< ماتتا 17 >
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. | 1 |
А через шість день бере Ісус Петра, Якова, та Йоана брата його, й веде їх на гору високу окреме,
ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى. | 2 |
й персобразивсь перед ними: й сяяло лице Його як сонце, а одежа Його стала біла, як сьвітло.
ۋە مانا، [مۇخلىسلارغا] مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالدا كۆرۈندى. | 3 |
Коли се явивсь їм Мойсей та Ілия, розмовляючи з Ним.
شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىساڭ، بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى. | 4 |
Озвав ся ж Петр, і рече до Ісуса: Господи, добре нам тут бути: коли хочеш, зробимо тут три намети: один Тобі, один Мойсейові, а один Ілиї.
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. | 5 |
Ще він говорив, аж ось ясна хмара отїнила їх, і ось голос із хмари глаголючий: Се Син мій любий, що я Його вподобав; Його слухайте.
مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ دۈم يېتىپ ۋەھىمىگە چۈشتى. | 6 |
Зачувши се ученики, припали лицем до землї, й полякались вельми.
بىراق ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: قوپۇڭلار، قورقماڭلار، ــ دېدى. | 7 |
І прийшовши Ісус, торкнув їх, і рече: Устаньте й не лякайтесь.
ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەيسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى. | 8 |
Вони ж, знявши очі свої, не бачили нїкого, тільки одного Ісуса.
تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. | 9 |
І, як сходили вони з гори, нака. зав їм Ісус, глаголючи: Не кажіть нікому про сю із'яву, аж поки Син чоловічий устане з мертвих.
ئاندىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. | 10 |
І питали в Него ученики Його кажучи: Що ж се кажуть письменники, що Ілия мусить прийти попереду?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ. | 11 |
Ісус же, озвавшись, рече їм: Ілия прийде попереду, і налагодить усе.
ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلياس ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئازاب چېكىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. | 12 |
Я ж глаголю вам: Що Ілия вже прийшов, та й не познали його, а зробили на йому, що схотіли. Так і Син чоловічий терпіти ме від них.
شۇ چاغدا مۇخلىسلار ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. | 13 |
Тоді зрозуміли ученики, що глаголав їм про Иоана Хрестителя.
ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: | 14 |
І, як прийшли вони до народу, приступив до Него чоловік, припавши Йому до ніг і говорячи:
رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. | 15 |
Господи, помилуй мого сина; він бо місячник, і тяжко мучить ся: почасту бо падає в огонь, і почасту в воду.
ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، ــ دېدى. | 16 |
І привів я його до учеників Твоїх, та й не змогли вони сцїлити його.
ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. | 17 |
Озвав ся ж Ісус і рече: О кодло невірне та розвратне! Доки буду з вами? доки терпіти му вас? Приведіть менї його сюди.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى. | 18 |
І погрозив йому Ісус і вийшов з него диявол, і одужав хлопець з того часу.
كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. | 19 |
Приступивши тодї ученики до Ісуса, сказали на самоті: Чом не змогли ми вигнати його?
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ. | 20 |
Ісус же рече їм: Через невіру вашу, істино бо глаголю вам: Коли б ви мали віри з зерно горчицї, то сказали б оцій горі: Перейди звідсіля туди; то й перейде; й нїчого не буде неможливого вам.
بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى. | 21 |
Се ж кодло не виходить, як тільки молитвою та постом.
ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ | 22 |
Як же пробували вони в Галилеї, рече до них Ісус: Син чоловічий буде виданий у руки людям;
ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم-قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. | 23 |
і вбють Його, а третього дня Він устане. І засудили вони вельми.
ئاندىن ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، [ئىبادەتخانا] «ئىككى دراقما» [بېجىنى] يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستازىڭلار «ئىككى دراقما»نى تۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 24 |
Як же прийшли в Капернаум, приступили ті, що данину збирали, до Петра, й казали: Чи не дасть ваш учитель данини?
تۆلەيدۇ، ــ دېدى پېترۇس. لېكىن ئۇ ئۆيگە كىرگىشىگىلا، تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ئەيسا ئۇنىڭدىن: ــ سىمون، سېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ، ياكى ياتلاردىنمۇ، ــ دەپ سورىدى. | 25 |
Каже: Так. І як увійшов у господу, попередив його Ісус, глаголючи: Що ти думаєш, Симоне? з кого! земні царі збирають данину? з своїх синів, чи з чужих?
پېترۇس ئۇنىڭغا: ياتلاردىن، ــ دېۋىدى، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر [باجدىن] خالىي بولىدۇ. | 26 |
Каже до Него Петр: Із чужих. Рече йому Ісус: То сини вільні.
بىراق [باج يىغقۇچىلارغا] پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، ــ دېدى. | 27 |
Тільки ж, щоб не блазнити нам Їх, ійди до моря, та закинь удку, й першу рибу, що піймаєть ся, візьми й роззявивши їй рот, знайдеш статира; взявши його, дай їм за мене й за себе.