< ماتتا 13 >
شۇ كۈنى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، دېڭىز بويىدا ئولتۇراتتى. | 1 |
A v ten den vyšed Ježíš z domu, sedl podle moře.
ئەتراپىغا توپ-توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇرۇشاتتى. | 2 |
I sešli se k němu zástupové mnozí, takže vstoupiv na lodí, seděl, všecken pak zástup stál na břehu.
ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ، مۇنداق دېدى: ــ مانا، ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. | 3 |
I mluvil jim mnoho v podobenstvích, řka: Aj, vyšel rozsevač, aby rozsíval.
ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. | 4 |
A když on rozsíval, některá seménka padla podle cesty, a přiletěli ptáci, i szobali je.
بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، | 5 |
Jiná pak padla na místa skalnatá, kdežto neměla mnoho země; a rychle vzešla, protože neměla hlubokosti země.
لېكىن كۈن چىقىشى بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. | 6 |
Ale když slunce vzešlo, uvadla, a že neměla kořene, uschla.
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. | 7 |
Jiná pak padla v trní; i vzrostlo trní, a udusilo je.
بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. | 8 |
A jiná padla v zemi dobrou; i vydalo užitek, některé stý, jiné šedesátý a jiné třidcátý.
قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! | 9 |
Kdo má uši k slyšení, slyš.
مۇخلىسلىرى كېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ سەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا تەمسىللەر ئارقىلىق تەلىم بېرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 10 |
Tedy přistoupivše učedlníci, řekli jemu: Proč jim v podobenstvích mluvíš?
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى. | 11 |
On pak odpověděv, řekl jim: Nebo vám dáno jest znáti tajemství království nebeského, ale jim není dáno.
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. | 12 |
(Nebo kdož má, bude jemu dáno a rozhojníť se; ale kdož nemá, i to, což má, bude od něho odjato.)
ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. | 13 |
Protoť v podobenstvích mluvím jim, že vidouce nevidí, a slyšíce neslyší, ani rozumějí.
بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر. | 14 |
A plní se na nich proroctví Izaiáše, řkoucí: Ušima uslyšíte, ale nesrozumíte; a hledíce, hleděti budete, ale neuzříte.
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇخلىغاندەك يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم. | 15 |
Nebo ztučnělo jest srdce lidu tohoto, a ušima těžce slyšeli a oči své zamhouřili, aby snad někdy neuzřeli očima a ušima neslyšeli a srdcem nesrozuměli, a neobrátili se, a já abych jich neuzdravil.
لېكىن، كۆزلىرىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار كۆرىدۇ؛ قۇلىقىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار ئاڭلايدۇ. | 16 |
Ale oči vaše blahoslavené jsou, že vidí, i uši vaše, že slyší.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ھەققانىي ئادەملەر سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغان. | 17 |
Amen zajisté pravím vám, že mnozí proroci a spravedliví žádali viděti to, což vy vidíte, a neviděli, a slyšeti to, což vy slyšíte, a neslyšeli.
ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار: | 18 |
Vy tedy slyšte podobenství rozsevače.
ئەگەر بىرى [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. | 19 |
Každý, kdož slyší slovo království a nerozumí, přichází ten zlý a uchvacuje to, což jest vsáto v srdce jeho. To jest ten, kterýž podle cesty vsát jest.
تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. | 20 |
Ale v skalnatou zemi vsátý, ten jest, kterýž slyší slovo, a hned je s radostí přijímá.
ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. | 21 |
Než nemá v sobě kořene, ale jest časný, a když přichází soužení nebo protivenství pro slovo, hned se horší.
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. (aiōn ) | 22 |
Ale mezi trní vsátý, ten jest, kterýž slyší slovo Boží, ale pečování tohoto světa a oklamání zboží udušuje slovo, i bývá učiněno bez užitku. (aiōn )
لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. | 23 |
V dobrou pak zemi vsátý, ten jest, kterýž slyší slovo a rozumí, i ovoce nese a vydává, některé zajisté stý, a jiné šedesátý, jiné pak třidcátý.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر تەمسىلنى بايان قىلدى: ــ ــئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. | 24 |
Jiné podobenství předložil jim, řka: Podobno jest království nebeské člověku, rozsívajícímu dobré semeno na poli svém.
ئەمما كىشىلەر ئۇيقۇغا چۆمگەن چاغدا، دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ. | 25 |
Když pak lidé zesnuli, přišel nepřítel jeho a nasál koukole mezi pšenici a odšel.
ئەمدى مايسىلار ئۆسۈپ، باشاق چىقارغاندا، كۈرمەكمۇ ئاشكارلىنىشقا باشلاپتۇ. | 26 |
A když vzrostla bylina a užitek přinesla, tedy ukázal se i koukol.
خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئەپەندى، سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئەمەسمىدىڭىز؟ كۈرمەكلەر نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. | 27 |
I přistoupivše služebníci hospodáře toho, řekli jemu: Pane, všaks dobrého semene nasál na poli svém, kdeže se pak vzal koukol?
خوجايىن: «بۇنى بىر دۈشمەن قىلغان» ــ دەپتۇ. چاكارلار ئۇنىڭدىن: «سىز بىزنى بېرىپ ئۇلارنى ئوتىۋېتىڭلار دېمەكچىمۇ؟» ــ دەپ سوراپتۇ. | 28 |
A on řekl jim: Nepřítel člověk to učinil. Služebníci pak řekli mu: Chceš-liž, tedy půjdeme a vytrháme jej?
«ياق،» ــ دەپتۇ خوجايىن، «ئۇنداق قىلغاندا كۈرمەكلەرنى يۇلغاندا، بۇغدايلارنىمۇ يۇلۇۋېتىشىڭلار مۇمكىن. | 29 |
On pak odpověděl: Nikoli, abyste trhajíce koukol, spolu s ním nevytrhali pšenice.
بۇ ئىككىسى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسسۇن، ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ــ ئالدى بىلەن كۈرمەكلەرنى ئايرىپ يىغىپ، باغلاپ كۆيدۈرۈشكە قويۇڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا ئەكىرىڭلار، دەيمەن» ــ دەپتۇ خوجايىن. | 30 |
Nechte, ať obé spolu roste až do žni. A v čas žni dím žencům: Vytrhejte nejprv koukol a svažte jej v snopky k spálení, ale pšenici shromažďte do stodoly mé.
ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەم قولىغا ئېلىپ ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. | 31 |
Jiné podobenství předložil jim, řka: Podobno jest království nebeské zrnu horčičnému, kteréž vzav člověk, vsál na poli svém.
قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. | 32 |
Kteréžto zajisté nejmenší jest mezi všemi semeny, když pak vzroste, větší jest všech bylin, a bývá strom, takže ptactvo nebeské přiletíce, hnízda sobě dělají na ratolestech jeho.
ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى: ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ. | 33 |
Jiné podobenství mluvil jim, řka: Podobno jest království nebeské kvasu, kterýž vzavši žena, zadělala ve třech měřicích mouky, až by zkysalo všecko.
ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىلسىز ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. | 34 |
Toto všecko mluvil Ježíš v podobenstvích k zástupům, a bez podobenství nemluvil jim,
بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن». | 35 |
Aby se naplnilo povědění skrze proroka, řkoucího: Otevru v podobenstvích ústa svá, vypravovati budu skryté věci od založení světa.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىردى. مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىزلىقتىكى كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنى بىزگە شەرھلەپ بەرسەڭ، ــ دەپ ئۆتۈندى. | 36 |
Tedy rozpustiv zástupy, šel do domu Ježíš. I přistoupili k němu učedlníci jeho, řkouce: Vylož nám podobenství o koukoli toho pole.
ئۇ ئەمدى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان كىشى ئىنسانئوغلىدۇر. | 37 |
On pak odpovídaje, řekl jim: Rozsevač dobrého semene jestiť Syn člověka.
ئېتىزلىق بولسا ــ دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. | 38 |
A pole jest tento svět, dobré pak símě jsouť synové království, ale koukol jsou synové toho zlostníka.
كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر. (aiōn ) | 39 |
A nepřítel, kterýž jej rozsívá, jestiť ďábel, ale žeň jest skonání světa, a ženci jsou andělé. (aiōn )
كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. (aiōn ) | 40 |
Protož jakož vytrhávají koukol a ohněm spalují, takť bude při skonání světa tohoto. (aiōn )
ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، | 41 |
Pošle Syn člověka anděly své, i vyberouť z království jeho všecka pohoršení, i ty, kteříž činí nepravost,
خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. | 42 |
A uvrhouť je do peci ohnivé. Tamť bude pláč a škřipení zubů.
ئۇ چاغدا ھەققانىيلار ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا خۇددى قۇياشتەك جۇلالىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! | 43 |
A tehdážť spravedliví stkvíti se budou jako slunce v království Otce svého. Kdo má uši k slyšení, slyš.
ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، خەزىنىنىڭ شاد-خۇراملىقى ئىچىدە بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ. | 44 |
Opět podobno jest království nebeské pokladu skrytému v poli, kterýž nalezna člověk, skrývá, a radostí pro něj odejde a prodá všecko, což má, a koupí pole to.
يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. | 45 |
Opět podobno jest království nebeské člověku kupci, hledajícímu dobrých perel.
سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ. | 46 |
Kterýž nalezna jednu velmi drahou perlu, odšel a prodal všecko, což měl, a koupil ji.
ــ يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. | 47 |
Opět podobno jest království nebeské vrši puštěné do moře a ze všelikého plodu shromažďující;
تور توشقاندا، [بېلىقچىلار] ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، قاچىلارغا قاچىلاپ، ئەرزىمەسلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. | 48 |
Kteroužto, když naplněna byla, vytáhše na břeh a sedíce, vybírali, což dobrého bylo, v nádoby své, a což bylo zlého, preč zamítali.
زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ (aiōn ) | 49 |
Takť bude při skonání světa. Vyjdou andělé a oddělí zlé z prostředku spravedlivých, (aiōn )
ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. | 50 |
A uvrhou je do peci ohnivé. Tamť bude pláč a škřipení zubů.
ئەيسا ئۇلاردىن: ــ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى. چۈشەندۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. | 51 |
Potom dí jim Ježíš: Srozuměli-li jste tomuto všemu? Řekli jemu: I ovšem, Pane.
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ شۇڭا، ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ تەلىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ مۇخلىس بولغان ھەربىر تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن يېڭى ھەم كونا نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ تارقاتقۇچى ئۆي خوجايىنىغا ئوخشايدۇ، ــ دېدى. | 52 |
On pak řekl jim: Protož každý učitel umělý v království nebeském podoben jest člověku hospodáři, kterýž vynáší z pokladu svého nové i staré věci.
ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇنداق بولدىكى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، | 53 |
I stalo se, když dokonal Ježíš podobenství tato, bral se odtud.
ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟ | 54 |
A přišed do vlasti své, učil je v školách jejich, takže se velmi divili, řkouce: Odkud má tento moudrost tuto a moc tuto?
ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم، ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمون ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ ئىنىلىرى ئەمەسمۇ؟ | 55 |
Zdaliž tento není syn tesařův? a zdaliž matka jeho neslove Maria a bratří jeho Jakub a Jozes a Šimon a Judas?
ئۇنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ ــ دېيىشەتتى. | 56 |
A sestry jeho zdaliž také všecky u nás nejsou? Odkudž tedy má tyto všecky věci?
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ. | 57 |
I zhoršili se na něm. A Ježíš řekl: Není prorok beze cti, než v své vlasti a v domu svém.
ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ئۇ ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى. | 58 |
I neučinil tu mnoho divů, pro nevěru jejich.