< ماتتا 12 >
شۇ چاغلاردا بىر شابات كۈنى، ئەيسا بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈپ، يېيىشكە باشلىدى. | 1 |
At that time, Jesus went on the Sabbath day through the grain fields. His disciples were hungry and began to pluck heads of grain and to eat.
لېكىن بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، مۇخلىسلىرىڭ شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، دېيىشتى. | 2 |
But the Pharisees, when they saw it, said to him, "Look, your disciples do what is not lawful to do on the Sabbath."
بىراق ئۇ ئۇلارغا: ــ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ | 3 |
But he said to them, "Have you not read what David did, when he and his companions were hungry;
ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، [خۇداغا] ئاتالغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى بويىچە يېيىشكە بولمايدىغان «تەقدىم نانلار»نى [سوراپ ئېلىپ]، ئۇلارنى [ھەمراھلىرى] بىلەن بىللە يېگەن. ئەسلىدە بۇ نانلارنى پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولاتتى. | 4 |
how he entered into the house of God, and they ate the show bread, which was not lawful for him to eat, neither for those who were with him, but only for the priests?
سىلەر تەۋراتتىن شۇنى ئوقۇپ باقمىغانسىلەركى، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان كاھىنلار شابات كۈنلىرى ئىشلەپ شابات تەرتىپىنى بۇزسىمۇ، گۇناھقا بۇيرۇلمايدۇ. | 5 |
Or have you not read in the Law, that on the Sabbath day the priests in the temple profane the Sabbath and are blameless?
بىراق مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بار. | 6 |
But I tell you that something greater than the temple is here.
ئەمدىلىكتە ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] «[مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساڭلار، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار دەپ بېكىتمەيتتىڭلار. | 7 |
But if you had known what this means, 'I desire mercy, and not sacrifice,' you would not have condemned the innocent.
چۈنكى ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. | 8 |
For the Son of Man is Lord of the Sabbath."
ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. | 9 |
And he departed from there and went into their synagogue.
ۋە مانا، ئۇ يەردە بىر قولى يېگىلەپ قالغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا سەۋەب تاپماقچى بولۇپ ئۇنىڭدىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 10 |
And look, there was a man with a withered hand. They asked him, "Is it lawful to heal on the Sabbath day?" that they might accuse him.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بىرەرسىڭلارنىڭ قويى شابات كۈنى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمايدىغان ئادەم بارمىدۇ؟ | 11 |
And he said to them, "Which one of you who has one sheep, if it falls into a pit on the Sabbath, will not take hold of it and lift it out?
ئىنسان بولسا قويدىن شۇنچە ئەتىبارلىقتۇر! شۇڭا، شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇندۇر. | 12 |
Of how much more value then is a person than a sheep. Therefore it is lawful to do good on the Sabbath."
ئاندىن ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. | 13 |
Then he told the man, "Stretch out your hand." And he stretched it out, and it was restored whole, just like the other.
بىراق پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى. | 14 |
But the Pharisees went out, and conspired against him, how they might destroy him.
ئەمما ئەيسا بۇنى بىلىۋېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى؛ | 15 |
But Jesus, perceiving that, withdrew from there. Large crowds followed him, and he healed them all,
ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سالاھيىتىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى. | 16 |
and commanded them that they should not make him known.
بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: | 17 |
This was to fulfill what had been spoken through Isaiah the prophet, saying,
ــ «قاراڭلار، مانا مەن تاللىغان ئۆز قۇلۇم! مېنىڭ سۆيۈملۈكىم، دىلىمنىڭ سۆيۈنگىنى! مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ. | 18 |
"Look, my servant whom I have chosen; my beloved in whom my soul delights. I will put my Spirit on him; and he will proclaim justice to the nations.
ئۇ نە تالاش-تارتىش قىلمايدۇ نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ، كوچىلاردا ئۇنىڭ كۆتۈرگەن ئاۋازىنى ھېچ ئاڭلىغۇچى بولمايدۇ. | 19 |
He will not quarrel, nor shout; nor will anyone hear his voice in the streets.
تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛ | 20 |
He won't break a bruised reed. And he won't put out a smoldering wick, until he leads justice to victory.
ۋە ئەللەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلايدۇ». | 21 |
And in his name the coastlands will hope."
شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. | 22 |
Then one possessed by a demon, blind and mute, was brought to him and he healed him, so that the mute man spoke and saw.
بارلىق خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئەجەبا، بۇ داۋۇتنىڭ ئوغلىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. | 23 |
And all the crowds were amazed, and said, "Can this be the son of David?"
لېكىن پەرىسىيلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزىبۇبقا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن، دېيىشتى. | 24 |
But when the Pharisees heard it, they said, "This man does not cast out demons, except by Beelzebul, the prince of the demons."
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. | 25 |
And knowing their thoughts, he said to them, "Every kingdom divided against itself is brought to desolation, and every city or house divided against itself will not stand.
ئەگەر شەيتان شەيتاننى قوغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ | 26 |
And if Satan casts out Satan, he is divided against himself. How then will his kingdom stand?
ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! | 27 |
If I by Beelzebul cast out demons, by whom do your children cast them out? Therefore they will be your judges.
لېكىن مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىغان بولسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرۋەقە ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولدى. | 28 |
But if I by the Spirit of God cast out demons, then the Kingdom of God has come upon you.
بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا، ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. | 29 |
Or how can one enter into the house of the strong man, and carry off his possessions, unless he first bind the strong man? And then he will plunder his house.
مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە [ئادەملەرنى] يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. | 30 |
"He who is not with me is against me, and he who does not gather with me, scatters.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرتۈرلۈك گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلىش ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ. | 31 |
Therefore I tell you, every sin and blasphemy will be forgiven people, but the blasphemy against the Spirit will not be forgiven.
ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان كىمدەكىم بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بولسا بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. (aiōn ) | 32 |
And whoever speaks a word against the Son of Man, it will be forgiven him; but whoever speaks against the Holy Spirit, it will not be forgiven him, neither in this age, nor in that which is to come. (aiōn )
دەرەخ ياخشى بولسا، مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ ــ ياكى دەرەخ پور بولسا، مېۋىسىمۇ ناچار بولىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق دەرەخ ئۆز مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ. | 33 |
"Either make the tree good, and its fruit good, or make the tree corrupt, and its fruit corrupt; for the tree is known by its fruit.
ئەي يىلانلارنىڭ پەرزەنتلىرى! سىلەر رەزىل تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى سۆز چىقسۇن؟ چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە تولۇپ تاشقان بولسا ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. | 34 |
You offspring of vipers, how can you, being evil, speak good things? For out of the abundance of the heart, the mouth speaks.
ياخشى ئادەم ئۆز ياخشى خەزىنىسىدىن ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. يامان ئادەم يامان خەزىنىسىدىن يامان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. | 35 |
The good person out of his good treasure brings out good things, and the evil person out of his evil treasure brings out evil things.
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانلار قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق سۆزى ئۈچۈن سوراق كۈنى ھېساب بېرىدۇ. | 36 |
But I tell you that every careless word that people speak, they will give account of it in the day of judgment.
چۈنكى ئۆز سۆزلىرىڭ بىلەن يا ھەققانىي ئىسپاتلىنىسەن، يا سۆزلىرىڭلار بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلىسەن. | 37 |
For by your words you will be justified, and by your words you will be condemned."
شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇستاز، سەندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرگۈمىز بار، ــ دېدى. | 38 |
Then certain of the scribes and Pharisees said to him, "Teacher, we want to see a sign from you."
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر بىر «ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ دەۋردىكىلەرگە «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق مۆجىرىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. | 39 |
But he answered and said to them, "An evil and adulterous generation seeks after a sign, but no sign will be given it but the sign of Jonah the prophet.
چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ. | 40 |
For as Jonah was three days and three nights in the belly of the great fish, so will the Son of Man be three days and three nights in the heart of the earth.
سوراق كۈنى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇنۇس [پەيغەمبەر] جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ، [يامانلىقىدىن] توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، مۇشۇ يەردە يۇنۇس [پەيغەمبەر]دىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ! | 41 |
The people of Nineveh will stand up in the judgment with this generation, and will condemn it, for they repented at the preaching of Jonah; and look, something greater than Jonah is here.
سوراق كۈنى «جەنۇبتىكى ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، ھازىر مۇشۇ يەردە سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى تۇرىدۇ. | 42 |
The queen of the south will rise up in the judgment with this generation, and will condemn it, for she came from a distant land to hear the wisdom of Solomon; and look, someone greater than Solomon is here.
ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قۇرغاق دالالارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ، بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ | 43 |
But the unclean spirit, when he is gone out of the person, passes through waterless places, seeking rest, and does not find it.
ۋە: «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ يەنىلا بوش تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، | 44 |
Then he says, 'I will return into my house from which I came out,' and when he has come back, he finds it empty, swept, and put in order.
بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ رەزىل دەۋردىكىلەرنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ. | 45 |
Then he goes, and takes with himself seven other spirits more evil than he is, and they enter in and dwell there. The last state of that person becomes worse than the first. Even so will it be also to this evil generation."
ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. | 46 |
While he was yet speaking to the crowds, look, his mother and his brothers stood outside, seeking to speak to him.
شۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ تاشقىرىدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. | 47 |
Then one said to him, "Look, your mother and your brothers stand outside, seeking to speak to you."
لېكىن ئۇ جاۋابەن شۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىدىن: «كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟» ــ دەپ سورىدى. | 48 |
But he answered him who spoke to him, "Who is my mother? Who are my brothers?"
ئاندىن ئۇ قولىنى سوزۇپ مۇخلىسلىرىنى كۆرسىتىپ: ــ مانا مېنىڭ ئانام، مانا مېنىڭ ئىنىلىرىم! | 49 |
And he stretched out his hand towards his disciples, and said, "Look, my mother and my brothers.
چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى. | 50 |
For whoever does the will of my Father who is in heaven, he is my brother, and sister, and mother."