< ماتتا 17 >

ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. 1
Seis días después, Jesús tomó a Pedro, Jacobo y Juan, y los llevó aparte a una montaña alta.
ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى. 2
Y se transfiguró delante de ellos. Su rostro resplandeció como el sol y sus vestiduras se transformaron como la luz.
ۋە مانا، [مۇخلىسلارغا] مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ھالدا كۆرۈندى. 3
Aparecieron Moisés y Elías quienes hablaban con Él.
شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىساڭ، بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى. 4
Entonces Pedro dijo a Jesús: ¡Señor, es bueno que nos quedemos aquí! Si quieres, haré tres enramadas: una para Ti, una para Moisés y una para Elías.
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مانا نۇرلۇق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. مانا، بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. 5
Mientras hablaba, una nube radiante los cubrió, y de la nube salió una voz que decía: Éste es mi Hijo amado, en Quien me complací. Escúchenlo a Él.
مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ دۈم يېتىپ ۋەھىمىگە چۈشتى. 6
Los discípulos, al oír [esto], cayeron sobre sus rostros y se atemorizaron muchísimo.
بىراق ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: قوپۇڭلار، قورقماڭلار، ــ دېدى. 7
Pero Jesús se acercó, los tocó y dijo: Levántense. No teman.
ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەيسادىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدى. 8
Al levantar sus ojos, solo vieron a Jesús.
تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 9
Mientras ellos descendían de la montaña, Jesús les ordenó: A nadie digan la visión hasta que el Hijo del Hombre sea levantado de entre [los] muertos.
ئاندىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 10
Los discípulos le preguntaron: ¿Por qué dicen los escribas que Elías debe venir primero?
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ. 11
Él respondió: En verdad Elías vendría y restauraría todas las cosas.
ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلياس ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئازاب چېكىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 12
Pero les digo que Elías ya vino y no lo reconocieron, sino hicieron con él todo lo que quisieron. Así también el Hijo del Hombre padecerá pronto en manos de ellos.
شۇ چاغدا مۇخلىسلار ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. 13
Entonces los discípulos comprendieron que les hablaba de Juan el Bautista.
ئۇلار خالايىقنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: 14
Cuando llegó al gentío, un hombre se [le] acercó, se arrodilló ante Él
رەب، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن! چۈنكى ئۇنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولغاچقا، زور ئازاب چېكىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 15
y le dijo: Señor, ten compasión de mi hijo, pues es lunático y padece severamente. Porque muchas veces cae en el fuego y en el agua.
ئۇنى مۇخلىسلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، ــ دېدى. 16
Lo traje a tus discípulos, pero no fueron capaces de sanarlo.
ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. 17
Jesús respondió: ¡Oh generación incrédula y perversa! ¿Hasta cuándo estaré con ustedes? ¿Hasta cuándo los soportaré? ¡Tráiganlo acá!
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىۋىدى، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى. 18
Jesús lo reprendió y el demonio salió de él. El muchacho fue sanado desde aquel momento.
كېيىن، ئەيسا ئايرىم قالغاندا، مۇخلىسلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى قوغلىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. 19
Entonces, los discípulos se acercaron a Jesús en privado y le preguntaron: ¿Por qué nosotros no pudimos echarlo?
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىشەنچىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن. مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسىلا، سىلەر ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچىدۇ؛ شۇنداقلا سىلەرگە مۇمكىن بولمايدىغان ھېچ ئىش بولمايدۇ. 20
Les respondió: Por su poca fe, porque en verdad les digo que si tuvieran fe como un grano de mostaza, dirían a esta montaña: ¡Pásate de aquí allá! Y se pasaría, y nada les sería imposible.
بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن بولمىسا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ــ دېدى. 21
ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ 22
Cuando estaban en Galilea Jesús les dijo: El Hijo del Hombre va a ser entregado en manos de unos hombres
ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇخلىسلار ئېغىر غەم-قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. 23
y lo matarán, pero al tercer día será resucitado. Y ellos se entristecieron muchísimo.
ئاندىن ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، [ئىبادەتخانا] «ئىككى دراقما» [بېجىنى] يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستازىڭلار «ئىككى دراقما»نى تۆلەمدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 24
Al llegar ellos a Cafarnaúm, los que cobraban las dos dracmas se acercaron a Pedro y dijeron: ¿Su Maestro no paga didracma?
تۆلەيدۇ، ــ دېدى پېترۇس. لېكىن ئۇ ئۆيگە كىرگىشىگىلا، تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ئەيسا ئۇنىڭدىن: ــ سىمون، سېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ، ياكى ياتلاردىنمۇ، ــ دەپ سورىدى. 25
Contestó: Sí. Y al llegar a la casa, Jesús se le adelantó y preguntó: ¿Qué opinas, Simón? ¿De quiénes cobran impuestos o tributo los reyes de la tierra? ¿De sus hijos o de los extraños?
پېترۇس ئۇنىڭغا: ياتلاردىن، ــ دېۋىدى، ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر [باجدىن] خالىي بولىدۇ. 26
Y respondió: De los extraños. Jesús le dijo: Entonces los hijos están exentos.
بىراق [باج يىغقۇچىلارغا] پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، دېڭىزغا بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنى ئېلىپ، ئاغزىنى ئاچساڭ، تۆت دراقمىلىق بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ مەن ۋە سەن ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، ــ دېدى. 27
Sin embargo, para que no los ofendamos, vé al mar, lanza un anzuelo y toma el primer pez que salga. Al abrir su boca, hallarás un didracma. Tómalo, vé, dáselo por Mí y por ti.

< ماتتا 17 >