< ماتتا 16 >
ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى. | 1 |
Then the Pharisees and Sadducees came to him, and in order to test him, asked him to show them a sign from heaven.
بىراق ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ كەچقۇرۇن سىلەر قىزىل شەپەقنى كۆرگىنىڭلاردا، «ھاۋا ئەتە ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر | 2 |
In answer he said. "In the evening you say, ‘It will be fine weather, for the sky is red as fire’;
ۋە ئەتىگەندە: «بۈگۈن بوران چىقىدۇ، چۈنكى ئاسماننىڭ رەڭگى قىزىل ھەم تۇتۇق»، دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگى-رويىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، لېكىن بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيسىلەر! | 3 |
and at dawn you say, ‘It will storm today, for the sky is red and lowering.’ You know how to discern the look of the sky, but the signs of the times you cannot read.
رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ [دەۋردىكىلەرگە] «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. | 4 |
A wicked and faithless generation is seeking a sign, but no sign shall be given it but the sign of Jonah." So he left them and went away.
مۇخلىسلىرى [دېڭىزنىڭ] ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. | 5 |
When his disciples reached the other side of the lake, they had forgotten to bring bread.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دېدى. | 6 |
Presently Jesus said to them, "Take heed and beware of the leaven of the Pharisees."
[مۇخلىسلار] ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇنى دەۋاتسا كېرەك، ــ دېيىشتى. | 7 |
And they began discussing it among themselves, saying, "It is because we did not bring any bread."
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ | 8 |
When Jesus knew it he said. "Weaklings in faith! Why are you arguing among yourselves, because you have no bread?
تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنىڭ [تويغۇزۇلغانلىقى]، قانچە سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ | 9 |
"Do you not remember the five loaves for the five thousand, and how many large basketfuls you took up?
يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنىڭ [تويغۇزۇلغانلىقى]، يەنە قانچە چوڭ سېۋەت ئوزۇق يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردىن چىقتىمۇ؟ | 10 |
"Nor the seven loaves for the four thousand, and how many large basketfuls you took up?
سىلەر قانداقمۇ مېنىڭ سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دېگىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ | 11 |
"How is it that you do not perceive that I did not speak to you concerning bread? But beware off the leaven of the Pharisees and Sadducees!"
مۇخلىسلار شۇندىلا ئۇنىڭ ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. | 12 |
Then they realized that he had not told them to beware of the leaven, but of the teaching of the Pharisees and Sadducees.
ئەيسا قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا كەلگىنىدە، ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: كىشىلەر مەن ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 13 |
When Jesus came into the neighborhood of Caesarea Philippi, he asked his disciples, "Who do people say that the Son of man is?"
مۇخلىسلىرى: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 14 |
They replied, "Some say ‘Johnthe Baptist’; others, however, say that’He is Elijah’; others, ‘Jeremiah,’ or ‘One of the Prophets.’"
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. | 15 |
"And who do you say that I am?" he asked them.
سىمون پېترۇس: ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 16 |
So Simon Peter answered, "You are the Christ, the Son of the living God."
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەختلىكسەن، ئى يۇنۇس ئوغلى سىمون! بۇنى ساڭا ئايان قىلغۇچى ھېچ ئەت-قان ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتامدۇر. | 17 |
"Blessed are you, Simon, Son of Jonah," said Jesus; "for flesh and blood have not revealed this to you, but my Father who is in heaven!
مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇسدۇرسەن. مەن جامائىتىمنى بۇ ئۇيۇلتاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. (Hadēs ) | 18 |
"Moreover I say to you that you are Petros (a rock), and on this petra (rock) I will build my church, and the gates of Hades shall not prevail against her. (Hadēs )
ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا تاپشۇرىمەن؛ سەن يەر يۈزىدە نېمىنى باغلىساڭ ئەرشتىمۇ باغلانغان بولىدۇ، سەن يەر يۈزىدە نېمىنى قويۇپ بەرسەڭ، ئەرشتىمۇ قويۇپ بېرىلگەن بولىدۇ، ــ دېدى. | 19 |
"I will give you the keys of the kingdom of heaven; and whatever you bind upon the earth shall be bound in the heavens, and whatever you loose upon earth shall be loosed in the heavens."
بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولۇپ، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. | 20 |
Then he enjoined his disciples to tell no one that he was the Christ.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئايان قىلىشقا باشلىدى. | 21 |
After this Jesus the Christ began to show his disciples how he must go to Jerusalem, and suffer many things at the hands of the elders and chief priests and Scribes, and be put to death, and on the third day be raised again.
شۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: ــ يا رەب، ساڭا رەھىم قىلىنغاي! بېشىڭغا بۇنداق ئىشلار قەتئىي چۈشمەيدۇ! ــ دېدى. | 22 |
Then Peter took him aside and began to reprove him, saying. "God forbid, Master! That shall never befall you."
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ پېترۇسقا قاراپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭسەن، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. | 23 |
But he turned and said to Peter. "Get behind me, Satan! You are a stumbling-block to me, because you are not intent on what pleases God, but what pleases men."
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! | 24 |
Then Jesus said to his disciples. "If any man wishes to come after me, let him renounce self, take up his cross, and follow me.
چۈنكى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماقچى بولغان كىشى چوقۇم جېنىدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. | 25 |
For he who wants to save his life will lose it; but whoever loses his life for my sake will find it.
چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! | 26 |
What will it profit a man to gain the whole world and lose his soul? or what shall a man give in exchange for his soul?
چۈنكى ئىنسانئوغلى ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ؛ ۋە ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىدۇ. | 27 |
For the Son of man is about to come in the glory of his Father, and his angels with him, and then will he reward each one in accordance with his actions.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. | 28 |
Solemnly I tell you, some of those who are standing here shall not taste death, till they have seen the Son of man coming in his kingdom.