۋە: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە زىنداندا ياتىسەن» دەپ ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپتۇ. | 30 |
tathāpi sa tat nāṅagīkṛtya yāvat sarvvamṛṇaṁ na pariśodhitavān tāvat taṁ kārāyāṁ sthāpayāmāsa|
بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا چاكارلار ئىنتايىن ئازابلىنىپ خوجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. | 31 |
tadā tasya sahadāsāstasyaitādṛg ācaraṇaṁ vilokya prabhoḥ samīpaṁ gatvā sarvvaṁ vṛttāntaṁ nivedayāmāsuḥ|
بۇنىڭ بىلەن خوجىسى ھېلىقى چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي رەزىل چاكار! ماڭا يېلىنغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنىڭ ھەممىسىنى كەچۈردۈم. | 32 |
tadā tasya prabhustamāhūya jagāda, re duṣṭa dāsa, tvayā matsannidhau prārthite mayā tava sarvvamṛṇaṁ tyaktaṁ;
مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ. | 33 |
yathā cāhaṁ tvayi karuṇāṁ kṛtavān, tathaiva tvatsahadāse karuṇākaraṇaṁ kiṁ tava nocitaṁ?
بۇنىڭ بىلەن خوجىسى غەزەپلىنىپ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلەپ بولغۇچە ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلارنىڭ قولىدا تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. | 34 |
iti kathayitvā tasya prabhuḥ kruddhyan nijaprāpyaṁ yāvat sa na pariśodhitavān, tāvat prahārakānāṁ kareṣu taṁ samarpitavān|
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. | 35 |
yadi yūyaṁ svāntaḥkaraṇaiḥ svasvasahajānām aparādhān na kṣamadhve, tarhi mama svargasyaḥ pitāpi yuṣmān pratītthaṁ kariṣyati|