< ماتتا 15 >
بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: | 1 |
Tedaj pristopijo k Jezusu pismarji in Farizeji iz Jeruzalema, govoreč:
ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى يۇماي تاماق يەيدىكەنغۇ، ــ دېدى. | 2 |
Za kaj prestopajo učenci tvoji izročilo starijih? Ker ne umivajo rok svojih, kedar jedó kruh.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ | 3 |
On pa odgovorí in jim reče: Za kaj prestopate tudi vi zapoved Božjo za voljo izročila svojega?
چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. | 4 |
Bog namreč je zapovedal, in rekel: "Spoštuj očeta svojega, in mater;" in: "Kdor pa prekolne očeta ali mater, pogine naj s smrtjo."
لېكىن سىلەر: ــ ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان [خۇداغا] ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، | 5 |
Vi pa pravite: Če reče kdo očetu ali materi: Dar je, s čimer ti jaz pomorem, in če prav ne spoštuje očeta svojega ali matere svoje.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار. | 6 |
In zavrgli ste zapoved Božjo za voljo izročila svojega.
ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ | 7 |
Hinavci! lepo je za vas prerokoval Izaija, govoreč:
«مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق. | 8 |
"To ljudstvo mi se približuje z ustmi svojimi, in spoštuje me z ustnicami svojimi: srce njih je pa daleč od mene.
ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس». | 9 |
Ali zastonj me časté, učeč nauke, zapovedi človeške."
ئاندىن ئۇ خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، | 10 |
In poklicavši ljudsto, reče jim: Poslušajte in umejte!
ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، ــ دېدى. | 11 |
Ne skruni človeka to, kar prihaja v usta; nego kar izhaja iz ust, to skruni človeka.
كېيىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەرىسىيلەر ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ رەنجىگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ ــ دېدى. | 12 |
Tedaj pristopijo učenci njegovi in mu rekó: Véš li, da so se Farizeji, slišavši besedo, pohujšali?
لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ. | 13 |
On pa odgovorí in reče: Vsaka rastlina, ktere ni vsadil oče moj nebeški, izrovala se bo.
سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. | 14 |
Pustite jih; oni so slepcem slepi vodniki. Če pa slepec slepca vodi, padla bosta oba v jamo.
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسەن، ــ دېدى. | 15 |
Peter pa odgovorí in mu reče: Razloži nam to priliko!
لېكىن ئۇ: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنچىگە ئېرىشىمىدىڭلار؟! ــ دېدى. | 16 |
Jezus pa reče: Ali ste še tudi vi nerazumni?
ئېغىزغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەنمەمسىلەر؟ | 17 |
Ne umete li, da gre vse, kar prihaja v usta, v trebuh in se meče ven?
لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇدۇر. | 18 |
Kar pa izhaja iz ust, izhaja iz srca, in to skruni človeka.
چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ. | 19 |
Kajti iz srca izhajajo hudobne misli, poboji, prešestva, kurbarije, tatvine, krive priče, kletvine.
ئىنساننى ناپاك قىلىدىغانلار مانا شۇلاردۇر؛ يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ. | 20 |
To je, kar človeka skruni; z neumitimi rokami pa jesti ne skruni človeka.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى. | 21 |
In Jezus izide odtod, in odide v Tirske in Sidonske predele.
مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى. | 22 |
In glej, žena Kananičanka izide iz teh krajev, ter zavpije in mu reče: Usmili se me, Gospod, sin Davidov! mojo hčer hudič zeló muči.
لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. | 23 |
On jej pa ne odgovorí besede. In pristopivši učenci njegovi, prosili so ga, govoreč: Odpodi jo! ko kriči z nami.
ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. | 24 |
On pa odgovorí in reče: Nisem poslan, razen k izgubljenim ovcam Izraelove hiše.
ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ: ــ رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى. | 25 |
Ona pa pristopi, ter mu se pokloni, govoreč: Gospod, pomagaj mi!
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، ــ دېدى. | 26 |
On pa odgovorí in reče: Ni lepo, da se vzeme kruh otrokom in se vrže psom.
لېكىن ھېلىقى ئايال: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، ــ دېدى. | 27 |
Ona pa reče: Dà, Gospod! ali tudi psi jedó od drobtin, ktere padajo z mize njih gospodarjev.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى. | 28 |
Tedaj odgovorí Jezus in jej reče: O žena, velika je vera tvoja! Zgodí naj ti se, kakor hočeš. In hčer njena je ozdravela od tega časa.
ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، گالىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. | 29 |
In Jezus odide odtod, in pride k morju Galilejskemu; in stopivši na goro, usede se.
ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. | 30 |
In k njemu pride mnogo ljudî, kteri so imeli s seboj hrome, slepce, mutce, polomljene in mnogo drugih, ter jih položé k nogam Jezusovim; in uzdravi jih.
شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى. | 31 |
Da se ljudstvo začudi, ko je videlo, da mutci govoré, in so polomljeni zdravi, in hromi hodijo, in slepci vidijo. In hvalili so Boga Izraelskega.
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى. | 32 |
Poklicavši pa Jezus učence svoje, reče: Ljudstvo mi se smili; ker uže tri dnî so pri meni, in nimajo kaj jesti. A lačnih jih ne čem odpraviti, da na poti ne omagajo.
مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ ــ دېيىشتى. | 33 |
Pa mu rekó učenci njegovi: Odkod bi mi vzeli v puščavi toliko kruha, da bi toliko ljudstva nasitili?
ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، ــ دېيىشتى ئۇلار. | 34 |
In reče jim Jezus: Koliko hlebov imate? Oni pa rekó: Sedem, in malo ribic.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. | 35 |
Pa ukaže ljudstvu, naj sedejo po tléh.
ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. | 36 |
In vzeme sedmere hlebe in ribe, in blagoslovi, ter prelomi in dá učencem svojim, učenci pa ljudstvu.
ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن [مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. | 37 |
In jedli so vsi, in nasitili so se; in pobrali so ostanke koscev, sedem košev polnih.
تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. | 38 |
Bilo jih je pa, kteri so jedli, štiri tisoči, brez žen in otrok.
ئۇ خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يۇرتىنىڭ چەت يەرلىرىگە باردى. | 39 |
Razpustivši pa ljudstvo, stopi v ladjo, in pride v Magdalske predele.