< ماتتا 10 >
ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. | 1 |
Un Savus divpadsmit mācekļus pieaicinājis, Viņš tiem deva varu pār nešķīstiem gariem, tos izdzīt un dziedināt visas sērgas un visas vājības.
ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، | 2 |
Bet to divpadsmit apustuļu vārdi ir šie: tas pirmais Sīmanis, kas top saukts Pēteris, un Andrejs, viņa brālis; Jēkabs, Cebedeja dēls, un Jānis, viņa brālis;
فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي، | 3 |
Filips un Bērtulis, Toms un Matejs, tas muitnieks, Jēkabs, Alfeja dēls, un Lebejs ar pavārdu Taddejs;
مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت. | 4 |
Sīmanis no Kānas un Jūdas Iskariots, kas Viņu arī nodeva.
ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى [خەلقنىڭ ئارىسىغا] مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ يات ئەللىكلەرنىڭ يوللىرىغا چىقماڭلار، ياكى سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ كىرمەڭلار، | 5 |
Šos divpadsmit Jēzus izsūtīja, tiem pavēlēdams un sacīdams: “Nenoejat uz pagānu ceļu un neieejat Samariešu pilsētā.
بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار. | 6 |
Bet ejat visvairāk pie tām pazudušām avīm no Israēla cilts.
بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار. | 7 |
Bet izgājuši pasludiniet un sakiet: “Debesu valstība ir tuvu klāt nākusi.”
ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار. | 8 |
Dziedinājiet sērdzīgus, šķīstiet spitālīgus, uzmodinājiet mirušus, izdzeniet velnus. Bez maksas to esat dabūjuši, bez maksas to dodiet.
بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار. | 9 |
Neiegādājieties zelta nedz sudraba nedz vara savās jostās,
سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. | 10 |
Ne kulīti uz ceļu, nedz divus svārkus, nedz kurpes, nedz zizli, jo strādniekam sava barība nākas.
ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار. | 11 |
Un kurā pilsētā jeb miestā jūs nāksiet, izmeklējat, kas tur vērts, un tur paliekat, tiekams jūs no turienes iziesiet.
بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار. | 12 |
Un namā iegājuši sveicināt to.
ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر [ھۆرمەتكە] لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن. | 13 |
Un ja tas nams ir vērts, tad jūsu miers pār to nāks, bet ja tas nav vērts, tad jūsu miers pie jums atkal atgriezīsies.
سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. | 14 |
Un ja kas laban jūs negrib uzņemt nedz klausīt jūsu vārdus, tad izejat no tā nama vai no tās pilsētas, un nokratiet pīšļus no savām kājām.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. | 15 |
Patiesi, Es jums saku: “Sodomas un Gomoras zemei vieglāki nāksies soda dienā nekā tādai pilsētai.”
مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار. | 16 |
Redzi, Es jūs sūtu kā avis vilku starpā; tāpēc esat gudri kā čūskas un bez viltus kā baloži.
ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ. | 17 |
Bet sargājaties no cilvēkiem, jo tie jūs nodos savās tiesās un jūs šaustīs savās baznīcās.
ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. | 18 |
Un jūs tapsiet vesti Manis dēļ valdnieku un ķēniņu priekšā, viņiem un tiem pagāniem par liecību.
لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. | 19 |
Kad tie nu jūs nodos, tad nebēdājaties, kā un ko jūs runāsiet, jo tanī pašā stundā jums taps dots, kas jums jārunā.
چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. | 20 |
Jo jūs neesat tie runātāji, bet jūsu Tēva Gars ir tas runātājs iekš jums.
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. | 21 |
Bet tur brālis brāli nodos pie nāves un tēvs dēlu; un bērni celsies pret vecākiem un tos nonāvēs.
شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. | 22 |
Un jūs būsiet ienīdēti no visiem Mana Vārda dēļ. Bet kas pastāv līdz galam, tas taps izglābts.
ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش [ۋەزىپىڭلار] تۈگىمەيدۇ. | 23 |
Bet kad tie jūs vajā šinī pilsētā, tad bēgat uz citu. Patiesi, Es jums saku: jūs nebūsiet vēl izstaigājuši Israēla pilsētas, tiekams Tas Cilvēka Dēls nāks.
مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. | 24 |
Māceklis nav augstāks pār savu mācītāju, nedz kalps pār savu kungu.
مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟ | 25 |
Tas ir māceklim gan, kad tas top kā viņa mācītājs, un kalps kā viņa kungs; kad tie to nama kungu saukuši (par) Belcebulu, tad jo vairāk viņa saimi.
شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. | 26 |
Tāpēc nebīstaties no tiem. Jo nekas nav apslēpts, kas nenāks gaismā, nedz slepens, kas netaps zināms.
مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار. | 27 |
Ko Es jums saku tumsībā, to runājat gaismā; un kas jums klusiņām sacīts ausi, to sludinājiet uz jumtiem.
تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار. (Geenna ) | 28 |
Un nebīstaties no tiem, kas miesu nokauj un dvēseli nevar nokaut; bet bīstaties vairāk no tā, kas miesu un dvēseli var nomaitāt ellē. (Geenna )
ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. | 29 |
Vai divi zvirbuļi netop pirkti par vienu artavu? Un neviens no tiem nekrīt zemē bez jūsu Tēva.
ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. | 30 |
Bet arī jūsu galvas mati visi ir skaitīti.
شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر! | 31 |
Tāpēc nebīstaties: jūs esat labāki nekā daudz zvirbuļi.
شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ | 32 |
Tad nu ikkatru, kas Mani apliecinās cilvēku priekšā, to arī Es apliecināšu Sava Tēva priekšā, kas ir debesis.
بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن. | 33 |
Bet kas Mani aizliegs cilvēku priekšā, to Es arīdzan aizliegšu Sava Tēva priekšā, kas ir debesīs.
مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم. | 34 |
Nedomājiet, ka Es esmu nācis, mieru atnest virs zemes; Es neesmu nācis, mieru atnest, bet zobenu.
چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. | 35 |
Es esmu nācis, cilvēku savest ienaidā ar viņa tēvu, un meitu ar viņas māti, un vedeklu ar viņas vīra māti.
شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ». | 36 |
Un cilvēka ienaidnieki būs viņa paša mājas ļaudis.
ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. | 37 |
Kas tēvu un māti vairāk mīļo nekā Mani, tas Manis nav vērts, un kas dēlu vai meitu vairāk mīļo nekā Mani, tas Manis nav vērts.
ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. | 38 |
Un kas savu krustu uz sevi neņem un Man neiet pakaļ, tas Manis nav vērts.
ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. | 39 |
Kas savu dzīvību atrod, tam tā zudīs, un kam Manis dēļ dzīvība zūd, tas to atradīs.
سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. | 40 |
Kas jūs uzņem, tas Mani uzņem, un kas Mani uzņem, tas uzņem To, kas Mani sūtījis.
بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. | 41 |
Kas pravieti uzņem pravieša vārdā, tas pravieša algu dabūs; un kas taisnu uzņem taisnā vārdā, tas taisnā algu dabūs.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ. | 42 |
Un kas vienu no šiem vismazākiem dzirdinās tikai ar vienu biķeri auksta ūdens, tāpēc ka tam ir mācekļa vārds, patiesi, Es jums saku, tam sava alga nezudīs.”