< ماتتا 18 >

بۇ چاغدا، مۇخلىسلار ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەرش پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ ــ دەپ سورىدى. 1
Tehdy Ježíše obstoupili jeho učedníci a ptali se ho: „Kdo z lidí je v nebeském království nejpřednější?“
ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى: 2
Zavolal malé dítě, postavil je mezi ně
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۆز يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرش پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. 3
a řekl: „Dobře mne poslouchejte: Půjde-li vám o přední místa, do Božího království se vůbec nedostanete.
ئەمدى كىم ئۆزىنى بۇ كىچىك بالىدەك كىچىك پېئىل تۇتسا، ئۇ ئەرش پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. 4
Ujišťuji vás, že jen s pokornou myslí dítěte tam můžete vejít a něco znamenat.
بۇنداق كىچىك بىر بالىنى مېنىڭ نامىمدا قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 5
Kdo si umí vážit takového nepatrného člověka, prokazuje tím úctu mně.
لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكتۈرۈۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 6
Na kom by ztroskotala víra jednoho z těchto maličkých ve mne, tomu by bylo lépe, kdyby ho hodili do moře s mlýnským kamenem na krku.
ئىنساننى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار مۇقەررەر بولىدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرغۇچى ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! 7
Běda světu, že se tu dějí věci, pro které člověk ztrácí víru. Pokušení jsou sice nevyhnutelná, ale běda tomu, kdo je působí. Neváhej odložit všechno, co tě odvádí od Boha.
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (aiōnios g166) 8
I kdyby to měla být tvá ruka nebo noha, raději ji utni a zahoď. Lépe je vkulhat do Božího království než skočit oběma nohama do záhuby. (aiōnios g166)
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ ئۆزۈڭدىن نېرى تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاختىكى ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna g1067) 9
A kdyby tě tvé oko svádělo ke zlému, zbav se ho! Je lepší získat věčný život jednooký než přijít s oběma očima do věčného zatracení. (Geenna g1067)
ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. 10
Dejte pozor, abyste nepohrdli ani tím nejprostším člověkem. Věřte tomu, každý z nich má anděla, který ho stále zastupuje před Bohem.
چۈنكى ئىنسانئوغلى ھالاكەتكە ئازغانلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدى. 11
Přišel jsem zachránit ztracené.
قانداق قارايسىلەر؟ بىراۋنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئېزىپ توپتىن چۈشۈپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغلارغا قويۇپ قويۇپ، ھېلىقى ئازغان قويىنى ئىزدەيدىغۇ؟ 12
Když má někdo sto ovcí a jedna z nich se ztratí, co myslíte, že takový člověk udělá? Nenechá těch devadesát devět na pastvině a nepůjde hledat tu ztracenou?
ۋە ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئازمىغان توقسان توققۇزىنىڭكىدىن زور بولىدۇ. 13
A když ji najde, má z ní větší radost než z těch devadesáti devíti, které mu zůstaly.
شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ھالاكەتكە ئېزىپ قېلىشى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەستۇر. 14
A právě tak můj Otec nechce, aby sebenepatrnější člověk zahynul.
ــ ئەمدى ئەگەر قېرىندىشىڭ ساڭا زىيان سېلىپ گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككىڭلار خالىي چاغدا سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ قوي. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنى [ئېزىشتىن] قايتۇرۇۋالغان بولىسەن. 15
Proviní-li se proti tobě někdo z věřících, vyhledej ho a promluv si s ním mezi čtyřma očima. Přizná-li svoji chybu, udělal sis z nepřítele znovu bratra.
لېكىن ئاڭلىمىسا، يەنە بىر-ئىككى [گۇۋاھچىنى] ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن قىلىنسۇن. 16
Bude-li neústupný, přizvi ještě jednoho nebo dva z věřících, aby byli svědky rozhovoru.
لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار. 17
Když si ani tak nedá říci, pověz to shromáždění věřících. Když neuposlechne ani je, ať je vyloučen.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭلار، ئەرشتىمۇ شۇ باغلانغان بولىدۇ ۋە سىلەر يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭلار، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ. 18
Mějte přitom na mysli, že co rozhodnete zde na zemi, bude platit i v nebi.
مەن يەنە شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككىسى ئۆزلىرى تىلىگەن بىر ئىش توغرۇلۇق قەلبى بىر بولۇپ ھەرقانداق نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. 19
A také platí: spojí-li se dva z vás k modlitbám za jakoukoliv záležitost, nebeský Otec je vyslyší.
چۈنكى ئىككى ياكى ئۈچەيلەن مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە يىغىلغان بولسا، مەن شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن. 20
Tam, kde se už dva nebo tři sejdou, aby jednali podle mé vůle, tam jsem já s nimi.“
ئاندىن پېترۇس ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب، قېرىندىشىمنىڭ ماڭا زىيان سېلىپ ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ ــ دېدى. 21
Potom mu Petr položil otázku: „Pane, když se proti mně můj bližní opakovaně prohřešuje, kolikrát mu mám odpustit? Sedmkrát?“
ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش ھەسسە يەتتە قېتىم! 22
Ježíš mu odpověděl: „Ne sedmkrát, ale až sedmdesátkrát sedmkrát.
ئەرش پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. 23
Pán Bůh s námi jedná jako král, který se rozhodl provést vyúčtování se svými podřízenými.
ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا ئون مىڭ تالانت پۇل قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. 24
Mezi prvními mu přivedli jednoho, který měl u něj miliónový dluh.
چاكارنىڭ تۆلىگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، خوجىسى چاكارنىڭ ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشىنى بۇيرۇپتۇ. 25
Ten muž však neměl na zaplacení. Král tedy nařídil, aby ho s celou rodinou prodali do otroctví, rozprodali jeho majetek, a tak uhradili dluh.
شۇڭا چاكار ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ: «خوجام، ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، مەن پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 26
On však před králem padl na kolena a prosil ho: ‚Pane, měj se mnou trpělivost a já všechno zaplatím!‘
چاكارنىڭ خوجىسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپتۇ. 27
Králi bylo líto toho člověka, propustil ho a dokonce mu celý dluh odpustil.
لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ. 28
Sotva však ten muž vyšel od krále, potkal člověka, který mu dlužil nepatrnou částku. Popadl ho a křičel: ‚Hned mi vrať, co jsi dlužen!‘
بۇنىڭ بىلەن بۇ چاكار بۇرادىرى يەرگە يىقىلىپ ئۇنىڭدىن: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. 29
Ten chudák si před něj klekl a zoufale ho prosil: ‚Měj strpení a já ti zaplatím!‘
لېكىن ئۇ ئۇنىماپتۇ ۋە: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە زىنداندا ياتىسەن» دەپ ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپتۇ. 30
Ale věřitel stál na svém a dal ho zavřít do vězení, dokud dluh nezaplatí.
بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باشقا چاكارلار ئىنتايىن ئازابلىنىپ خوجىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. 31
Svědky té události to pobouřilo a šli to oznámit králi.
بۇنىڭ بىلەن خوجىسى ھېلىقى چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي رەزىل چاكار! ماڭا يېلىنغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنىڭ ھەممىسىنى كەچۈردۈم. 32
Ten si předvolal nemilosrdného věřitele a řekl mu: ‚Ty ničemo! Jak velký dluh jsem ti odpustil, když jsi mne prosil!
مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ. 33
A tys nemohl odpustit svému druhovi tak směšnou částku?‘
بۇنىڭ بىلەن خوجىسى غەزەپلىنىپ ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلەپ بولغۇچە ئادەم قىينغۇچى گۇندىپايلارنىڭ قولىدا تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. 34
A rozhněvaný král jej potom dal zavřít, dokud svůj dluh do posledního haléře nezaplatí.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. 35
Tak bude jednat můj nebeský Otec s vámi, jestliže nebudete ochotně odpouštět druhým.“

< ماتتا 18 >