< ماتتا 13 >

شۇ كۈنى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، دېڭىز بويىدا ئولتۇراتتى. 1
in illo die exiens Iesus de domo sedebat secus mare
ئەتراپىغا توپ-توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇرۇشاتتى. 2
et congregatae sunt ad eum turbae multae ita ut in naviculam ascendens sederet et omnis turba stabat in litore
ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ مانا، ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. 3
et locutus est eis multa in parabolis dicens ecce exiit qui seminat seminare
ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 4
et dum seminat quaedam ceciderunt secus viam et venerunt volucres et comederunt ea
بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 5
alia autem ceciderunt in petrosa ubi non habebat terram multam et continuo exorta sunt quia non habebant altitudinem terrae
لېكىن كۈن چىقىشى بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. 6
sole autem orto aestuaverunt et quia non habebant radicem aruerunt
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. 7
alia autem ceciderunt in spinas et creverunt spinae et suffocaverunt ea
بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. 8
alia vero ceciderunt in terram bonam et dabant fructum aliud centesimum aliud sexagesimum aliud tricesimum
قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 9
qui habet aures audiendi audiat
مۇخلىسلىرى كېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ سەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا تەمسىللەر ئارقىلىق تەلىم بېرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 10
et accedentes discipuli dixerunt ei quare in parabolis loqueris eis
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى. 11
qui respondens ait illis quia vobis datum est nosse mysteria regni caelorum illis autem non est datum
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 12
qui enim habet dabitur ei et abundabit qui autem non habet et quod habet auferetur ab eo
ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. 13
ideo in parabolis loquor eis quia videntes non vident et audientes non audiunt neque intellegunt
بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر. 14
et adimpletur eis prophetia Esaiae dicens auditu audietis et non intellegetis et videntes videbitis et non videbitis
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇخلىغاندەك يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم. 15
incrassatum est enim cor populi huius et auribus graviter audierunt et oculos suos cluserunt nequando oculis videant et auribus audiant et corde intellegant et convertantur et sanem eos
لېكىن، كۆزلىرىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار كۆرىدۇ؛ قۇلىقىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار ئاڭلايدۇ. 16
vestri autem beati oculi quia vident et aures vestrae quia audiunt
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ھەققانىي ئادەملەر سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغان. 17
amen quippe dico vobis quia multi prophetae et iusti cupierunt videre quae videtis et non viderunt et audire quae auditis et non audierunt
ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار: 18
vos ergo audite parabolam seminantis
ئەگەر بىرى [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. 19
omnis qui audit verbum regni et non intellegit venit malus et rapit quod seminatum est in corde eius hic est qui secus viam seminatus est
تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 20
qui autem supra petrosa seminatus est hic est qui verbum audit et continuo cum gaudio accipit illud
ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 21
non habet autem in se radicem sed est temporalis facta autem tribulatione et persecutione propter verbum continuo scandalizatur
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. (aiōn g165) 22
qui autem est seminatus in spinis hic est qui verbum audit et sollicitudo saeculi istius et fallacia divitiarum suffocat verbum et sine fructu efficitur (aiōn g165)
لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. 23
qui vero in terra bona seminatus est hic est qui audit verbum et intellegit et fructum adfert et facit aliud quidem centum aliud autem sexaginta porro aliud triginta
ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر تەمسىلنى بايان قىلدى: ــ ــئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. 24
aliam parabolam proposuit illis dicens simile factum est regnum caelorum homini qui seminavit bonum semen in agro suo
ئەمما كىشىلەر ئۇيقۇغا چۆمگەن چاغدا، دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ. 25
cum autem dormirent homines venit inimicus eius et superseminavit zizania in medio tritici et abiit
ئەمدى مايسىلار ئۆسۈپ، باشاق چىقارغاندا، كۈرمەكمۇ ئاشكارلىنىشقا باشلاپتۇ. 26
cum autem crevisset herba et fructum fecisset tunc apparuerunt et zizania
خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئەپەندى، سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئەمەسمىدىڭىز؟ كۈرمەكلەر نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. 27
accedentes autem servi patris familias dixerunt ei domine nonne bonum semen seminasti in agro tuo unde ergo habet zizania
خوجايىن: «بۇنى بىر دۈشمەن قىلغان» ــ دەپتۇ. چاكارلار ئۇنىڭدىن: «سىز بىزنى بېرىپ ئۇلارنى ئوتىۋېتىڭلار دېمەكچىمۇ؟» ــ دەپ سوراپتۇ. 28
et ait illis inimicus homo hoc fecit servi autem dixerunt ei vis imus et colligimus ea
«ياق،» ــ دەپتۇ خوجايىن، «ئۇنداق قىلغاندا كۈرمەكلەرنى يۇلغاندا، بۇغدايلارنىمۇ يۇلۇۋېتىشىڭلار مۇمكىن. 29
et ait non ne forte colligentes zizania eradicetis simul cum eis et triticum
بۇ ئىككىسى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسسۇن، ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ــ ئالدى بىلەن كۈرمەكلەرنى ئايرىپ يىغىپ، باغلاپ كۆيدۈرۈشكە قويۇڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا ئەكىرىڭلار، دەيمەن» ــ دەپتۇ خوجايىن. 30
sinite utraque crescere usque ad messem et in tempore messis dicam messoribus colligite primum zizania et alligate ea fasciculos ad conburendum triticum autem congregate in horreum meum
ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەم قولىغا ئېلىپ ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. 31
aliam parabolam proposuit eis dicens simile est regnum caelorum grano sinapis quod accipiens homo seminavit in agro suo
قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. 32
quod minimum quidem est omnibus seminibus cum autem creverit maius est omnibus holeribus et fit arbor ita ut volucres caeli veniant et habitent in ramis eius
ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ. 33
aliam parabolam locutus est eis simile est regnum caelorum fermento quod acceptum mulier abscondit in farinae satis tribus donec fermentatum est totum
ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىلسىز ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. 34
haec omnia locutus est Iesus in parabolis ad turbas et sine parabolis non loquebatur eis
بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن». 35
ut impleretur quod dictum erat per prophetam dicentem aperiam in parabolis os meum eructabo abscondita a constitutione mundi
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىردى. مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىزلىقتىكى كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنى بىزگە شەرھلەپ بەرسەڭ، ــ دەپ ئۆتۈندى. 36
tunc dimissis turbis venit in domum et accesserunt ad eum discipuli eius dicentes dissere nobis parabolam zizaniorum agri
ئۇ ئەمدى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان كىشى ئىنسانئوغلىدۇر. 37
qui respondens ait qui seminat bonum semen est Filius hominis
ئېتىزلىق بولسا ــ دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 38
ager autem est mundus bonum vero semen hii sunt filii regni zizania autem filii sunt nequam
كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر. (aiōn g165) 39
inimicus autem qui seminavit ea est diabolus messis vero consummatio saeculi est messores autem angeli sunt (aiōn g165)
كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. (aiōn g165) 40
sicut ergo colliguntur zizania et igni conburuntur sic erit in consummatione saeculi (aiōn g165)
ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، 41
mittet Filius hominis angelos suos et colligent de regno eius omnia scandala et eos qui faciunt iniquitatem
خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 42
et mittent eos in caminum ignis ibi erit fletus et stridor dentium
ئۇ چاغدا ھەققانىيلار ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا خۇددى قۇياشتەك جۇلالىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 43
tunc iusti fulgebunt sicut sol in regno Patris eorum qui habet aures audiat
ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، خەزىنىنىڭ شاد-خۇراملىقى ئىچىدە بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ. 44
simile est regnum caelorum thesauro abscondito in agro quem qui invenit homo abscondit et prae gaudio illius vadit et vendit universa quae habet et emit agrum illum
يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. 45
iterum simile est regnum caelorum homini negotiatori quaerenti bonas margaritas
سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ. 46
inventa autem una pretiosa margarita abiit et vendidit omnia quae habuit et emit eam
ــ يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. 47
iterum simile est regnum caelorum sagenae missae in mare et ex omni genere congreganti
تور توشقاندا، [بېلىقچىلار] ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، قاچىلارغا قاچىلاپ، ئەرزىمەسلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. 48
quam cum impleta esset educentes et secus litus sedentes elegerunt bonos in vasa malos autem foras miserunt
زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ (aiōn g165) 49
sic erit in consummatione saeculi exibunt angeli et separabunt malos de medio iustorum (aiōn g165)
ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 50
et mittent eos in caminum ignis ibi erit fletus et stridor dentium
ئەيسا ئۇلاردىن: ــ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى. چۈشەندۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 51
intellexistis haec omnia dicunt ei etiam
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ شۇڭا، ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ تەلىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ مۇخلىس بولغان ھەربىر تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن يېڭى ھەم كونا نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ تارقاتقۇچى ئۆي خوجايىنىغا ئوخشايدۇ، ــ دېدى. 52
ait illis ideo omnis scriba doctus in regno caelorum similis est homini patri familias qui profert de thesauro suo nova et vetera
ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇنداق بولدىكى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، 53
et factum est cum consummasset Iesus parabolas istas transiit inde
ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟ 54
et veniens in patriam suam docebat eos in synagogis eorum ita ut mirarentur et dicerent unde huic sapientia haec et virtutes
ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم، ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمون ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ ئىنىلىرى ئەمەسمۇ؟ 55
nonne hic est fabri filius nonne mater eius dicitur Maria et fratres eius Iacobus et Ioseph et Simon et Iudas
ئۇنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ ــ دېيىشەتتى. 56
et sorores eius nonne omnes apud nos sunt unde ergo huic omnia ista
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ. 57
et scandalizabantur in eo Iesus autem dixit eis non est propheta sine honore nisi in patria sua et in domo sua
ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ئۇ ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى. 58
et non fecit ibi virtutes multas propter incredulitatem illorum

< ماتتا 13 >