< ماتتا 11 >

ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە [خۇدانىڭ كالامىنى] جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى. 1
耶穌吩咐完了十二個門徒,就離開那裏,往各城去傳道、教訓人。
زىندانغا سولانغان يەھيا [پەيغەمبەر] مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن: 2
約翰在監裏聽見基督所做的事,就打發兩個門徒去,
«كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. 3
問他說:「那將要來的是你嗎?還是我們等候別人呢?」
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەھيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىڭلارنى بايان قىلىپ ــ 4
耶穌回答說:「你們去,把所聽見、所看見的事告訴約翰。
كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. 5
就是瞎子看見,瘸子行走,長大痲瘋的潔淨,聾子聽見,死人復活,窮人有福音傳給他們。
ۋە [ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 6
凡不因我跌倒的就有福了!」
ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «سىلەر ئەسلى [يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ 7
他們走的時候,耶穌就對眾人講論約翰說:「你們從前出到曠野是要看甚麼呢?要看風吹動的蘆葦嗎?
ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! 8
你們出去到底是要看甚麼?要看穿細軟衣服的人嗎?那穿細軟衣服的人是在王宮裏。
ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. 9
你們出去究竟是為甚麼?是要看先知嗎?我告訴你們,是的,他比先知大多了。
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ پۈتۈلگەن سۆز دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا پۈتۈلگەندۇر. 10
經上記着說:『我要差遣我的使者在你前面預備道路』,所說的就是這個人。
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ. 11
我實在告訴你們,凡婦人所生的,沒有一個興起來大過施洗約翰的;然而天國裏最小的比他還大。
ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ. 12
從施洗約翰的時候到如今,天國是努力進入的,努力的人就得着了。
چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 13
因為眾先知和律法說預言,到約翰為止。
ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «[قايتىپ] كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس [پەيغەمبەر]» بولسا، [يەھيانىڭ] ئۆزىدۇر. 14
你們若肯領受,這人就是那應當來的以利亞。
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 15
有耳可聽的,就應當聽!
لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە: 16
我可用甚麼比這世代呢?好像孩童坐在街市上招呼同伴,說:
«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ. 17
我們向你們吹笛, 你們不跳舞; 我們向你們舉哀, 你們不捶胸。
چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ. 18
約翰來了,也不吃也不喝,人就說他是被鬼附着的;
ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». 19
人子來了,也吃也喝,人又說他是貪食好酒的人,是稅吏和罪人的朋友。但智慧之子總以智慧為是 。」
ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ 20
耶穌在諸城中行了許多異能,那些城的人終不悔改,就在那時候責備他們,說:
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. 21
「哥拉汛哪,你有禍了!伯賽大啊,你有禍了!因為在你們中間所行的異能,若行在泰爾、西頓,他們早已披麻蒙灰悔改了。
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. 22
但我告訴你們,當審判的日子,泰爾、西頓所受的,比你們還容易受呢!
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. (Hadēs g86) 23
迦百農啊,你已經升到天上,將來必墜落陰間;因為在你那裏所行的異能,若行在所多瑪,它還可以存到今日。 (Hadēs g86)
ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ. 24
但我告訴你們,當審判的日子,所多瑪所受的,比你還容易受呢!」
شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن! 25
那時,耶穌說:「父啊,天地的主,我感謝你!因為你將這些事向聰明通達人就藏起來,向嬰孩就顯出來。
بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. 26
父啊,是的,因為你的美意本是如此。
ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ. 27
一切所有的,都是我父交付我的;除了父,沒有人知道子;除了子和子所願意指示的,沒有人知道父。
ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 28
凡勞苦擔重擔的人可以到我這裏來,我就使你們得安息。
مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 29
我心裏柔和謙卑,你們當負我的軛,學我的樣式;這樣,你們心裏就必得享安息。
چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر. 30
因為我的軛是容易的,我的擔子是輕省的。」

< ماتتا 11 >